ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

خوجىلار جەمەتى ھەققىدە(گۈلنار ئابلىز)

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

(كىتاپ ئوقۇش تەسىراتى) كىتاپ ئىسمى: 
                   خوجىلار جەمەتى ھەققىدە يازغۇچى:                         刘正演، 魏良
نەشر قىلغۇچى ئورۇن:               مىللەتلەر نەشرىياتى
نەشر قىلىنغان ۋاقتى:                    2006-يىلى 5-ئاي
ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى:             قۇربان تۇران
ئۇشبۇ ئوقۇش خۇلاسىسىنى تەييارلىغۇچى:     گۇلنار ئابلىز (مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى 2004-يىللىق ئۇيغۇر تىلى سىنىپى)
ئۇيۇشتۇرغۇچى ۋە يېتەكلىگۈچى:        دوكتور ئابدۇرەشىد جەلىل قارلۇق  

     خوجىلار جەمەتى ئالدى بىلەن بىر دىنى گورۇھتىن تەدرىجىي كۈچۈيۈپ، ئۆزى بىلەن زامانداش  بولغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خانلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، كۈلتۈرەل ھاياتىغا نىسبەتەن زور تەسىر كۆرسىتىش  بىلەن بىرگە ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىپ  ئوتتۇرا–ئاسىيا تارىخىدىكى  مۇھىم  بىر دىنى-سىياسىي كۈچكە ئايلانغان.         《خوجىلار جەمەتى ھەققىدە》 ناملىق بۇ ئەسەردە خوجىلار جەمەتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدىكى پەيدا بولۇش، تەرەققى قىلىش، تەسىر كۆرسىتىش ۋە زاۋاللىققا  يۈز تۇتۇش تارىخىنى تەپسىلىي ۋە ئېنىق بايان قىلغان. تۆۋەندە مەن 《خوجىلار جەمەتى ھەققىدە》 ناملىق بۇ كىتابنى ئوقۇغاندىن كىيىنكى خوجىلار جەمەتى ھەققىدە ئىگە بولغان چۈشەنچىلىرىمنى قىسقىچە سۆزلەپ ئۆتمەكچىمەن: 
      قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ بىرى بولغان موڭغۇللار ئەسلىدە شېرۋىلارنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، Ⅷئەسىرنىڭ بېشىدا چۆللۈكنىڭ شىمالىدا باش كۆتۈرۈشكە باشلىدى. 1206-يىلىغا كەلگەندە موڭغۇل  قەبىلىلىرى ئونۇن دەرياسى بويىدا قۇرۇلتاي ئۆتكۈزۈپ، تېمۇچىننى بارلىق موڭغۇللارنىڭ خانى قىلىپ سايلاپ ئۇنى 《چىڭگىز خان》 دەپ ئاتىدى ۋە دۆلەت نامىنى 《يېڭى موڭغۇل ئۇلۇسى》 ( ئۇلۇغ  موڭغۇل دۆلىتى ) دەپ بىكىتتى. چىڭگىزخان موڭغۇل قەبىلىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ خانلىق قۇرغاندىن كېيىن سىرىتقا قارىتا كەڭ كۆلەملىك بويسۇندۇرۇش ئۇرۇشىنى باشلىۋەتتى. مانا مۇشۇنداق موڭغۇللار چۆللۈكنىڭ شىمالىدا روناق تېپىۋاتقان مەزگىللەردە غەربىي يۇرتنى ئىدارە قىلىۋاتقان  قارا قىتان خانلىقى ئىچكى ۋە تاشقى زىددىيەتلەرگە تولغان بولۇپ بۇ خىل ۋەزىيەت چىڭگىزخاننىڭ كېڭەيمىچىلىك ئۇرۇشىدا غەربىي يۇرتقا