قازاقلار

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 1 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

     قازاقلار ....قازاقىستاننىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى ھىساپلىنىدۇ ،ئۇلارنىڭ ئومۇمى ئاھالىسى 15مىليۇندىن ئارتۇق.شىنجاڭدا، ئوزبېكىستاندا،روسىيە،قىرغىسىستان ،تاجىكستان، موڭغۇلىيە، تۇركىيە، ئافغانىستان، ھىندىستان، پاكىستان، گىرمانىيە قاتارلىق مەملىكەتلەردىمۇ بىر مىيليۇندىن ئارتۇق قازاق بار.

     قازاقلارنىڭ ئىرقى مۇڭغۇل ئىرقىنىڭ جەنۇبى سىبىر تىپىغا تەۋە ، تىلى ئالتاي تىللىرى سىستىمىسىنىڭ تۇركى تىللار گۇرۇپىسى قىپچاق تىلى تارمىقىغا تەۋە .

    قازاقىستاندىن سىرتقى جايدىكى قازاقلار رۇسىيەنىڭ قازاقىستان چېگرىسىدىكى ئاستىراخان،ئورېنبورگ، قورغان قاتارلىق ئوبلاستلىرىغا، موڭغۇلىيەنىڭ ئالتاي تېغىنىڭ شەرقىدىكى قۇبدۇ ئۆلكىسىگە، شىنجاڭدىكى قازاقلار ئاساسەن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ،بارىكۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى ، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسىدە ئولتۇراقلاشقان . ئۇندىن باشقا سانجى ،بورتالا ۋە ئۈرۈمچى قاتارلىق رايونلارغىمۇ تارقالغان  .2006-يىلىدىكى نوپۇس ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا شىنجاڭدىكى قازاقلار 1مىليون435 مىڭ 900 ، قازاق تىلى ئالتاي تىلى سىستېمىسىدىكى تۈركىي تىللار ئائىلىسىگە كىرىدۇ .قازاقىستان،رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقلار سىلۋيان ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يېزىقنى قوللىنىدۇ. جۇڭگۇ تەۋەسىدىكى قازاقلار ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى قازاق يېزىقىنى قوللىنىدۇ .
       قازاقلارنىڭ تارىخىي يىلتىزى چوڭقۇر بولۇپ تارىختىكى ئۇسۇن ،كانجۇت قاتارلىق قوۋملارغا بېرىپ تاقىلىدۇ .ئۇلار تارىختىن بۇيان كۆچمەن چارۋىچىلىق  بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن . قەدىمقى دەۋردە ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغان ئۇيسۇن قاتارلىق تۈركى قەۋملەر ۋە كىرەي، نايمان قاتارلىق ئالتاي قەۋملىرى 13-ئەسىردىن كېيىن ئىسلامدىنى ۋە تۈركلەرنىڭ تەسىرىدە تەدرىجى تىل-مەدەنىيەتتە بىرلىككە كەلگەن. 15-ئەسىردە قازاقلار تارىختىكى قازاق خانلىقىنى قۇرۇپ ھازىرقى قازاقىستان ۋە جۇڭگو شىنجاڭدىكى قازاقلارئولتۇراقلاشقان كۆپقىسىمزىمىنغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان. 18–ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قازاقلارشىمالدا رۇسلارنىڭ شەرقى جەنۇپتا  جۇڭغارلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ،ئۆز جايلىرىدىن كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان. قازاق خانلىقى مەجبۇرى يۇسۇندا رۇسلارنىڭ ھامىلىقىنى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن،  قازاق خانلىقىنىڭ بىر قسىق زىمىنىنى جۇڭغارلار ئىشغال قىلغان.چىڭ خاندانلىقى جۇڭغارلارنى تىنجىتقاندىن كېيىن ،قازاقلار ئۆز جايلىرىغا كۆچۇپ كېلىپ  ،ئىلى ،ئالتاي ،تارباغاتايلاردا ئولتۇراقلاشقان . 1949–يىلى شىنجاڭ ئازاد بولغاندىن كېيىن ،شىنجاڭدىكى قازاقلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە يولغا قويۇلدى .1954–يىلى 7–ئاينىڭ 17–كۇنى مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى ،9 –ئاينىڭ 30 – كۈنى   بارىكۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى ،11–ئاينىڭ 27–كۇنى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قۇرۇلدى.
    قازاقلارنىڭ دەپنە مۇراسىمى ناھايىتى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلىدۇ .يەتتىسى ،قىرقى ۋە يىلى مال سويۇلۇپ ،نەزىر قىلىنىپ ،مەرھۇمنىڭ روھىغا دۇئا قىلىنىدۇ .قازاقلار قىزغىن ،مېھماندوست كېلىدۇ .مېھماننى قوي سويۇپ كۈتۈۋالىدۇ .قوينىڭ بېشىنى مېھماننىڭ  ئالدىغا قويۇپ ،ئالدى بىلەن ئېغىز تېگىشكە تەكلىپ قىلىدۇ .
     قازاقلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ .قۇربان ھېيىت ،روزا ھېيىت ۋە نەۋرۇز ئۆتكۈزىدۇ .بايرام كۇنلىرى ئوغلاق تارتىشىش،ئات بەيگىسى ۋە «قىز قوۋار» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدۇ . قازاقلاردا مول مەزمۇنلۇق خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى بارلىققا كەلگەن بولۇپ ،جىر -قوشاق ئېيتىشىش ئەنئەنىگە ئايلانغان .ئاقىنلار يىغىلىشى ناھايىتى قىزىپ كېتىدۇ ،قازاقلارنىڭ مۇزىكا -ئۇسسۇللىرى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپلا قالماستىن ،بەلكى ئىنتايىن كەڭ ئاممىۋىلىققا ئىگە. دۇمبۇرا قازاق خەلقى ياخشى كۆرىدىغان چالغۇ ئەسۋاپتۇر.

[qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-7 14:59:30]
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 1580 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01