كوسوۋو

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 1 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

كوسوۋو

       كوسوۋو جۇمھۇرىيىتى  Region of Kosovo
پايتەخت: پرىشتىنا، ئاھالىسى  370مىڭ. 
زېمىنى: 10مىڭ 887كۋادرات كىلومېتىر.
ئاھالىسى: كوسوۋونىڭ2007-يىلى 7-ئايدىكى نوپۇسى 2مىلىيۇن 250 مىڭ. ئاھالىنىڭ 92%نى  ئالبانلار،  5%نى سېربلار،  3%نى باشقىلار ئىگەللەيدۇ . ئالبان تىلى دۆلەت تىلى. ئېنگىلىز تىلى ھۆكۈمەت تىلى.
دىنى : كوسوۋو ئاھالىسىنىڭ 80%ى ئىسلام دىنىغا، 10% پروۋىسلاۋىيە دىنىغا، 4%كاتولىك دىنىغا، 1%ى پروتېستانت دىنىغا ئىشىنىدۇ.
پۇلى: ياۋرو . كوسوۋو د ت نىڭ ھاۋالىلىك باشقۇرىدىغان رايونى بولغاندىن كېيىن ئىزچىل ياۋرو ئىشلىتىپ كەلمەكتە.
ئىقتىسادى:  كوسوۋو سابىق سېربىيە بويىچە بىر قەدەر نامرات رايون ئىدى، يۇگسىلاۋىيە پارچىلانغان دەسلەپكى يىللاردا ئۇرۇش ۋە سېربىيە ھاكىمىيىتىنىڭ ئىقتىسادى ئېكىسپولاتسىيىسى تۈپەيلى كوسوۋو ئىقتىسادى ئۈزۈل كېسىل ۋەيران بولغان ئىدى. 1999-يىلىدىن كېيىن ياۋروپا ئىتىپاقىنىڭ ياردىمى ئاستىدا كوسوۋو ئىقتىسادى ياخشىلىنىپ تەرتىپكە چۈشتى.
    2006 -يىلى كوسوۋونىڭ ئۇمۇمىي مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 13مىليارد 100مىليون دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا 6مىڭ400 دوللار توغرا كەلگەن. كوسوۋونىڭ2006- يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى 13% بولدى.
 دۆلەت بايرىمى:( 1999-يىلى)2-ئاينىڭ 15-كۈنى، كوسوۋونىڭ مۇستەقىل بولغان كۈنى
ۋاقىت رايونى :(شەرقى2- ۋاقىت رايونى)
قىسقىچە تارىخى: كوسوۋو  ئەسلىدىنلا ئىلىرىيىلىكلەر(ئالبانلار) نىڭ ئانا ماكانى بولۇپ، مىلادىنىڭ ئالدى كەينىدە رىم ئىمپىرىيىسى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان. كوسوۋو ئالبانلىرى شەرقى رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىپ ئىپتىدائى دىنلاردىن خىرىستان دىنى پراۋوسلاۋىيە مەزھىپىگە ئۆتكەن. مىلادى850-يىلى شەرقى ياۋروپادىن كەلگەن سىلاۋيانلار قۇرغان قۇدرەتلىك بۇلغارىيە پادىشاھلىقى كوسوۋونى ئىشغال قىلغان، 1180-يىلى يېڭىدىن كۈچەيگەن سېربىيە پادىشاھلىقى كوسوۋونى بۇلغارىيە پادىشاھلىقىدىن تارتىۋالغان،  تۈرك ئىمپېرىيىسىنىڭ بالقاننى بويسۇندۇرۇشىغا ئەگىشىپ 1389-يىلى كوسوۋو ئۇرۇشىدا ئوسمان ئىمپىرىيىسى  سېرب نىمەنىيە  پادىشاھلىقىنى يوقىتىپ بۇ رايوننى بويسۇندۇرۇپ بەش ئەسىرگە يەتكەن ۋاقىت ھۆكۈمرانلىق قىلغان. تۈرك ئىمپىرىيىسى دەۋرىدە تەسىس قىلىنغان كوسوۋو ۋىلايىتى ئىلگىرىكى شەرقى رىم ۋە بۇلغارىيە، سېربىيە پادىشاھلىقلىرى دەۋرىدە تەسەۋۋۇر قىلمىغان باراۋەر مۇئامىلىدىن بەھرىمەن بولغانلىقتىن رايوننىڭ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيىتى تېز گۈللەنگەن. ئالبانلار ئىسلام دىنىغا تۈركۈملەپ كىرىپ، تۇنجى قېتىم ئەرەپ ئېلىپبەسى ئاساسىىدىكى ئېلىپبەنى تەسىسى قىلىپ نۇرغۇن مەدەنى مىراسلارنى يارىتىپ ئۆزىنىڭ بۇ رايوننىڭ ھەقىقى خوجىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان.
     1912-يىلىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشىدا تۈرك ئىمپىرىيىسى ئۇرۇشتا يېڭىلگەنلىكتىن سېربىيە كېڭىيىپ كوسوۋونى ئۆزىگە قوشۇۋالغان.
