دۇنيادىكى بۇلغىنىش ئەڭ ئېغىر ئون شەھەر

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

    1. ئۇكرائىنادىكى چېرنوبېل  پۈتۈن دۇنياغا سېسق نامى پۇر كەتكەن بۇلغانغان شەھەر بولۇپ، ئۇران، پلۇتونىي ، يود، سېزىي137 ۋە باشقا ئېغىر رادىئاتسىيىلىك نەرسىلەر مۇشۇ جايدىن قويۇپ بېرىلىدۇ. بۇلغىنىش مىقدارى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا ناگاساكى خىروسوما ئارىلىدىكى ئاتوم بومبىسى پارتىلاتقاندىن كېيىن چىققان بۇلغىنىشنىڭ 100ھەسسىسىدىن ئارتۇق. داڭلىق چېرنوبېل ۋەقەسىدە 300مىڭدىن ئارتۇق ئادەم زەھەرلەنگەن بولۇپ ئاتوم ئېلىكتىر ئىستانسىسى ئەتراپىدا 500يىلغىچە ئادەم ئولتۇراقلاشقىلى ۋە تېرىلغۇ ئىشلىرىنى ئېلىپ بارغىلى بولمايدىغانلىقى ئېيتىلماقتا.
    2. روسىيىدىكى چېرېنىسكىدا300مىڭ تۇراقلىق نوپۇس بولۇپ،روسىيىنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلدىكى خىمىيىلىك قورال-ياراقلارنى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ئىدى. بۇ يەردە تېخى بىر تەرەپ قىلىنمىغان زەھەرلىك ماتىرىياللار زاپاس ساقلاقلىق بولۇپ، بۇ زەھەرلىك ماددىلار قويۇپ بېرىلگەندىن كيىن يەر ئاستىغا سىڭىپ خەلقنىڭ ئىستىمال قىلىدىغان تۇرۇبا سۈيىگە ئايلىنىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ شەھەرنىڭ خەلقلىرىنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى تۇغۇلۇش نىسبىتىدىن 2.6 ھەسسە كۆپ ئىكەن.
    3.  ھاينا شەھرى دومىنىكا جۇمھۇرىيىتىدىكى ھەقىقىي ئىسمى-جىسمىغا لايىق «زەھەر شەھرى». بۇ 850مىڭ نوپۇسى بار بولغان بىر كىچىك شەھەر بولسىمۇ، «باتارىيە يىغىۋىلىش» بىلەن نام چىقارغان. ھەريىلى كۆپلىگەن دۆلەتلەر ئىشلىتىپ بولغان باتارىيىلەرنى مۇشۇ شەھەرگە ئاپىرىپ ئاددىيلا بىر تەرەپ قىلىۋىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بۇ جاي ئېغىر دەرىجىدە قەلەي ۋە ئاليۇمىننىڭ بۇلغۇنۇشىغا ئۇچرايدۇ.
    4. كابۇۋېي زامبىيەدىكى ئىككىنچى چوڭ شەھەر، 250مىڭ نوپۇسى بار،  ئۇ يەر مىس قوغۇشۇن ۋە سىنىك مول بولغان كان رايونى ھېساپلىنىدۇ.  كان رايونىنى قالايمىقان ئېچىش ۋە باشقۇرۇشتىكى قالايمىقانچىلىق تۈپەيلى، بۇ جاينىڭ سىنىك ۋە قوغۇشۇن بىلەن بۇلغىنىش مىقدارى ئېغىرلاپ كەتكەن. ئۇ جايدىكى بالىلارنىڭ قېنىدىكى قوغۇشۇننىڭ مىقدارىنى تەكشۈرگەندە،ب د ت مۇھىت ئاسراش ئورنى بېكىتكەن ئۆلچەمدىن 5-10ھەسسىگىچىلىك كۆپ چىققان.
    5. جۇڭگونىڭ شەنشى ئۆلكىسىدىكى لىنفېن شەھىرى كۆمۈركېنى مول بولغان جاي ھېساپلىنىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسى ئاساسلىقى كوكس ۋە كۆمۈردىن تەشكىل تاپقان. گەرچە بۇ جايدىن چىققان كۆمۈر زور ئىقتىسادىي قىممەت ياراتقىنى بىلەن، ئىشلەپچىقىرىش ۋە بىر تەرەپ قىلىشتىكى قالايمىقانچىلىق تۈپەيلى ئېغىر دەرىجىدىكى مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.
