خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق
چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەشبابۇر شاھ(1530-1483)
بابۇر شاھ __ زاھىرىددىن مۇھەممەت بابۇر شاھ. ئاتا جەمەت تەرىپىدىن غەربىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ تۇنجى پادىشاھى تۆمۈرلەڭنىڭ ئەۋلادى، ئانا جەمەت تەرەپتىن مۇغۇلىستان خانلىقىنىڭ 9-پادىشاھى ئۇستاد يۇنۇسخاننىڭ ئەۋرىسى بولۇپ ھىندىستان موغۇل ئىمپىرىيىسىنىڭ قۇرغۇچىسى.
بابۇر شاھ مىلادى 1483-يىلى 2-ئاينىڭ14-كۈنى مۇغۇلىستان تەۋەلىگىدىكى پەرغانىنىڭ ئەنجان شەھرىدە دۇنياغا كەلگەن. 1492-يىلى دادىسى ئۆمەرشەيخ مىرزا ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىپ، پەرغانە ۋالىسى بولۇپ تەيىنلەنگەن. كېيىنچە ئۆزبېك خانلىقىدىن شايبانىخان (مىلادى 1450-1510-يىللىرى) سەمەرقەند رايونىنى بېسىۋېلىپ، غەربىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ ھاكىمىيىتىنى تارتىۋالغان ھەم مۇغۇلىستان تەۋەلىگىگە ھۇجۇم قىلىپ، بابۇر شاھنى پەرغانىدىن قوغلاپ چىقارغان. بابۇر شاھ كېيىنچە ھازىرقى ئافغانىستان، پاكىستان، كەشمىر، ھىندىستان قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلىپ، مۇغۇلىستان خانلىقىغا تەقلىت قىلىپ بۈيۈك مۇغۇل ئىمپېرىيىسىنى قۇرغان. مىلادى 1530-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى موغۇل ئىمپىرىيىسىنىڭ يېڭى پايتەختى ئاگرا شەھرىدە ۋاپات بولغان.
بابۇر شاھنىڭ «بابۇرنامە» ناملىق چاغاتاي تىلىدا يازغان مەشھۇر ئەسىرى تا ھازىرغىچە زور قىممەتكە ئىگە. بۇ ئەسەرنىڭ شۇ چاغدىكى يەركەن خانلىقىنىڭ ئەدىبى-سەنئەت تەرەقىياتى ئۈچۈن تەسىرى چوڭ بولغان ئىدى. بۇ ئەسەر بابۇر شاھنىڭ «ئەسرارى مۇسىقى» ناملىق مۇزىكا كىتابى بىلەن بىللە تېزلا رايونىمىزغا تارقالغان بولۇپ ھازىر «بابۇرنامە» نىڭ پارىسچە، ئىنگىلىزچە، رۇسچە تەرجىمىلىرى بار.
ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش
سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0
>