ئىچكىرىلەپ كىرىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىنىڭ موڭغۇل ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىگە كىرىشنى ئوبېكىتىپ شەرت-شارائىتلار بىلەن تەمىنلىدى. دەسلەپكى قەدەمدە ئىدىقۇت دۆلىتى ۋە قارلۇق قەبىلىسى باش ئەگكەندىن كېيىن، موڭغۇللار داۋاملىق غەرىپكە يۈرۈش قىلىپ قاراقىتان زىمىنىغا ئاياغ باسىتى ۋە ياللۇغ تاشىن قۇرغان قاراقىتان ئىمپىرىيسىنى ھالاك قىلىپ غەرىبكە تېخىمۇ  ئىچكىرىلەپ كىردى. 1219-يىلى كۈزدىن كېيىن چىڭگىزخان قوشۇن تارتىپ ماۋارائۇننەھرگە ھۇجۇم باشلىدى ۋە خارەزىم دۆلىتىنى ناھايىتى تېزلىكتە يىمىرىپ تاشلىدى.  شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى يېڭى بىر دەۋىرگە يەنى موڭغۇل ھۆكۈمرانلىقى دەۋىرگە قەدەم قويدى.       چىڭگىزخان ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى ئانا ماكانى ۋە غەرىپتىكى  بويسۇندۇرۇلغان  كەڭ زىمىنلارنى تۆت ئوغلىغا  بۆلۈپ بەردى.  بۇنىڭ ئىچىدە ئىككىنچى ئوغلى چاغاتايغا ئۇيغۇرلار زىمىنىدىن تارتىپ تاكى  ئىلى دەرياسى ئارقىلىق ماۋارائۇننەھرگىچە تۇتاشقان جايلارنى بۆلۈپ بىرىپ چاغاتاي خان ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى يۈرگۈزدى.
    موڭغۇللارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئىستىلاسى گەرچە ئىسلام مەدەنىيتىنى ئاساسي ئالاھىدىلىك قىلغان ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيتىنى بىر مەھەل ئېغىر ۋەيرانچىلىققا مۇپتىلا قىلغان بولسىمۇ. ئەمما، ئىسلام دىنىنىڭ بۇ رايۇندا  تېخىمۇ كەڭ تارقىلىش ۋە تەرەققىي قىلىشىغا  توسقۇنلۇق قىلمىدى. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق ئامىل موڭغۇل ھۆكۈمرانلىرى گەرچە ئۆزلىرى  باشقا دىنغا ئېتىقاد  قىلغان بولسىمۇ، لېكىن خانلىق ئۆز  ھۆكۈمرانلىق قىلغان جايلاردا دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىك  سىياسىتىنى يولغا قويدى، بۇنىڭ بىلەن  ئىسلام دىنىنىڭ تېخىمۇ كەڭ  تارقىلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشدا  ئوبىكتىپ جەھەتتىن بەلگۈلۈك مۇھىم رول ئويناپ، ئوتتۇرا ئاسىيا  رايۇنىنىڭ تېخىمۇ بەكرەك  ئىلگىرلىگەن ھالدا ئىسلاملىشىىش  قەدىمىنى تىزلەتتى.  مانا مۇشۇنداق ئىسلام دىنى يىتەكچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئىسلام مۇھىتى ئىچىدە ھوقۇق يۈرگۈزىۋاتقان موڭغۇل ھۆكۈمرانلىرى، ئىستىخىيلىك ھالدا ئىسلاملىشىشقا قاراپ يۈزلەندى. 1348-يىلغا كەلگەندە چاغاتاي خانلىقىنىڭ  ئىچكى قىسمىدا ھۆكۈمرانلارنىڭ  ھوقۇق تالىشىىش  سەۋەبىدىن خانلىق شەرقىي چاغاتاي خانلىقى ۋە  غەربىي چاغاتاي خانلىقى دەپ ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى.
