باھائى دىنى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

    1844 - يىلى ئىراندىكى 12 ئىمام مەزھىبىنىڭ بىر كىچىك مەسجىدئىمامى مىرزا ئەلى مۇھەممەد ( شۇ يىلى 24 ياشتا ) جەننەتكە كىرىش ئۈچۇن چوقۇم ئۆز–ئۆزىدىن ھالقىيدىغان بىر ئىشىكتىن ئۆتۇش كىرەك دىگەن نەزىريىنى ئوتتۇرغا قويدى. ئىشىك ئەرەپچە باب دىيىلگەچكە ئۇنىڭ بۇ نەزىريىسى باب نەزىرىيىسى دەپ ئاتالدى ۋە تىزلا تارقىلىپ بىر مەزھەب بولۇپ قالدى. ئەمما ئىران ھۆكۈمىتى ۋە ئاھالىسى بۇ مەزھەبنىڭ نەزىرىيەلىرىنى بىدئەتلىك ھىسابلاپ ئۇلارغا زەربە بەردى. 1950 - يىلى ئىران ھۆكۈمىتى باب مەزھىبىنى باستۇرغاندا مىرزا ئەلى مۇھەممەد 20مىڭدەك ئەگەشكۈچىلىرى بىلەن بىللە ئۆلتۈرىۋىتىلدى. 1863 - يىلى باغداتتىكى رىزۋان باغچىسىدا باھائۇللا ئىسىملىك بىر پارىس كىشى پەيدا بولۇپ ئۆزىنى مەن باب (مىرزا ئەلى مۇھەممەدىن دىمەكچى ) ھايات ۋاقتىدا بىكىتكەن ئەلچى بولىمەن، بارلىق دىنلارنىڭ خۇداسى بىر دۇر دەې جاكارلاپ ئۆزىنىڭ يىڭى ئەقىدىسىنى تارقاتتى. باب مەزھىبىدىكىلەرمۇ ئۆز ئىچىدىن پارچىلىنىپ نۇرغۇنلىرى باھائۇللاغا ئەگىشىپ يىڭى باھائى دىنىنى بارلىققا كەلتۈردى.

    1892 - يىلى باھا ئۇللا 75 يىشىدا ئۆلۈپ كەتكەنگە قەدەر نۇرغۇن قىتىم تۈرمىگە كىردى ۋە تۈرمىدە 100 دىن ئارتۇق كىتاپ يىزىپ ئۆز نەزەرىيسنى ئەتراپلىق شەرھىلىدى. ئۇ بارلىق دىنلارنىڭ خۇداسى بىر ، بارلىق ئىنسانلار ئادەم ئەلەيھىسالامنىڭ ئەۋلادى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام، مۇسا ئەلەيھىسسالام، زورو ئاستىر، مانى، ساكيامۇنى، ئىيسا ئەلەيھىسسالام ، مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام، باب ۋە مەن(باھائۇللا)نىڭ ھەممىمىز ئاللاھنىڭ ئەلچىسى . ئادەمنىڭ ھەقىقەتنى ئىزدىنىشى ئۈچۈن خۇدانى تۇنۇشى ۋە ئەقلىنى ئىشلىتىشلا كۇپايە ئىبادەت قىلىش زۆرۈر ئەمەس دەپ قاراپ ، پەن بىلەن دىن بىر –بىرىنى قوللايدۇ، ھەر ئادەم ئۆز ئەقلىگە تاينىپ ھەقىقەتنى ئىزدىشى لازىم دىيىش بىلەن بىللە دىنلار، مەزھەبلەر ۋە مىللەتلەر ئارا ئۇرۇش قىلىش گۇناھ دەپ تەرغىپ قىلدى. جىنسى كەمسىتىشنى مەنئى قىلىپ دۇنيادا ئورتاق تىل ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلىش بىلەن بىللە ئەخلاقلىق بولۇش، سەمىمى بولۇش ، ھەققانى بۇلۇش ۋە باشقىلارغا تەمەسىز ياردەم بىرىش ئىبادەتتىن ئۇلۇغ تۇرىدۇ دەپ قارىدى ھەمدە ھۆكۇمەتكە بوي سۇنۇش ، لىكىن ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا قانۇن ئىجرا قىلماسلىق، ۋەتەننى سۆيۈش لىكىن ھاكىميەت تالاشماسلىق، مائارىپنى ئۇمۇملاشتۇرۇش، مۇھىتنى ئاسراش، ھەر قانداق شەكىلدىكى ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇش، ېۇتكۇل دۇنيا كىشلىرى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش دىگەندەك ئەقلى نەزىريىىلەرنى ئوتتۇرغا قويدى. باھائۇللا ئۆلۇپ كەتكەندىن كىيىن زىيانكەشلىكتىن قىچىپ چەتئەللەرگە قاچقان باھائى مۇرتلىرى 1894-يىلى ئامىرىكىدا بىر باھائى دىنى جەمئىيتىنى قۇردى. باھائىنىڭ ئوغلى ئابدۇ بەھا(1921-1844)ئاتىسى بىلەن ئۇزۇن مەزگىل تۇرمىدە ياتقاندىن كىيىن 1908-يىلى تۈركىيدە ئىنقىلاب يۇز بەرگەندە تۇرمىدىن قۇيۇپ بىرىلىپ ئاتىسىنىڭ ئىزىنى بىسىپ باھائى دىنىغا رەھبەرلىك قىلدى ۋە ئاتىسىنىڭ ئەسەرلىرىنى شەرھىلەش ۋە باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىش بىلەن دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنى ئايلىنىپ دىن تارقاتتى. 1912- يىلى ئابدۇبەھا ئامىرىكىنىڭ چىكاگو شەھىرىدە ئۆز قولى بىلەن تۇنجى باھائى دىنى ئىبادەتخانىسىنى سالدى ۋە شاگىرىت تەربىيلىدى. نەتىجىدە ئابدۇبەھا 1921- يىلى ۋاپات بولغاندا باھائى دىنى ئوتتۇز نەچچە دۆلەتكە تارقالغان، ئافرىقا، يىراق شەرق ۋە ئاۋىستىرالىيە، ئامىرىكىلاردا شۆبىلىرى بار بىر خەلقارا دىن بولۇپ قالدى. ئابدۇبەھا ئۆلۇپ كىتىشتىن بۇرۇن چوڭ قىزى شوغى ئەفەندىنى (1957-1897) ئۆز ئورنىغا تەيىنلەپ باھائى ئەقىدىسىنى تارقىتىش ئىشنى مىراس قالدۇردى. باھائىلار ئامىرىكا ۋە ئافرىقىدا ھەقسىز ساۋات چىقىرىش سىنىپى، دىھقانچىلىق تىخنىكىسىنى ئۆگىتىش كۇرسى، ھەقسىز داۋالاش ئورۇنلىرىنى كۆپلەپ ئېچىىپ تۆۋەن قاتلام خەلقنى كۆپلەپ جەلپ قىلماقتا. ھازىر باھائىلارنىڭ دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت ۋە رايۇنلاردا بەش مىليۇندىن ئارتۇق مۇرتى بار.

    گەرچە باھائىلار ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ دەۋا قىلسىمۇ ئەمما خەلقارا ئىسلام تەشكىلاتى باھائىلارنى ئىسلام دىنى بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان بەدمەزھەپ دەپ ئېلان قىلىپ ، مۇسۇلمانلارنى باھائىلارنىڭ پىتنىسىسدىن ئاگاھ بولۇشقا چاقىرماقتا...

[admin تەستىقلىدى . 2010-2-14 0:07:28]
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 460 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01