    6. پېرۇنىڭ رائويلا شەھرىدە مېتال ئېرىتىش ئارقىلىق مۇھىتنى بۇلغىغىلى 10يىلدىن ئاشتى. شۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ قېنىدىكى مېتالنىڭ مىقدارى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ . ئېرىتىلگەن ماتېرىيال قويۇپ بېرىدىغان گۈڭگۈرد تۆت ئوكسىد مۇھىتنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىغان بولغاچقا ئۇ يەردە ھازىرغىچىلىك كۆكتات ئۈنمەيدۇ.
    7. قىرغىزىستاننىڭ مىلسۇ شەھرى بەئەينى رادىئو ئاكتىپلىق ماددىلارنىڭ  ئەخلەت مەيدانى بولۇپ، بۇ يەردە 200مىڭ كۇپ مېتىر يەردىن ئۇران قاتارلىق كېرەكسىز ماددىلار قويۇپ بېرىلىپ فەرغانە ئويمانلىقىنى تەھدىتكە ئۇچراتماقتا. بۇ يەردە بىر قانچە قېتىم چوڭ كۆلەملىك پارتىلىتىش بولغان بولسىمۇ، ھۆكۈمەت پەقەت ئاز بىر قىسىم كۈچلۈك رادىئو ئاكتىپلىق ماددىلارنىلا قىسقارتتى. ھازىر بۇ يەردە يەنىلا بىر مىلىيۇن 960مىڭ كۇپتىن ئارتۇق كېرەكسىز ماددا مەۋجۇت.
    8. روسىيىنىڭ نورىسكى شەھىرىدە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ مېتال ئېرىتىپ تاۋلاش زاۋۇتى بار. بۇ زاۋۇت ھاۋاغا 90سترونىتسىي، 137سېزىي ۋە ھىدروگىن قويۇپ بېرىپ ھاۋانى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغايدىغان بولغاچقا بۇ قاتاردىن ئورۇن ئېلىشقا تامامەن يېتىدۇ.
    9. ھىندىستاننىڭ لانبىت شەھرىدە  300مىڭ ئاھالىسى بار. بۇ ھىندىستاندىكى بەش چوڭ تېرە-خۇرۇم زاۋۇتىنىڭ مەركىزى ھېساپلىنىدۇ. تېرە-خۇرۇمدىن چىقىدىغان كېرەكسىز ماتېرىيالدىكى خروم ۋە خىمىيىلىك ماتېرىياللار يەر ئاستى سۈيىنى بۇلغايدۇ. يىلىغا ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن 150مىڭ توننا زەھەرلىك ماددىنى سۇغا قويۇپ بېرىدۇ، بۈگۈنگە كەلگەندە بۇ يەرنىڭ سۈيىنى ئىستىمال قىلىشتىن چەكلەندى. ھازىر پەقەت 90مىڭدىن ئارتۇق شەھەر ئاھالىسى بار شەھەر رايونىلا مۇھىتنى تۈزەشكە كۆڭۈل بۆلگەن بولسىمۇ، بۇلغىنىشنىڭ ئېغىرلىقى تۈپەيلىدىن ئۆسۈملۈكمۇ ئۈنەلمەيدۇ.
    10. جوڭگۇ شىنجاڭدىكى مالەن شەھرى.  گەرچە بۇ شەھەر خەرىتىدىن تاپقىلى بولمايدىغان ،پەيدا بولغان بۇلغانمىلار ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن بولسىمۇ، تاشلىۋېتىلگەن ئاتوم سىنىقى مەيدانىدىكى قالدۇق ماتېرىياللارغا قىزىقىپ شۇ ئەتراپقا بارغان يەرلىكلەردىن سالامەت ياشاۋاتقانلار  يوقنىڭ ئورنىدا. ئەينى ۋاقىتتا دۆلىتىمىزدە تېخى مۇھىت قوغداش قارىشى شەكىللەنمىگەن بولغاچقا نەچچە قېتىملىق سىناق تۈپەيلى  ئەتراپتىكى ئاھالىلەر ئارىسىدا غەيرى ۋە مېيىپ تۇغۇلۇش ھادىسىلىرى كۆپىيىپ كېتىپ  ئېنىق سىتاتىسكا بولمىغان بۇلغانما شەھەر بولۇپ قالغان. 

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 1374 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01