قىدىرخان يەركەندى(1572-1521)

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش
    قىدىرخان يەركەندى__ يەركەن خانلىقى دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى، شائىر،  مۇزىكىشۇناس ۋە دۆلەت ئەربابى .1521-يىلى يەكەندە تۇغۇلغان.. سۇلتان ئابدۇرىشىتخان ئوردىسىدا باش ۋەزىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن، ياش ۋاقتىدا ئاماننىساخاننىڭ تەكلىپ بىرىشى ۋە ئابدۇرېشىتخاننىڭ چاقىرتىشى بىلەن ئوردىغا كىلىپ ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىنى سەئىدىيە خانلىقى ئوردىسىدا ئابدۇرېشىتخانغا ئىلىم - پەن، مەدەنىيەت - مائارىپ ئىشلىرى بويىچە ۋەزىرلىك قىلىش ۋە مۇزىكا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش بىلەن ئۆتكۈزگەن . خانلىقنىڭ بىرلىكى، تەرەققىياتى، مەدەنىيەت، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ جانلىنىش يولىدا ئابدۇرېشىتخانغا پايدىلىق مەسلىھەت ۋە تەكلىپلەرنى بەرگەن . جەمائەت قۇرۇلىشى ، خەلق تۇرمۇشى،  قانۇن-تۈزۈمگە دائىر ئىشلارنىڭ كۆپۇنچىسى قىدىرخاننىڭ تەكلىپى بويىنچە يۇرگۇزۇلگەن .ئۇ مۇزىكا ئىلمىدە ناھايىتى قابىلىيەتلىك بولۇپ، ئۇنىڭ داڭقى چەتئەللەرگىمۇ تارقالغان . سەئىدىيە خانلىقى ئوردىسىدا قۇرۇلغان مۇزىكا مەكتىپى ئۇنىڭ داڭقى ۋە شۆھرىتىنى نامايەن قىلىدىغان سورۇنغا ئايلانغان ،ئىراق، ئىران، تەبرىز، خارازىم، سەمەرقەنت، ئەنجان ، ئىستامبۇل ، كەشمىر ، بەلخ ، شېراز قاتارلىق جايلاردىن مۇزىكا ئۇگىنىشكە كەلگەن كىشىلەر ئۇنىڭ نەزىرىيىۋى بىلىمى بىلەن ئەمىلىي ئىقتىدارىنى پۇتۇن شەرىق ئالىمىگە تاراتقان. ئۇ «ۋىسال» ناملىق بىر مۇقامنى ئىجات قىلىپ ئۆز شاگىرىتلىرىغا ئۇگەتكەن . ئۇ يەنە مۇزىكا ئوقۇتۇشنىڭ سۇپىتىنى يۇقىرى كۆتۇرۇش ئۇچۇن مۇزىكا پىنى ھەققىدە بىر قانچە نەزىرىيىۋى ئەسەرلەرنى يازغان .قىدىرخان سۇلتان ئابدۇرېشىتخاننىڭ شەرت - شارائىت يارىتىپ بىرىشى بىلەن ئاماننىساخان ۋە ئۇنىڭ دادىسى مەخمۇت ئاكا ھەمدە ئۆز شاگىرىتلىرى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقى بولغان «12 مۇقام» نى رەتلەپ نوتىغا ئالغان. ئۇنىڭ تېكىسلىرىنى قايتىدىن ئىسلاھ قىلىپ ،ناۋايىنىڭ لىرىك شېئىرلار توپلىمى بولغان «چاھار دىۋان» دىكى مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتىن ئەڭ يارقىن ۋە نەپىس شېئىرلىرى بىلەن بىيىتقان. بۇنىڭ بىلەن ناۋايىنىڭ ۋە ئۇنىڭ غەزەللىرىنىڭ داڭقىنى جاھانغا تونۇتۇش،«12 مۇقام» نى زامانىمىزغىچە يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت قوش ۋەزىپىنى ئورۇنداپ ،خەلق ئارىسىدا زور ئالقىشقا ئىرىشكەن .ئۇيغۇر شائىرى مەۋلانە خۇلقى، ئايازى، نەفىسى( ئاماننىساخان) مىرزا مىرەك چالىشى قاتارلىقلار بىلەن بىللە يەركەن خانلىقىنىڭ مەدىنىيىتى بولۇپمۇ ئەدەبىيات-سەنئىتىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشقان.  سەئىدىيە دەۋرىدىكى ئۇيغۇر مائارىپى ، مەدەنىيىتى ۋە ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئۆچمەس تۆپىلەرنى قوشقان دۆلەت ئەربابى قىدىرخان 1572 - يىلى يەكەندە ۋاپات بولغان .
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 341 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01