    14-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كىيىن شەرقىي چاغاتاي ھۆكۈمرانلىرى ئىسلام دىنىغا كىرىپ، دىنى كۈچلەردىن پايدىلىنىش ئارقىلىق سىياسى كۆرەشلەرنى  قوزغاش  قەدىمىنى باشلىدى. ئۇنداقتا چاغاتاي ھۆكۈمرانلىرى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي ۋە كۈلتۈرەل ھاياتىدا قانداق ئۆزگىرىشلەر بولدى؟ بۇ دەۋىردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي تۇرمۇشى دىھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، قول-سانائىتى ۋە قۇشۇمچە كان-مىتاللورگىيەنى ئاساس قىلغان بولۇپ ئىلگىرىكىدىن يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا تەرەققىي قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خانلىق ئوردىسىدا ۋە باشقا جايلاردا كۆپلىگەن سىياسىئونلار، ئىقتىسادشۇناسلار، ئەدىبلەر، مۇزىكانتلار، تەرجىمان، تارىخشۇناسلار مەيدانغا كېلىپ، خانلىق، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ كۈلتۈرەل ھاياتىنىڭ گۈللىنىشىگە زور تۆھپىلەرنى قوشتى. بۇ دەۋردىكى ئاساسى يېزىق چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى بولۇپ ئۇنىڭدىن باشقا ئەرەب ۋە پارس يېزىقىمۇ قوللىنىلدى ۋە كۆپلىگەن قىممەتلىك ئەدەبىي ئەسەرلەر بارلىققا كەلدى.
   مەسىلەن: ئوغۇزخان ھەققىدىكى رىۋايەت يەنىمۇ پىشىپ يېتىلىپ نەسرىي شەكىلدىكى مۇكەممەل بىر ئىپىك داستانغا ئايلاندى ۋە رەتلەپ چىقىلدى يەنە رابغۇزى، لۇتفى، نەۋائى، سەككاكىدەك ئەدىبلەر مەيدانغا كىلىپ ئۇيغۇر كلاسسك ئەدەبىيات تارىخىدىكى ئۆلمەس ئەسەرلەرنى ياراتتى. دىنىي ئىتقاد جەھەتتە، ئىسلام دىنى تىخىمۇ كەڭ ئومۇملىشىپ ئۆز تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلەتتى. مانا بۇلار چاغاتاي ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي ۋە كۈلتۈرەل ھاياتىدىكى ئۆزگىرىشلەردىن قىسقىچە ئىزاھ .
   بىز ئالدىنقى مەزمۇندا شەرقىي چاغاتاي ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ئىسلام دىنىغا كىرىپ دىنىي كۈچلەردىن پايدىلىنىش ئارقىلىق سىياسىي كۆرەشلەرنى قوزغاش قەدىمىنى باشلىغانلىقىنى تىلغا ئىلىپ ئۆتكەن. بۇ دىنى  كۈچلەرنىڭ  شەرقىي چاغاتاي خانلىقى  ئوردىسىغا سىڭىپ  كىرىشى  ئۇۋەيىسخان دەۋرىدىن يەنى، ⅩⅣ  ئەسىردە باھاۋۇدۇن نەخشىبەندى بۇخارادا  ۋۇجۇدقا  چىقارغان نەخشىبەندىيە تەرىقىتىنىڭ سىڭىپ كىرىشىدىن باشلىنىدۇ .
    نەخشىبەندىيە تەرىقىتىنىڭ بارلىققا  كېلىشى :         سوپىزىم ئىسلام دىنىدىكى تەركى دۇنياچىلىق ۋە مىستىزىم مۇرىتلىرىنىڭ ئومومي نامى . 《سوپى》سۆزى《يىرىك يۇڭدىن توقۇلغان كىيىم》،《خام توقۇلما》دىگەن مەنىلەردە بولۇپ، بۇ  مەزھەپتىكىلەرنىڭ  نامرات، تەركىي دۇنيا  تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. سوپىزىم ئىسلامىيەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى جاپا-مۇشەققەتكە بەرداشلىق بېرىش، تەركى دۇنياچىلىق  تەلىماتىدىن  ۋۇجۇدقا چىققان ۋە پەيدىنپەي  راۋاجلانغان. ئۇنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك پېشۋاسى  ئۈمەييا سۇلالىسىدىكى مەشھۇر ئىلاھىيەتچى ھەسەن بەسىر بولۇپ، ئۇ دىنى تۇرمۇش جەھەتتكى تەقۋادارلىق، جىمجىتلىق  ۋە نامراتلىققا زارلىماسلىقتەك  زاھىدلىق تەلىماتىنى، ئېلاھىيەتتە بولسا چۇڭقۇر  تەپەككۇر، ئۆ‍ز-ئۆزىدىن  ئېھتىيات قىلىش ۋە ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە مۇتلەق بويسۇنۇش ئارقىلىق بەندە بىلەن ئاللاھنىڭ ئىرادىسىنى ماسلاشتۇرۇش مەقسىتىگە يىتىشنى  تەشەببۇس قىلدى ۋە كېيىن بۇ  مەزھەپنىڭ  ئاساسچىسى بولۇپ قالدى .
