ئىزاك نىيۇتون (1642ـ1727) .Sir Isaac Newton ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تەسىرى ئەڭ زور، ئەڭ ئاتاقلىق ئەنگىلىيە ئالىمى، ئۇ فىزىكا ، ماتېماتىكا ، ئاسترونومىيە قاتارلىق نۇرغۇن جەھەتلەردە ئاجايىپ تۆھپە يارىتىپ سانائەت ۋە پەن تېخنىكىنىڭ گۈللىنىش ئىشىگىنى ئاچقان.
نىيوتۇن ئەنگلىينىڭ لىنكولىن رايونىدا تۇغۇلغان . 1665- يىلى داڭلىق
كامبىرىج ئۇنۋېرستىنىڭ 1- مارت ئىنستوتىنى پۈتتۈرۈپ ، باكلاۋىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن . ئۈچ يىلدىن كېيىن يەنە ئەدەبىيات ماگىسترلىق ئۇنۋانىنى ئالغان .
1669- يىلدىن باشلاپ 1 - مارت ئىنستوتىنىڭ پىروفېسسورى بولغان . نىيوتۇننىڭ ئەڭ كۆرۈنەرلىك تۆھپىسى مېخانىكا جەھەتتە بولۇپ ، ئالدىنقىلارنىڭ تەتقىقاتى ئاساسىدا ، جىسىمىنىڭ مېخانىكا ھەرىكىتىنىڭ ئۈچ ئاساسىي قانۇنىيتىنى يەكۈنلەپ چىققان ۋە ئالەملىك تارتىش كۈچى قانۇنيتىنى بايقاپ ، يەر شاردىكى ۋە ئاسماندىكى جىسىملارنىڭ ھەرىكىتىنى بىر ئاساسىي مېخانىكا سېستىمسىغا يىغىنچاقلاپ ، كىلاسسىك مېخانىكا سېستىمىسىنى ياراتقان . بۇ مېخانىكا سېستىمىسى ماكرو جىسىملارنىڭ تۆۋەن تېزلىكتىكى ھەرىكىتىنىڭ ئوبىيكىتىپ قانۇنيتىنى توغرا ئەكىس ئەتتۈرۈپ ، تەبئي پەندىكى بىر قېتىملىق چوڭ ئومۇملاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان . بۇ ئىنسانىيەتنىڭ تەبىئەت دۇنياسىنى بىلىشىدىكى بىر چوڭ سەكرەش ئىدى . ئوپتىكا جەھەتتىمۇ نىيوتۇن زور تۆھپە قوشقان ، ئۇ 1666- يىلى ئۈچ قىرلىق ئەينەكتە كۈن نۇرىنى كۆزىتىۋاتقاندا ، قياش نۇرىنىڭ ئوخشاش بولمىغان رەڭلەردىن تۈزۈلدىغانلىقىنى ۋە ئوخشاش بولمىغان دولقۇن ئۇزۇنلۇقىتىكى نۇرلاردىن تەركىب تاپىدىغانلىقىنى بايقاپ ، سپىكىتىرلىق ئانالىزغا ئاساس سېلىپ ، نىيوتۇن رەڭ تاختىسىنى ياساپ چىققان.
1704- يىلى ئۇ « ئوپتىكا » ناملىق كىتابنى نەشىر قىلدۇرۇپ ، يورۇقلۇقنىڭ « مىكرو زەررىچە تەلىماتى » نى ياراتقان . شۇنداقلا ئىسسىقلىق ئىلمي جەھەتتىمۇ تەتقىقات نەتىجىسى بولۇپ ، سوۋۇتۇش قانۇنىنى بېكىتىپ چىققان ، بۇ قانۇنىيەت ئارقىلىق ، ماددىلارنىڭ سىرتقى يۈزى بىلەن ئەتراپىدا تېمپۇراتۇرا پەرقى مەۋجۈت بولغاندا ، بىرلىك ۋاقىت ئىچىدە بىرلىك يۈزىدىن تارقىلىپ يوقالغان ئىسسىقلىق بىلەن بۇ تېمپۇراتۇرا پەرقى ئوڭ تاناسىپ بولدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن . ماتېماتىكا جەھەتتە ئۇ ، لېيېنىز بىلەن بىر ۋاقىتتا دېگۈدەك دىففېرېنسىئال ۋە ئىنتېگرال ئىلىمىنى كەشىپ قىلغان . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە ئالدىنقىلارنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسەن ئىككى ئەزالىق تېئورمىنى ئوتتۇرىغا قويغان . ئاسترونومىيە ساھەسىدە ، ئۇ 1671- يىلى رېفلىكتورلۇق دۇربۇننى ياساپ چىقىپ ، دەسلەپكى قەدەمدە سەييارىلەرنىڭ ھەرىكەت قانۇنىيتىنى كۆزەتكەن ؛ ئۇ يەنە سۇنىڭ كۆتۈرۈلۈشى ۋە پەسىيشى ھادىسىسنى چۈشەندۈرگەن ، يەر شارىنىڭ مۇتلەق شار جىسىم ئەمەسلىكىنى ئالدىن ئېيتىپ ، ئۇنىڭ يىل پەرقى ھادىسىسنى چۈشەندۈرگەن .
1687- يىلى ئۇ « تەبىئەت پەلسەپىنىڭ ماتېماتىكىلىق پىرىنسپى » ناملىق داڭلىق ئەسىرىنى ئېلان قىلىپ ، ماتېماتىكىلىق ئۇسۇل ئارقىلىق كوپېرنىك تەلىماتىنى ۋە ئاسمان جىسىملىرى ھەرىكىتنىڭ ھادىسلىرىنى چۈشەندۈرۈپ ، مېخانىك ھەرىكەتنىڭ ئۈچ قانۇنى ۋە ئالەملىك تارتىش قانۇنى قاتارلىقلارنى شەرھلىگەن . پەلسەپە ئىدىيسى جەھەتتە، نىيوتۇن ۋاقىت ۋە بوشلۇق ئوبېيكىتپ مەۋجۇدىيەت دەپ قارىغان ، بىراق شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ۋاقىت ۋە بوشلۇق بىلەن ھەرىكەتتىكى ماددا ئايرىلغان بولۇپ ، ئۇلار ئوتتۇرىسدا مۇقەررەر باغلىنىش يوق دەپ قاراپ ، تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئاتالمىش مۇتلەق ۋاقىت ۋە مۇتلەق بوشلۇق ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويغان . نىيۇتۇن ئۇزاق ۋاقىت ئەنگلىيە خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيتىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ، ئۇ يەنە ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ پارلامېنىت ئەزاسى بولغان . سېر مەرتىۋىسىگە ئىگە بولغان .
نىيۇتون 1727- يىلى كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتكەندە ، خان جەمەتىنىڭ ۋىسىتمنىستېر چېركاۋىغا دەپنە قىلنغان ، بۇ بىر خىل ئەڭ ئالىي شەرەپ ئىدى .