نوبېل

نوبېل

نوبېل (Alfred Nobel)  (1833-1896)  نوبېل (Alfred Nobel) (1833-1896)


    نوبېل (Nobel Alfred Nobel)شىۋېتسىيىنىڭ پايتەختى ستوكھولمدا 1833-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى تۇغۇلغان، ئۇنىڭ دادىسى  نوبېل بوۋايمۇ خىمىيىنى تەتقىق قىلغان، ھەمدە پارتلاتقۇچ دورا ئۈستىدىمۇ تەجرىبە ئېلىپ بارغان . نوبېل ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغدا دادىسى ئۈچۈن دىيەرلىك ياردەمچى بولغان. 16 ياشقا كىرگەندە، ئائىلە تۇرمۇشىنىڭ ناچارلىقىدىن مەكتەپتىن چېكىنىپ، ئامېرىكىغا بىرىپ بىر زاۋۇتقا كىرگەن. شاگىرتلىق مەزگىلىدە، كارامەت ئىجاتچانلىق ئىقتىدارىنى كۆرسەتكەن.

   نوبېل ئامېرىكىدىن ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، كان ئىچىش ۋە يول ياساشتىكى ئېغىر ئەمگەكنى كۆرۈپ پارتلىتىشنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئەمگەكنى يېنىكلىتىپ، ئىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش نىيىتىگە كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن پارتلاتقۇچ دورىنى تەتقىق قىلىشقا بەل باغلىغان. باشتا نوبېلنىڭ قىلغان تەجرىبىسى ئۈزلۈكسىز مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ. ئۇ ھەقتە تۈرلۈك مەسخىرىلەرمۇ بولۇپ تۇرىدۇ. لېكىن ئۇ پەقەت مەيۈسلەنمەيدۇ. 1867 - يىلى 9 - ئاينىڭ 3-كۈنى نوبىل تەجرىبىخانىدا يەنە پارتلاتقۇچ دورا ئۈستىدە تەجرىبە قىلىدۇ. كۈتۈلمىگەن يەردىن چىققان مۇۋەپپەقىيەتتىن چوڭ بالا - قازا تۇغۇلىدۇ. پارتلاتقۇچ دورا پارتلاپ كېتىدۇ، پۈتۈن تەجرىبىخانا ۋەيران بولۇپ، 5 ئادەم ئۆلىدۇ، ئۇنىڭ ئىنىسىمۇ پارە - پارە بولۇپ كېتىدۇ. دادىسى نوبىل بوۋايمۇ ئېغىر يارىدار بولىدۇ. بۇ چوڭ بالايى ئاپەت نوبېلغا ناھايىتى قاتتىق زەربە بولىدۇ. لېكىن ئۇ رايىدىن قايتمايدۇ. ئۇ تەتقىقاتىنى تىرىشىپ داۋاملاشتۇرۇپ، ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرمىگىچە ھەرگىز توختىماسلىققا بەل باغلايدۇ.

1864-يىلىدىكى ستوكھولم تەجرىبىخانىسىدىكى چوڭ پارتلاش1864-يىلىدىكى ستوكھولم تەجرىبىخانىسىدىكى چوڭ پارتلاش