    11- ئەسىرنىڭ  ئاخىرى 12-ئەسىرنىڭ  دەسلىپىدە،  سوپىزىم ئەنئەنىۋى  ئىتىقاد بىلەن بىرىكىش جەريانىنى  تاماملىدى.  سوپىزىمنىڭ باش كۆتۈرىشى بولسا ئىسلام  مەھەللىۋى  ئىتىقادىدىكى مۇھىم تەرەققىيات بولۇپ، ئۇ خەلق ئىچىدىكى ئىتىقادنىڭ تەشكىلىي شەكىلىنى مۇكەممەللەشتۈردى.  بۇ ئارقىلىق  ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى. 12-13-ئەسىرلەردە، بولۇپمۇ موڭغۇل ئىستىلاسىدىن كېيىن ئەسلىدىكى كىچىك گۇرۇھلار تەدرىجىي سوپىزىمنىڭ  رەسمىي  گۇرۇھلىرى  بولۇپ  تەشكىللىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىدا ئارقىمۇ–ئارقىدىن چوڭ تەسىرگە ئىگە سوپىستىك گۇرۇھلار بارلققا كىلىپ 14-ئەسىردە نەقىشبەندىيە تەرىقىتى ئاپىرىدە بولدى.
   نەقىشبەندىيە تەرىقىتى: نەقشىبەندىيە تەرىقىنىڭ نامى ئۇنىڭ ئىجادچىسى باھاۋۇدۇن نەقشىبەندى ( 1317-1389) نىڭ  ئىسمىدىن كەلگەن. يەنى نەقشىبەندىيەنىڭ ئەسلى ئىسمى مۇھەممەد باھاۋۇدۇن ئەل بۇخارى 《نەقشىبەندى》بولسا ئۇنىڭ لەقىمى (《سىزغۇچى》 دېگەن مەنىدە)  باھاۋۇدۇن مول بىلىمگە ئىگە  سوپىسىت  بولۇپ، ئۇنىڭ تەلىماتىدا  كۈچلۈك دىئالىكتىك  تۈس ئالغان. بۇنداق دېيىشىمىزدىكى سەۋەب، ئۇ ۋە ئۇنىڭ مۇرىتلىرى پانى دۇنيا يەنى  رېئال مەسىللەرگە بەكلا ئەھمىيەت بىرىدىغان بولۇپ، تەركى دۇنياچىلىق ۋە زاھىدلققا قارشى تۇراتتى. نەقشىبەندىيە تەرىقىتى بارلىققا كەلگەندىن كېيىن  ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىدا  تېزدىن تەرەققىي قىلىشقا باشلاپ ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسى سەھنىسىدە  ناھايىتى قۇدرەتلىك  ئىجتىمائى، سىياسى كۈچ سۈپىتىدە مەيدانغا  چىقىپ  مۇھىم روللارنى  ئوينىدى . شۇنداقلا باشقا سىياسى كۈچلەرنىڭ  ئۆزگىرىش ۋە تەرققىي قىلشىغا  تەسىرلەرنى  كۆرسەتتى، يەنى ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە شەرقى چاغاتاي خانلىقىغىمۇ سىڭىپ كىرىپ،  شەرقى چاغاتاي خانلىقىنىڭ شەرىق-غەرىب ئىككى قسىمغا بۆلۈنۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
