ئىراق جۇمھۇرىيىتى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش
ئىراق جۇمھۇرىيىتى  پايتەخت: باغداد، نوپۇسى 8مىلىيۇن زىمىنى : 437مىڭ 72كىۋادىرات كىلومېتىر ئاھالىسى: ئىراقنىڭ2008-يىللىق نوپۇسى 28مىلىيۇن 221مىڭ180. ئەرەبلەر %75 ، كۇرتلار %25 (غەربى شىمالدىكى سۇلايمان، ئەربىل، دوخوك ئۆلكىلىرىگە ئولتۇراقلاشقان)، تۈركمەنلەر %4 (سالاھىددىن، كېركۇك ۋە نىناۋا ئۆلكىلىرىگە ئولتۇراقلاشقان)، دۆلەت تىلى ئەرەپ تىلى، كۇرتلار ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا كۇرت تىلى ھۆكۈمەت تىلى. دىنى: . ئىراقتىكى ئۇمۇمى نوپۇسنىڭ 60%ى (يەنى ئەرەپلەرنىڭ 80% ى) شىئە مەزھىبى ئونئىككى ئىمام ئەقىدىسىگە ئىشىنىدۇ ،37%ئى (غەربى شىمالدىكى ئەرەپلەرنىڭ 20%ى ۋە كۇرد، تۈركمەن قاتارلىقلار) سۈنئي مەزھىبىگە ئىشىنىدۇ. ئۇندىن باشقا يەنە 150مىڭ يەھۇدى ، 200مىڭ خىرىستان ئەرەپ بار. ئىسلام دىنى شىئە مەزھىبى ئىراقنىڭ دۆلەت دىنى . پۇلى: دىنار. 2006-يىلى 1466دىنار= بىر دوللار، 2004-يىلى 1890دىنار = بىر دوللار، 2002-يىلى0.32دىنار = بىر دوللار. ئىقتىسادى: ئىراق ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەنئەنىۋى نېفىت دۆلىتى بولۇپ نېفىت ۋە تەبىئى گاز ئىكىسپورتى دۇنيادا سەئۇدى ۋە ئىراندىن قالسىلا ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. نېفىت بايلىقى يەر شارى زاپاس نېفىت بايلىقىنىڭ8%نى ئىگەللەپ ئالتىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. نېفىت ۋە تەبىئى گاز كىرىمى دۆلەت كىرىمىنىڭ 90% دىن كۆپرەگىنى ئىگەللەيدۇ. 2008 -يىلى ئىراقنىڭ ئۇمۇمىي مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 84مىليارت 9مىليون دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا 4مىڭ900 دوللار توغرا كەلگەن. ئىراقنىڭ ئىقتىسادى بىر نەچچە يىللىق قالايمىقانچىلىقتىن كېيىن نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلىشى بىلەن بىر ئاز ئېسىگە كەلدى. 2008-يىلى يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى 6.6% بولدى. دۆلەت بايرىمى : ئىراق يېڭى ھۆكۈمىتى تېخىچە دۆلەت بايرىمىنى بېكىتمىدى ئەمما ئىراقتا 1958-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى جۇمھۇرىيەت كۈنىنى مۇھىم خاتىرە كۈن سۈپىتىدە خاتىرىلەش ئەنئەنىسى بار .