  نوبېلنىڭ پارتلاتقۇچ دورىنى تەتقىق قىلىش ئارقىسىدا ئۆيى ۋەيران بولغانلىقى، ئادەم ئۆلگەنلىك خەۋىرى تارقالغاندىن كىيىن، ھۆكۈمەت قاتتىق چۆچۈپ: «ئۇنىڭ قۇرۇقلۇقتا تەجرىبە قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ» دېگەن بۇيرۇقنى چىقىرىدۇ. ئائىلىسىدىكىلەرمۇ ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ساقلاش ئۈچۈن، تەجرىبە قىلىشتىن ۋاز كېچىشكە نەسىھەت قىلىدۇ. نوبېل قورقۇپمۇ قالماي، نەسىھەتنىمۇ ئاڭلىماي داۋاملىق تەجرىبە قىلىدۇ. ئۇ ئاكىسى بىلەن بىللە بىر قولۋاقنى ئىجارىگە ئېلىپ، كۆلدە تەجرىبە قىلماقچى بولىدۇ. دەسلەپ قولۋاقنىڭ ئىگىسى قولۋىقىنىڭ پارتلاپ ۋەيران بولۇپ كېتىشىدىن قورقۇپ، ئۇنى ئىجارىگە بېرىشكە ئۇنىمايدۇ. كىيىن ئۇلار نۇرغۇن پۇل خەجلەپ، ئاخىرى بىر قولۋاقنى ئىجارىگە ئالىدۇ. تەجرىبىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، نوبېل مارالون كۆلىدە بىر كىچىك تەجرىبىخانا قۇرىدۇ، بۇ مەزگىلدە ئۇ ئوت ئالغۇچ پىلتىنى ياخشىلايدۇ. پارتلىغۇچ كىسلاتا (ياكى پارتلىغۇچ سىماب Hg(ON)2) دىن كاپسول ياسايدۇ ھەمدە بارلىق قىيىن مەسىلىلەر ئۈستىدە قاتتىق باش قاتۇرۇپ تەتقىق قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ 4 يىلدىن ئارتۇق جاپالىق ئەمگەك قىلىپ نەچچە يۈز قېتىم تەجرىبە قىلىدۇ. بىر كۈنى، ئۇ كاپسول پىلتىسىگە ئوت تۇتاشتۇرۇپ قويۇپ، تەجرىبە ئۈستىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە نەزەر سېلىپ تۇرىدۇ. باشتا ئوت ئۇچقۇنى يامراپ ماڭىدۇ ھەم ۋىژىلدىغان ئاۋاز چىقىدۇ. ئۇ جىددىي ھالەتتە مۇۋەپپەقىيەتلىك نەتىجىنى كۈتۈپ تۇرىدۇ، بۇچاغدا، ھەربىر سېكونت ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر جىددىي سىناق ئىدى. بىردىنلا قاتتىق پارتلىغان ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ، ئاسماننى قويۇق تۈتەك قاپلايدۇ، ئەتراپتىكىلەر نېمە ۋەقە بولغانلىقىنى بىلگەندىن كىيىن، ئالاقزادە بولۇشۇپ، «نوبىل تۈگەشتى، نوبىل تۈگەشتى» دېيىشىدۇ. بىردەمدىن كېيىن، تۈتەك بىر ئاز تارقاپ، ھوشىغا كەلگەن نوبېل تۈتەك ئىچىدە ئاستا ئورنىدىن تۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستى - بېشى قاپقارا ھەم قان بولۇپ باياتىن نېمە بولغانلىقىنىمۇ ئاڭقىرالماي قالىدۇ. پۈتۈنلەي ھوشىغا كەلگەندىن كېيىن، خۇشاللىقىدىن «مۇۋەپپەقىيەت قازاندىم ، مۇۋەپپەقىيەت قازاندىم» دەپ ۋارقىراپ كېتىدۇ.

نوبېلنىڭ تەجرىبىخانىسى(In Bofors, Sweden)نوبېلنىڭ تەجرىبىخانىسى(In Bofors, Sweden)


 

 


    1867- يىلى نوبېل كەشىپ قىلغان كۈچلۈك پارتلاتقۇچ دورا - تىرنىتروگلىتسېرىن بىلەن كىرىمنىيلىق توپا قوشۇلمىسى كان ئېچىش ۋە يول ياساشتا ئىشلىتىلىشكە باشلايدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك يېنىكلەپ، ئىش ئۈنۈمىمۇ ھەسسىلەپ ئاشىدۇ. كېيىن مۇشۇ كۈچلۈك پارتلاتقۇچ دورا بىلەن ئالىپىس تىغىنى تېشىپ ئۆتۈپ، 9 مىل ئۇزۇنلۇقتىكى تونىل مۇددەتتىن بىرنەچچە يىل ئىلگىرى ياسىلىپ بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن 5 مىليون سومدىن ئارتۇق خىراجەت تېجەپ قېلىنىدۇ.

    نوبېل قازانغان مۇۋەپپەقىيىتى بىلەن قانائەتلىنىپ قالماي، يەنە داۋاملىق تىرىشىپ تەتقىق قىلىدۇ، ئۇ 1875 - يىلى «ئىسسىز ئوق دورىسى» نى كەشپ قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە خىمىيە ساھەسىدىمۇ نۇرغۇن نەرسىلەرنى كەشپ قىلىدۇ. يالغۇز ئەنگىلىيىدە مەنپەئەتدارلىق ھوقۇقىغا ئىگە بولغىنى 120 خىلدىن ئاشىدۇ.

