ۋالتېر دىسنىي
بىر ياش رەسسامنىڭ غايىسىدىن باشقا ھىچنىمىسى يوق ئىدى. ئۇ ناھايىتى نامرات بولغاچقا، ئۆي ئىجارە ئېلىشقا پۇلى يوق، بىر تاشلاندۇق ماشىنا ئىسكىلاتىنى رەسىمخانا قىلىۋالدى.
بۇيەردە كېچىلىرى چاشقاننىڭ كىتىرلىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. بىر كۈنى ، ھېرىپ –چارچىغان رەسسام بېشىنى كۆتۈرۈپ، غۇۋا چىراق نۇرى ئاستىدا بىر چاشقاننىڭ پارقىراپ تۇرغان كىچىككىنە بىر جۈپ كۆزىنى كۆردى. ئۇنىڭ بۇ چاشقاننى ئۆلتۈرگىسى كەلمىدى. چۈنكى ئازاب –ئوقۇبەت ئۇنىڭدا زاماندىن زارلىنىپ، جان –جانىۋارلارنىڭ غېمىنى يەيدىغان مېھىر-شەپقەت ئويغاتقانىدى. ئۇ چاشقان بىلەن دوست بولۇپ قالدى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ كانساستىن ئايرىلىپ ھوللېۋودقا بېرىپ بېرىپ كارتۇن فىلىم ئىشلەشكە تونۇشتۇرۇلدى. ئەمما يەنە بىر قېتىم مەغلۇپ بولدى، يانچۇقىدا بىرتىيىنمۇ قالمىدى . ئۇ قانچىلىغان كېچىنى خىيال بىلەن ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزدى، ئۆززىنىڭ تالانتىدىن گۇمان قىلدى. تۇيۇقسىز ، ئۇ ھىلىقى پارقىراپ تۇرغان كىچىك كۆزنى ئېسىگە ئالدى. ئىلھام ئۇچقۇنلىرى كېچىدىكى چاقماق كەبى چاقنىدى... ئۇ چاشقان مىكى ئوبرازىنى سىزدى! پۈتۈن دۇنيادىكى بالىلار ياخشى كۆرىدىغان كارتون ئوبرازى—چاشقان مانا مۇشۇنداق دۇنياغا كەلدى. بۇ رەسسام ئامىرىكىدىكى ئەڭ داڭلىق شەخىسلەردىن بىرى—مۇشۇ ئەسىردىكى يەنە بىر داڭلىق يەھۇدى، دىسنى شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋالتېر دىسنىي ئىدى. پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭغا بەرگىنى تولىمۇ ئاز، پەقەتلا بىر چاشقان ئىدى، ئەمما ئۇ ئۇنى «تۇتۇۋالدى». دىسنىيغا نىسبەتەن بۇ چاشقاننىڭ قىممىتى بىباھا. دەرۋەقە، تۇرمۇشتىكى بەزى پۇرسەتلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ئويلانغاندىلا بايقىغىلى بولىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا سەل قارىسىڭىز ، بۇخىل پۇرسەتنىڭ سىزگە نىسبەتەن ھىچقانداق ئەھمىيىتى بولماسلىغى مۇمكىن...
ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش
سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1
>