   2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئىتالىيەنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى بۈيۈك ئالبانىيەگە قوشۇۋېتىلگەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن كوسوۋو بىر مەزگىل يۇگۇسلاۋىيە مەركىزى ھۆكۈمىتى بىۋاستە ئىدارە قىلىنىدىغان رايون بولغان، پەقەت 1963-يىلىغا كەلگەندە كوسوۋو ئاندىن سېربىيە ئىتىپاقداش جۇمھۇرىيىتىگە قاراشلىق  بىر ئاپتونۇم رايون بولغان. ئەمما 1974-يىلى كوسوۋونىڭ ئاپتونومىيىسى بىكار قىلىنىپ بىر قانچە ئۆلكىگە بۆلۈنۈپ ئادەتتىكى سېربلار رايونى سۈپىتىدە سېربىيەگە قوشۇۋېتىلگەن.
   1980-يىلى تىتو ئۆلگەندىن  كېيىن مىللى مەسىلىلەر گەۋدىلىنىشكە باشلىدى، كوسوۋو خەلقى خەلقارا ۋە دۆلەت ئىچىدە ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىشتىن بىر كۈنمۇ توختاپ قالمىدى. 1989-يىلى پۈتكۈل شەرقى ياۋروپانى قاپلىغان دىموكراتىيە دولقۇنىدا كۆپ پارتىيىلىك تۈزۈم يولغا قۇيۇلغاندىن كېيىن يېڭى قۇرۇلغان كوسوۋو پارلامېنتىنىڭ تەلىۋى بىلەن سېربىيە ھۆكۈمىتى كوسوۋونىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى قايتۇرۇپ بەرگەن، ئەمما 2 مىليۇن ئالبان ياشايدىغان كوسوۋوغا بېرىلگەن بۇ ئاپتونومىيە، 600مىڭ نوپۇسى بار مونتېنېگرونىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىدىن زور دەرىجىدە كىچىك بولغاچقا، ئالبان خەلقى   بوشاشماي ھوقۇق تەلەپ قىلىپ 1990-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلىغان، كوسوۋو ئاخىرى سېربىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قانلىق باستۇرۇشىغا ئۇچرىغان. تەخمىنەن 7مىڭ ئالبان ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان،  20مىڭ ئالبان تۈرمىگە سولانغان. ياۋروپا ئىتىپاقى، شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بۇ قىرغىنچىلىققا  قول تىقىشى بىلەن 1992-يىلى قايتىدىن ياۋروپا ئىتىپاقى سايلام كومىتىتىنىڭ كۈزىتىشى ئاستىدا 98% كوسوۋو ئاھالىسى مۇستەقىللىقنى قوللاپ ئاۋاز بەرگەنلىكتىن ب د ت بۇ رايوننى ۋاقتىنچە ب د ت نىڭ ۋاكالىتەن باشقۇرۇشىغا بۆلۈپ بەرگەن.2006-يىلى مونتېنېگرو مۇستەقىللىق جاكارلىغاندىن كېيىن كوسوۋو مەسىلىسى ھەل قىلمىسا بولمايدىغان كۈنتەرتىپكە قويۇلدى . شۇنىڭدىن كېيىنكى دۆلەت ئىچى سىرتىدا كوسوۋونى بۆلۈپ سېربلار ئولتۇراقلاشقان شىمالدىكى كىچىككىنە قىسمىنى سېربىيەگە، ئالبانلار ئولتۇراقلاشقان كۆپ قىسىم رايوننى ئالبانىيەگە قوشۇۋېتىش تەكلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ روسىيەنىڭ قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىشى بىلەن ياۋروپا ئىتىپاقى ۋە ئامېرىكا بۇ رايوننىڭ كەلگۈسى ھەققىدە تېخىچە قارارغا كەلمىدى.
 كوسوۋو زىمىنىنىڭ كۆپ قىسىم زىمىنى تاغلىق بولۇپ قىشتا ھۆل، يازدا ھۆل يېغىنى مۇۋاپىق بولغان يېرىم تاغلىق-ئوتتۇرا دېڭىز ئىقلىمىغا تەۋە . زىمىنىنىڭ 45% ئورمانلىق.15% تېرىلغۇ يەر. تۇپراق ئۈنۈمدارلىقى بىر قەدەر يۇقىرى، كان  بايلىقى مول . كوسوۋودا ئاھالىنىڭ 32%دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
   2006-يىلى كوسوۋونىڭ  ئىقتىسادىدا چەتئەل ياردىمى38%، يېزا ئىگىلىك كىرىمى 12%،سانائەت27%، مۇلازىمەت 23%نى ئىگەللىگەن بولۇپ 2007-يىلى مۇقىم تېلپون ئابونتى1مىلىيۇن 100مىڭ ، يانپون ئابونتى  510مىڭ بولغان، ئىنتېرنېت ئابونتى 620مىڭ بولغان.

[qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-28 19:16:01]
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 750 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01