جۇمھۇرىيەت كالېندارى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

جۇمھۇرىيەت كالېندارى   

  جۇمھۇرىيەت كالېندارى 1793- يىلى 10- ئاينىڭ 5- كۈنى ئېلان قىلىنىپ ، 1806-يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنى بىكار قىلىنغان فىرانسىيە ئىنقىلابىي كالېندارىدۇر . يېڭى كالېندار جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان كۈنىدىن ، يەنى 1792- يىلى9- ئاينىڭ 22 - كۈنىدىن باشلانغان بولۇپ ، 1792- يىلى جۇمھۇرىيەتنىڭ تۇنجى يىلى ھېسابلىنىدۇ . بىر يىل 12 ئاي ، ھەر ئاي 30 كۈن بولۇپ ، 9- ئاينىڭ 22- كۈنىدىن باشلاپ تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە تىزىلغان : ئۈزۈم ئېيى ( 9- ئاينىڭ 22- كۈنىدىن 10- ئاينىڭ 21- كۈنىگىچە ) ، تۇمانلىق ئاي ، قىرو ئېيى بولسا كۈز پەسلى ھېسابلىنىدۇ ؛ قارلىق ئاي ، يامغۇرلۇق ئاي ، شاماللىق ئاي بولسا قىش پەسلى ھېسابلىنىدۇ ؛ بىخ ئېيى ، ەۈل ئېيى ، چوپان ئېيى باھار پەسلى ھېسابلىنىدۇ ؛ ھوسۇل ئېيى ، تومۇز ئېيى ، مېۋە ئېيى ياز پەسلى ھېسابلىنىدۇ . ھەر بىر ئاي ئۈچ دېكادا بولۇپ ، ھەر بىر دېكادا ئون كۈن ئىدى . يىلنىڭ ئاخىرىدا قېپقالغان بەش كۈن « تىزلاپچىسزلار كۈيى » دەپ ئاتلىپ ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا سەنئەت بايرىمى ، ئەمگەك بايرىمى ، ھەرىكەت بايرىمى ، تەشەككۇر بايرىمى ، جامائەت پىكىرى بايرىمى قىلىپ بېكىتىلگەن . كاتولىك دىنى ئېتىقادىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ دېكادانى ھەپىتنىڭ ئورنىغا دەسسەتكەن .

[admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 15:09:41]
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 337 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01