         1514-يىلىغا كەلگەندە  بۇ رايۇننىڭ غەربى قىسمىدا سەئىدخان، مىرزا ئابابەكرىنىڭ  يەركەندىكى ھۆكۈمرانلىقنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، يىڭى ۋە مۇستەقىل ھاكىمىيەت يەركەن خانلىقىنى قۇرۇپ، تۇرپاننى  پايتەخت قىلىپ تۇرغان شەرقى چاغاتاي خانلىقى بىلەن  تىركەشتى.  1533-يىلى سەئىدخان ۋاپات بولۇپ  ،ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى ئابدۇرەشىدخان تەختكە ۋارىسلىق قىلدى. 1560-يىلى ئابدۇرەشىدخاننىڭ ئوغلى  ئابدۇكېرىم خانلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا مۇھەممەت ۋەلى سوپىغا مۇرىت  بولدى. ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدىكى ئەڭ مۇھىم ئىش شەرقى چاغاتاي خانلىقى يەنى قۇمۇل، تۇرپان، رايۇنلىرىنى يەركەن خانلىقى تىرېتورېيسىگە قوشۇۋىلىش بولدى.  بۇنىڭ بىلەن خانلىقنىڭ زىمىنى مىسلىسىز كىڭەيدى.  ئابدۇكېرىم خان تەقۋادار مۇسۇلمان بولۇپ، ئۇ تەخىتتىكى مەزگىلدە ئسلام دىنىنىڭ كەڭ تارقىلشى  جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىق ۋە ئىقسىاد، كۈلتۈرنىڭ  راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. لېكىن  ئۇۋەيىسخان دەۋىرىدە تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى رايۇنلىرى تەدرىجى ماۋارائۇننەھر مەزھەپلىرىنىڭ تەسىرىگە  ئۇچرىغانلىقتىن، دىنى زاتلار  بۇ رايۇنلاردا كۆپلەپ دىنى  پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ، ھېچقايسىسى كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپىقىيەتكە ئىرىشەلمىدى.
     لىكىن خوجا مۇھەممەد شېرىف تارىم ئويمانلىقىنىڭ  جەنۇبىنى بازا قىلىپ تۇرۇپ، ئەرشىدىن جەمەتى  بىلەن  قارشىلاشتى. بۇ رايۇن  ئەنە شۇنداق دىنى كۈچلەرنىڭ كۆرەشلىرىگە  پېتىپ قىلىپ تىنچىماي تۇرغان پەيىتتە، ماۋارائۇننەھردىكى  نەقشىبەندىيە تەرىقىتىنىڭ بەشىنچى ئەۋلاد سەردارى مەخدۇم  ئەزەمنىڭ ئوغلى خوجا ئىسھاق ۋەلى بۇ رايۇنغا كېلىپ تېزلىكتە  يۇقىرىقى بارچە كۈچلەرنى پارچىلاپ يۇقاتتى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن  تەڭرىتاغنىڭ  جەنۇبىدىكى ئىسلامىيەت  تەرىقىياتى يڭى بىر باسقۇچقا يەنى نەقشىبەندىچىلەر  كونتروللۇقىدىكى دىنىي تەرەققىيات مەزگىلىگە قەدەم قويدى . 
