سۇلتان ئابدۇرىشىتخان(1559-1510)

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

 سۇلتان ئابدۇرىشىتخان(1559-1510)

   سۇلتان ئابدۇرىشىتخان__ يەركەن خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى سۇلتان سەئىدخاننىڭ چوڭ ئوغلى. مىلادى 1510-يىلى مۇغۇلىستان خانلىقى تەۋەسىدىكى پەرغانە شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. بالىلىق ۋە ئوقۇش يىللىرىنى پەرغانە ۋە تاغىسى بابۇر شاھنىڭ كابۇلدىكى ئوردىسىدا ئۆتكۈزگەن. مىلادى 1514-يىلى يەركەن خانلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىن دادىسى سۇلتان سەئىدخان بىلەن بىللە قەشقەر ۋە يەركەنگە كەلگەن. بىر مەزگىل يەركەن خانلىقىغا تەۋە يەتتە سۇ رايونى ( ھازىرقى بالقاش كۆلىنىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبى)نىڭ سەرتاپلىقىغا (باش ۋالىلىقىغا) تەيىنلەنگەن. بۇ چاغدا ئابدۇرىشىتخان ئەمدىلا 20 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ھەربى ئىلىم، پەلسەپە، ئەدەبىيات، مۇزىكا جەھەتتە زور ماھارىتىنى كۆرسەتكەن ئىدى. مىلادى 1533-يىلى سۇلتان سەئىدخان شىزاڭغا قىلغان بىر يۈرۈشىدە ئىس تېگىپ ۋاپات بولغاندىن كېيىن يەركەن خانلىقىغا سۇلتان بولۇپ تەيىنلەنگەن. يەركەن خانلىقىنىڭ پۈتۈنلىگى، ئىگىلىگىنىڭ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن بىرمۇنچە پايدىلىق تەدبىرلەرنى قوللانغان. 1559-يىلى سۇلتان ئابدۇرەشىدخان خوتەننى تەكشۈرۈش سەپىرىدە بەختكە قارشى سۈيقەستكە ئۇچراپ ۋاپات بولغان ۋە يەكەندىكى سۇلتان سەئىدخاننىڭ يېنىغا دەپنە قىلىنغان.
    سۇلتان ئابدۇرىشىتخان يەكەن خانلىقىدا ئىگىلىكنىڭ گۈللەپ ياشنىشىنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپمۇ يەركەن خانلىقىنىڭ پەن، مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان. بەزى ماتىرياللارغا ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭ «دىۋان رەشىدى»، «سىلاتىننامە»، «مەشۇقنامە»، «غەزەليات رەشىدى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بولغان.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 322 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01