شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

   «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» (خەنزۇچە: 上海合作组织، روسچە:  Шанхайская Организация Сотрудничества _ ئەنگىلىزچە: Shanghai Cooperation Organization  SCO) ئەسلى 1996-يىلى 4-ئاينىڭ26-كۈنى  جۇڭگۇ ، روسىيە ، قازاقىستان ، قىزغىزىستان ۋە تاجىكىستاندىن تەركىپ تاپقان « شاڭخەي بەش دۆلەت» ئۇچرىشىش مىخانىزىمى بولۇپ 2001 - يىلى 6 - ئايدا «شاڭخەي بەش دۆلەت» باشلىقلىرى شاڭخەيدە 6 - قىتىم ئۇچراشتى ، ئۆزبىكىستان پۈتۈنلەي باراۋەر سالاھىيەت بىلەن «شاڭخەي بەش دۆلەت يىغىنى» غا ئەزا بولدى .  بۇ شاڭخەي ئالتە دۆلەتنىڭ تۇنجى قىتىملىق يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى بولۇپ قالدى ، ھەمدە «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» قۇرۇش خىتاپنامىسىنى ئىمزالىدى . شۇنىڭ بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەسمى قۇرۇلۇپ  ئالتە دۆلەت باشلىقلىرى «تېرورىزىم ، بۆلگۈنچىلىك ۋە چېكىدىن ئاشقان كۈچلەرگە زەربە بېرىش شاڭخەي ئەھدىنامىسى» نى ئىمزالىدى.
   2001 - يىلى 9 - ئايدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەزا دۆلەتلەر زۇڭلىلىرى ئالمۇتادا تۇنجى قېتىم ئۇچراشتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ قەرەللىك ئۇچرىشىش مىخانىزىمنى رەسمى جاكارلىدى.
   2002 - يىلى 6 - ئايدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى روسىيەنىڭ سانتپىتىربۇرگدا ئىككىنچى قېتىملىق يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈپ ، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلار باياناتى» نى ئىمزالىدى .
   2003-يىلى  شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلدى ۋە تېرورىزىمغا قارشى تۇرۇش ئاپاراتلىرىنىڭ ئىجرائىيە ھەيئىتى ھەققىدىكى تەپسىلى كېلىشىم، تەشكىلات بەلگىسى، باش كاتىپ سايلىمى قاتارلىق مەسىلىلەردە بىرلىككە كەلدى.
   2004-يىلى  شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تۆتىنچى قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنتتە ئۆتكۈزۈلدى ۋە كۈزەتكۈچى ئەزالىق مىخانىزىمنى ئورناتتى . موڭغۇلىيە تۇنجى بولۇپ كۈزەتكۈچى دۆلەت سالاھىيىتىگە ئېرىشتى .
    2005 - يىلى 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى 5 - قېتىملىق يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانىدە ئۆتكۈزۈلدى ، ئالتە دۆلەت باشلىقلىرى «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى خىتاپنامىسى» قاتارلىق مۇھىم ھۆججەتلەرنى ئىمزالىدى ، ھەمدە پاكىستان ، ئىران ، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ كۈزەتكۈچىلىك ئورنىنى بەلگىلىدى.
   2006 - يىلى 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ بەش يىللىقى، بەش دۆلەت ئۇچرىشىشىنىڭ 10يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلدى ۋە تۈرلۈك تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ ھەربى مانىۋېر، سودا، نېفىت، بانكىلار ھەمكارلىقى قاتارلىق جەھەتلەردە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىندى.
2007 يىللىق باشلىقلار يىغىنى قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەكتە ئۆتكۈزۈلدى، بۇ قېتىملىق باشلىقلار ئۇچرىشىشغا ئىران پىرىزدېنتى ئەھمىدى نىجاد، موڭغۇلىيە پىرىزدېنتى نامبارۇن ئىنخىبايار قاتارلىقلار قاتناشتى. يىغىندا رايون بىخەتەرلىكى، رايون ھەمكارلىقى ۋە تېخنىكا ئالماشتۇرۇش ساھەسىدە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىندى. 2008يىللىق باشلىقلار يىغىنىنى تاجىكىستان پايتەختى دۈشەنبىدە، 2009-يىللىق باشلىقلار يىغىنىنى روسىيىنىڭ يېكاتىرىنبورگ شەھرىدە ئۆتكۈزۈشنى بېكىتتى.
    شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلۇپ بۈگۈنگە قەدەر ، ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدا مەدەنىيەت ، سودا ، ھەربىي ئىشلار ، ئەدلىيە ، بىخەتەرلىك قاتارلىق ساھەلەر ۋە ھەر قايسى قاتلاملار ئارا ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردى . 11 - سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كىيىن ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر مەزكۇر رايون تەۋەلىكىدىكى تېرورلۇق ، ئېكىستىرمىزىم ۋە بۆلگۈنچىلىك دىن ئىبارەت «ئۈچ خىل كۈچلەر»نى مەركەز قىلغان تېرورلۇققا قارشى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ ، ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئۆز - ئارا ئىشەنچنى يەنە بىر قەدەم كۈچەيتتى . شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىزچىل تۈردە بۇ تەشكىلاتنىڭ ھىچقانداق دۆلەتكە قارىتىلمىغانلىقى توغرىلىق ئارقىمۇ ئارقا چۈشەنچە بەرگەن بولسىمۇ ئەمما ئەزا دۆلەتلەر قاتناشقان ھەمكارلىق2007 نامىدىكى ھەربى مانىۋېر روسىيەنىڭ چېليابىنىسكى ئوبلاستىدا ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن  ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان دەپ قاراپ كەلمەكتە.
   شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۇمۇمى زىمىنى ياۋرۇ - ئاسىيا قۇرۇقلۇقىنىڭ بەشتىن ئۈچ قىسمىنى ئىگەللەيدۇ . نوپۇسى 1 مىليارد 489 مىليون ، تەخمىنەن دۇنيا نوپۇسىنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئىگەللەيدۇ . ئىقتىسادى ئۇمۇمى قىممىتى دۇنيا مىللى ئىشلەپچىقىرىش ئۇمۇمى دارامىتىنىڭ 15%نى ئىگەللەيدۇ. خىزمەت تىلى خەنزۇتىلى ۋە روس تىلى قىلىپ بىكىتىلگەن .
  شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تور بېتى: http://www.sectsco.org/ 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 572 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01