نىمە ئۈچۈن كالتسىي كەملىك كېلىپ چىقىدۇ؟

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 2 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

   بىز داۋاملىق بالىلار ۋە چوڭلارنىڭ كالتسىي كەملىك كېسىلى بولغانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز، كالتىسى كەملىك قانداق كېلىپ چىقىدۇ؟

 1.      يىمەكلىك ئارقىلىق ئىگە بولغان كالتسىي ياكى ۋىتامىن د يېتەرلىك بولماسلىق، يەنى كالتسىي ياكى ۋىتامىن د مول يېمەكلىكلەرنى يېتەرلىك ئىستىمال قىلماسلىق.
2.      ئېغىر ئاياق بولغان ياكى بالا ئېمىتىۋاتقان ئايال ۋاقتىدا يېتەرلىك كالتسىيغا ئىگە بولمىغانلىقتىن، سۈتتىكى كالتسىي مىقدارى تۆۋەن بولۇپ، بوۋاقنى يېتەرلىك كالتسى بىلەن تەمىنلىيەلمەسلىك.
3.      يىڭى تۇغۇلغان بوۋاققا ۋاقتىدا بېلىق مېيى قاتارلىق كالتسىي مول يېمەكلىكلەرنى بەرمەسلىك، ياكى بالىغا بەرگەن سۈتتە كالتسىي يېتەرلىك بولماسلىق، شۇنداقلا بالىغا بىرىلگەن قوشۇمچە يىمەكلىك ۋاقتىدا، يېتەرلىك بولماسلىق.
4.      ئۈچەيدىكى مەلۇم كېسەللىكلەر تۈپەيلىدىن يىمەكلىكتىكى كالتسىينى تولۇق قوبۇل قىلالماسلىق.
5.      كۇن نۇرى بىلەن ئۇچۇرۇشۇش يېتەرلىك بولماسلىق. جەمئىيەتنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەر ئارىسىدا ساغلام بولمىغان بەزى كۆز قاراشلار پەيدا بولغان بولۇپ، نۇرغۇن ئاتا ئانىلار بالىلىرىنىڭ ياكى ئۆزىنىڭ قارا بولۇپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ، كۇن نۇرىغا قاقلىنىشتىن ئۆزىنى قاچۇرماقتا. شۇنىڭ بىلەن بەدەندىكى كالتسىي مىقدارى تەسىرگە ئۇچرىماقتا.
6.      قايتا قايتا ياكى ئاستا خاراكتىرلىك قانسىزلىنىش، بولۇپمۇ ئاياللاردىكى ھېيىز مىقدارىنىڭ كوپ بولۇشى ياكى كوپ بالا تۇغۇش سەۋەبىدىن كوپ قېتىم قانسىزلىنىپ، كوپ مىقداردا كالتسىي يوقاپ، ۋاقتىدا تولۇقلانمىغانلىقتىن.
7.      قالقانسىمان يانداش بېزى (parathyroid glands،副甲状腺或甲状旁腺) نىڭ ئىقتىدارى تۆۋەن بولۇش سەۋەبى تۈپەيلىدىن كېرەكلىك بولغان بەزى ھورمۇنلار تولۇق ئىشلەپ چىقىرىلماي، قاندىكى كالتسىي مىقدارىغا تەسىر كۆرسۈتۈش.
8.      بۆرەك ياكى ئاشقازان ئاستى بېزىدە مەلۇم كېسەللىكلەر بولغاندا.
9.      قاندىكى ماگنىي تۆۋەن بولغاندا. ئادەم كوپ مىقداردا ھاراق ئىچكەندە ياكى بەزى بىر ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندا، قاندىكى ماگنىي تۆۋەن بولۇپ، كالتسىينىڭ قاندىكى مىقدارى بىۋاستە تەسىرگە ئۇچرايدۇ.
10.  Cimetidine甲腈咪胍قاتارلىق بەزى ئاشقازان كېسىلىنىڭ دورىسىنى ۋە بەزى سۈيدۈك ماڭدۇرىدىغان دورىلارنى ئۇزۇن مۇددەت ئىستىمال قىلغاندا قاندىكى كالتسىينىڭ مىقدارىغا تەسىر ئۇچرايدۇ.
11.  قاندىكى پوسپۇر كىسلاتاسى تۇزلىرى (phosphate، 磷酸盐) كوپ بولغاندا. ئادەم كوپ مىقداردا كوكا ئىچىملىكلىرىنى ئىستىمال قىلغاندا، قاندىكى پوسپۇر كىسلاتاسى تۇزلىرىنىڭ مىقدارى كۆپىيىپ، كالتسىينىڭ مىقدارى تەسىرگە ئۇچرايدۇ.
12.  قالقانسىمان بەز راكىغا گىرىپتار بولغاندا، ئادەم بەدىنىدىكى كالتسىي تۆۋەن بولىدۇ.
13.  ئاستا خاراكتىرلىك جىگەر كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندا كالتسىي مىقدارى تەسىرگە ئۇچرايدۇ.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 2

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 778 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01