گابون جۇمھۇرىيىتى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

گابون جۇمھۇرىيىتى Gabonese Republic

پايتەختى: لىبىرىۋېل ئاھالىسى 500مىڭ

يەر كۆلىمى: 267مىڭ667 كۋادىرات كىلومېتىر . نوپۇسى : 1مىلىيۇن454مىڭ867. ئاھالىنىڭ 94%نى فان(35%)، باپۇنو(27%)، نىزېبى(23%) ۋە ئوبامبا(7%) قاتارلىق بانتۇ مىللەتلىرى ئىگەللەيدۇ. ئاھالىنىڭ 75% خىرىستان كاتولىك دىنىغا، 4%ى پىروتىستانت دىنىغا، 7% ئىسلام دىنىغا، قالدىسى يەرلىك ئىپتىدائى دىنلارغا ئىشىنىدۇ. دۆلەت تىلى فرانسۇز تىلى.

مۇستەقىل دۆلەت بولۇپ قۇرۇلغان خاتىرە كۈنى :8-ئاينىڭ 17-كۈنى (1960-يىلى)
   قىسقىچە تارىخى: گابوننىڭ 14-ئەسىردىن ئىلگىرىكى تارىخى ئانچە ئېنىق ئەمەس بولۇپ، مىلادى 1473-يىلى پورتۇگالىيىلىك دېڭىزچىلار بۇ يەرگە كەلگەندە يەرلىك بانتۇلارنىڭ ئىپتىدائى ھالەتىىكى قەبىلە ھۆكۈمرانلىقىنى كۆرگەن شۇنداقلا گابون دەرياسىنىڭ ماتروسلار كىيىدىغان چاپانغا ئوخشايدىغان دەريا ئاغزىنى كۆرۈپ بۇ دەرياغا گابون(چاپان) دەپ نام بەرگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن گوللاندىيە، ئەنگىلىيە ۋە فرانسىيەلەر ئارقىمۇ-ئارقىدىن گابوننىڭ دېڭىز بويلىرىغا كېلىپ مۇستەملىكە قۇرۇۋالغان. 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 19-ئەسىرنىڭ باشلىرى فرانسىيە تەۋەككۈلچىلىرى گابونغا ئىچكىرىلەپ كىرىپ تەدرىجى ھالدا باشقا دۆلەتلەرنى سىقىپ چىقىرىپ بۇ يەردە ھەقىقى مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلىگەن.1876-يىلى ياۋروپادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر گابوننىڭ فرانسىيە مۇستەملىكىسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان.1911-يىلى فرانسىيە گابوننى گېرمانىيەگە ئۆتۈنۈپ بەرگەن بولسىمۇ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن قايتۇرىۋالغان. 1958-يىلى گابون فرانسىيە ئورتاق گەۋدىسى ئىچىدىكى ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت بولغان. 1960-يىلى8-ئايدا تولۇق مۇستەقىل بولغان. 1967-يىلى ئۆمەر بانگو گابونغا پىرىزدېنت بولغاندىن كېيىن زور كۈچ بىلەن ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇپ سىياسى جەھەتتە سوۋېت بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئارىسىدىكى دىپلوماتىيە كۈرىشىدىن پايدىلىنىپ، دۆلەتنىڭ مول ئورمان ۋە كان بايلىقلىرىنى چەتئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىش ئارقىلىق ئېچىپ  توغرا سىياسى يۆنۈلۈش بىلەن دۆلەتنى تەرەققى قىلدۇرغان. گابون ئافرىقا قىتئەسى بويىچە ئەڭ بالدۇر زامانىۋىلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرغان، 1970-يىللىرى گابون ئىقتىسادىدا نېفىت ئىشلەپچىقىرىش 50%دىن كۆپرەك سالماقنى ئىگەللىگەن.گابون 1990-يىلىدىن ئىلگىرى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 6مىڭ دوللاردىن ئاشقان بىردىنبىر باي دۆلەت ئىدى. ئەمما خەلقنىڭ مائارىپ ئەھۋالى ئۇمۇمەن تۆۋەن بولغاچقا 1994-يىلىدىكى ئىقتىسادى كىرزىستىن كېيىن ئافرىقا فرانكى ئېغىر پاخاللىشىپ كېتىپ گابون ئىقتىسادى چېكىنىپ كەتتى.  
  گابون ئىقتىسادىدا كاكائۇ ۋە قەھۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلغان  يېزا ئىگىلىك 6%، ياغاچ ماتېرىياللىرى، مارگانتېس، تۆمۈر  ۋە ئۇران رۇدىسى ئىكىسپورت قىلىشنى ئاساس قىلغان كانچىلىق ۋە سانائەت 60%، مۇلازىمەت 34%نى ئىگەللەيدۇ. گابوننىڭ 2006-يىللىق مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 10مىليارت 180مىلىيۇن دوللار، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 7مىڭ100دوللار. يېقىنقى يىللاردىن بېرى گابون ئىقتىسادى ئىزچىل بەكلا ئاستا بولۇۋاتىدۇ. 2006-يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى 1.2% بولدى.
   گابون ئافرىقا فرانىك رايونىنىڭ ئەزاسى بولۇپ ئافرىقا فرانىكى ئىشلىتىدۇ. ئافرىقا فرانكى 2002-يىلى696.99ئافرىقا فرانكى=بىر دوللار، 2004-يىلى 528.29ئافرىقا فرانكى=بىر دوللار، 2006-يىلى 522.89ئافرىقا فرانكى=بىر دوللار  بولۇپ كەلمەكتە.


   2006-يىلىغا قەدەر گابوندا مۇقىم تېلپون ئىشلەتكۈچىلىرى 40مىڭ، كۆچمە تېلپون ئىشلەتكۈچىسى 655مىڭ، ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچىسى 75مىڭ بولدى.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 579 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01