قىسقىچە تارىخى : ئىراق زىمىنى ئەسلىدە قەدىمى ئاسۇرىيانلارنىڭ بىر قىسمى بولغان بابىلونلارنىڭ بولۇپ، ئىراق يازما تارىخي مىلادىدىن بۇرۇنقى4700- يىلدىن باشلانغان قەدىمى مەدەنىيەتلىك دۆلەت بولۇپ تارىختا بابىلون دەپ ئاتالغان . مىلادىدىن بۇرۇنقى10-ئەسىردە يەھۇدى ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان، مىلادىدىن بۇرۇنقى 7-ئەسىردە قۇدرەتلىق بابىلون پادىشاھلىقى قۇرۇلۇپ دۇنيادىكى تۇنجى قانۇن "ھامۇراپى قانۇنى" تۇرغۇزۇلغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 555-يىلى پارس ئىمپىرىيسىنىڭ بىر قىسمى بولغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 330- يىلى بابىلون ئالېكساندىر ماكىدونىسكى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. كېيىن ئىزچىل تۈردە رىم ئىمپىرىيسى بىلەن پېرسىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ تالىشىدىغان يېرى بولۇپ كەلگەن. 651-يىلىدىن 820-يىلىغىچە ئەرەب ئىسلام ئىمپىرىيىسى ھۆكۈمرانلىق قىلىپ ئىسلام دىنى ئىراقغا سىڭىپ كىرگەن ۋە يەرلىك بابىلونلارنىڭ ئەرەبلىشىش قەدىمى تاماملانغان. 752-يىلىدىن كېيىن باغداد ئەرەپ ئىمپىرىيىسىنىڭ مەركىزى بولغان. 1005-يىلى سالجۇق ئىمپىرىيىسىگە بېقىندى بولۇپ قالغان. 13-ئەسىردە باغداد موڭغۇل قوشۇنلىرى تەرىپىدىن تالان-تاراج قىلىنغان ۋە شۇنىڭدىن كېيىن ئاستا ئاستا تۈركلەر ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتۈپ ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان. . 1795-يىلى ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيىسى ئىراق ئۆلكىسىنى قۇرۇپ ھازىرقى ئىراق چېگرىسىنى شەكىللەندۈرگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا تۈرك ئىمپىرىيىسى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئىراق ئەنگىلىيەنىڭ ۋاكالىتەن باشقۇرۇش رايونىغا ئايلانغان.1921-يىلى 8-ئايدا ئىراق مۇستەقىللىق جاكارلىغان ۋە ئىراق پايسال پادىشاھلىقى قۇرۇلغان. 1958- يىلى 7- ئاينىڭ 14- كۈنى گېنېرال ئابدۇكەرىم قاسىم سىياسى ئۆزگىرىش قوزغاپ دۆلەت تۈزۈلمىسىنى جۇمھۇرىيەتكە ئۆزگەرتكەن.1963- يىلى ئەرەپ سوتسىيالىستلار پارتىيىسى سىياسى ئۆزگىرىش قوزغاپ قاسىم ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغان، ئەلىپ جۇمھۇرىيەت باشلىقى بولغان. 1968-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى ئەھمەد ھەسەن بەكرىسىياسى ئۆزگىرىش قوزغاپ جۇمھۇرىيەت باشلىقى بولغان. 1979- يىلى7- ئايدا سادام ھۈسەيىن ئالى رەھبەرلىك ھوقۇقىنى قولغا ئالغان، 2003-يىلى 3- ئايدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىراقتا يۇشۇرۇن قىرغۇچى قورال بار دىگەن باھانە بىلەن سادام ھاكىمىيىتنى ئاغدۇرغان. 2006-يىلى 12-ئايدا سادام دارغا ئېسىلغاندىن ھازىرغىچە ئىراق ھاكىمىيىتى ئانچە مۇقىم بولمايۋاتىدۇ. ھازى ئىراق پىرىزدىنتى كۇرت ئازاتلىق ھەركىتىنىڭ رەھبىرى جالال تالابانى، باش مىنىستىر شىئەلەرنىڭ ۋەكىلى بولغان نۇرى مالىكى. ئىراقنىڭ كۆپ قىسىم زىمىنى تۈزلەڭلىك بولۇپ، شىمالىدا ئاناتولىيە ئىگىزلىكى. ئىران بىلەن چېگرىلىنىدىغان لۇر تاغ تىزمىسى بار. تاغلىق رايوندىن باشقىلىرى تىروپىك بەلباغ چۆل ئىقلىمىگە تەۋە بولۇپ ، قۇرغاق، يامغۇر ئاز، يىل بويى يۇقىرى تېمپىراتۇرىلىق. 2008-يىلى ئىراقنىڭ ئىقتىسادىدا يېزا ئىگىلىك كىرىمى 7%،سانائەت66%، مۇلازىمەت 26%نى ئىگەللىگەن بولۇپ 2005-يىلى مۇقىم تېلپون ئابونتى1مىلىيۇن547مىڭ بولغان، 2007-يىلى يانپون ئابونتى 14مىلىيۇن 21مىڭ ، ئىنتېرنېت ئابونتى 54مىڭ بولغان.(ئىراقنىڭ تور ئالاقە ئىشلىرى كۇۋەيت ئۇرۇشى مەزگىلىدە ۋەيران قىلىۋېتىلگەندىن بۇيان زادىلا خەلقاراغا يېتىشىش پۇرسىتى بولماي كەلدى).
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 532 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01