    نوبىل ئۆمۈرۋايەت بويتاق ئۆتكەن، پۈتۈن زېھنىي - قۇۋۋىتىنى ئىنسانىيەتنىڭ ئىلىم - پەن ئىشلىرىغا تەقدىم قىلغان. ئۇ 1896- يىلى 12- ئايىنىڭ 10 - كۈنى، 63 يېشىدا ۋاپات بولغان. ئۇ ۋاپات بولۇش ئالدىدا، ئۆزىنىڭ 32 مىليون كرون مىراسىنى مۇكاپات فوندى قىلىپ، ئۇنىڭ يىللىق ئۆسۈمىنى خىمىيە، فىزىكا، فىزىئولوگىيە ياكى تىببىي ئىلىم بويىچە زور كەشپىيات ياراتقان كىشىلەرگە، ئەدەبىيات جەھەتتە ئەڭ يارقىن ئەسەر ياراتقان كىشىلەرگە، دۇنيا تىنچلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەڭ زور تۆھپە ياراتقان كىشىلەرگە مۇكاپات قىلىپ بېرىشنى ۋەسىيەت قىلغان.

نوبېل مۇكاپاتىنىڭ ئالدى-ئارقا كۆرۈنۈشىنوبېل مۇكاپاتىنىڭ ئالدى-ئارقا كۆرۈنۈشى




نوبېل مۇكاپاتىنوبېل مۇكاپاتى


مەشھۇر نوبېل مۇكاپاتى ئەنە شۇنىڭدىن كەلگەن .


     




 نوبىل سىتوكھولمدا تۇغۇلۇپ، ئىتالىيىدىكى سانرىمادا ئالەمدىن ئۆتكەن . ئەمما ئۇنىڭ قەبرىسىنىڭ نەدىلىكى ماتېرىياللاردا ناھايىتى ئاز تىلغا ئېلىنغان، نوبېلنىڭ يۇرتىنىمۇ بىلىدىغانلار چاغلىقلا، نوبېلنىڭ قەبرىسى سىتوكھولم شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمال تەرىپىدە بولۇپ ، مەشھۇر كارالىنىسكا تىببىي ئىنستىتۇتىغا يىراق بولمىغان جايدىكى نەچچە يۈز مو كىلىدىغان جامائەت قەبرىستانلىقىدا . نوبىل قەبرىسىنىڭ بېشىغا ئۈچمىتىر ئېگىزلىكتىكى كۈلرەڭ ئۇچلۇق قەبرە تېشى ئورنىتىلغان بولۇپ ، تاشنىڭ ئالدى يۈزىگە«NOBEL» دېگەن ئالتۇن ھەل بىرىلگەن خەت ۋە نوبېلنىڭ تۇغۇلغان ، ۋاپات بولغان ۋاقتى ، قەبرىنىڭ ئىككى يېنىغا نوبېلنىڭ تۆت تۇغقىنىنىڭ ئىسمى ۋە ئۇلارنىڭ دۇنياغا كېلىپ-كەتكەن ۋاقتى ئويۇلغان . قەبرىدە نوبېلنىڭ سۈرىتى يوق، قاپارتما نەقىشلەرمۇ يوق ، ئۇنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىغا قوشقان ئۆچمەس تۆھپىلىرى يېزىلغان بىرەر خەتمۇ يوق ! نوبىلنى بىلىدىغانلار ئۇنىڭ قەبرىسى ئالدىدا تۇرۇپ ، بۇ ئاددى-ساددىلىقنىڭ كىشى قەلب تارىنى تىترىتىدىغانلىقىنى ھېس قىلالايدۇ. نوبىل ئۆمرىدە ئۆيلەنمىگەن ، 63 يىللىق ھاياتىنىڭ كۆپ چاغلىرىدا كېسەللىكنىڭ ئازابلىشىغا بەرداشلىق بېرىپ ئۆتكەن . لېكىن ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە كۆرەش قىلىپ ، ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەردە 355 كەشپىيات پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن . نوبېلنىڭ ھايات چېغىدا:« ئالەمدىن ئۆتكەنلەرنى خاتىرە تاش شەكلىدە ئەسلەپ ئولتۇرماي ، ھاياتلارنىڭ تۇرمۇشىغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىمەن» ، «قانداق شەرەپكە ئېرىشىشىم كېرەكلىكىنى بىلمەيمەن ، ئۇنىڭغا زوقۇممۇ يوق» دەيدىغان ئىككى جۈملە ھېكمەتلىك سۆزى بار ئىدى . نوبېلنىڭ قەبرىسى ئېھتىمال ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىنىڭ ئىزاھاتى بولسا كېرەك.

شىۋىتسىيە ستوكھولم نوبېل مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمى زالىدىن بىر كۆرۈنۈش(December 10, 2006)شىۋىتسىيە ستوكھولم نوبېل مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمى زالىدىن بىر كۆرۈنۈش(December 10, 2006)


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 2

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 586 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 4قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-04-19