  مەخدۇم ئەزەم: مەخدۇم ئەزەمنىڭ ئەسلى ئىسمى ئەھمەد كاسانى بولۇپ ( 1462-1543) يىللىرى ياشىغان. ئۇنىڭ ئاتا  بوۋىللىرى  مەدىنىلىك بولۇپ بوۋىسى كېيىنچە پەرغانە رايۇنىغا كىلپ ماكانلاشقان. ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيا سوپىزىم دۇنياسىدا يۈكسەك شۆھرەتكە ئىگە شەخس. ئۇ ئابدۇرەشىدخان دەۋرىدە  قەشقەرگە  كېلىپ خانلىق ۋە يەرلىك خەلىقنىڭ  يۈكسەك ھۆرمىتىگە مۇيەسسەر بولغان ھەم شۇ يەرلىك بىر ئايالغا ئۆيلىنىپ بۇ ئايالدىن بىر ئوغۇل يەنى مەشھۇر خوجا ئىسھاق ۋەلى تۇغۇلغان .  ئۇنىڭدىن باشقا مەخدۇم ئەزەمنىڭ باشقا ئوغۇللىرىمۇ بار. ئۇ ھايات ۋاقتىدىلا،چوڭ ئوغلى مۇھەممەد ئىمىننى ( ئىشان كالان )  نەقشىبەندىيە تەرىقىتىنىڭ  باش پېقىرلىقىغا باشقا  ئوغۇللىرىنى بولسا بۇ مەزھەپنىڭ ھەرقايسى جايلاردىكى سەردارلىقىغا بەلگىلىدى. لىكىن مەخدۇم ئەزەم ئۆلۈشى بىلەنلا ئوغۇللىرى مەزھەپنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇقىنى تالىشىپ كەسكىن كۆرەشلەرنى قوزغىدى.  بولۇپمۇ مۇھەممەد ئىمىن ۋە مەخدۇم ئەزەمنىڭ قەشقەرلىك ئايالىدىن تۇغۇلغان ئوغلى ئىسھاق ۋەلى ئوتتۇرىسىدىكى كۆرەش ئەڭ كەسكىن بولۇپ، نەتىجىدە ئۇلارنىڭ مۇرىتلىرىمۇ تەدرىجى ئىككى گۇرۇھقا بۆلۈنۈشكە باشلىدى.  مانا بۇ  كېيىنكى ئاق تاغلىق بىلەن قارا تاغلىق خوجىلارنىڭ مەنبەسى.  بۇ ئىككى چوڭ گۇرۇھ ئوتتۇرىسىدىكى كۆرەش  ماۋارائۇننەھر رايۇنىدىن ھالقىپ، يەركەن خانلىقى، قازاق ۋە قىرغىزلار تىررېتورىيلىرىگىچە يامرىدى.
     بۇ قارمۇ -قارشى ئىككى مەزھەپ بۇ رايۇنلاردا  كۆپلەپ مۇرىت توپلاپ تەسىرى ۋە كۈچىنى زورايىتتى. مانا مۇشۇنداق تارىخىي شارائىتتا خوجىلار غەربىي يۇرۇتقا  كىرىپ كەلدى. يەنى ئالدى بىلەن خوجا ئىسھاق ۋە ئۇنىڭ مۇرىتلىرى ھەر قايسى جايلاردىكى ھۆكۈمرانلارنىڭ تەكلىپى بىلەن سەپەرگە ئاتلاندى. ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق سەپىرىدىكى يەتمەكچى بولغان مەنزىلى يەركەن خانلىقى بولۇپ، يەركەن خانلىقىغا كىرىشتىكى تۇنجى بېكىتىنى  ئانىسنىڭ يۇرتى قەشقەر قىلدى. ئەينى ۋاقىتتا بۇ رايۇن ئابدۇكېرەمخاننىڭ تۆتىنچى ئىنىسى سوپى سۇلتان ھۆكۈمرانلىقىدابولۇپ، ئىسھاق ۋەلى يۈكسەك ئابرويى شۇنداقلا پەۋقۇلاددە پائالىيەتچانلىقى بىلەن قەشقەردە زورتەسىر قوزغىدى. بۇنىڭ بىلەن دىنى ساھەدىكى يۇقىرى قاتلام  زاتلىرى ئۇنىڭغا مۇرىت بولدى.
   خوتەننى ئېلىپ ئېيىتساق ئۇنىڭ بۇ جايدىكى دىنىي پائالىيىتىمۇ قەشقەردىكى پائالىيىتىگە ئوخشاشلا مۇۋەپپىقىيەتلىك بولدى، ئەكسىچە يەركەن ۋە ئاقسۇلاردا بولسا سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچرىدى. ماھىيەت جەھەتتىن ئىلىپ ئېيىتقاندا بۇ دىنىي شەخسنىڭ پائالىيەتلىرى روشەن سىياسىۋىيلىككە ئىگە بولۇپ ئۇنىڭ مەقسىتى يەرلىك ھۆكۈمرانلارنى قۇترىتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ چوڭ خانغا بولغان قارشىلىقىنى قوزغاپ ئاخىرىدا خاننىڭ ئورنىنى ئىگەللەش خالاس.  گەرچە ئىسھاق خوجا يەركەن خانلىقىدىن ھەيدەلگەن بولسىمۇ، ئەمما خاندانلىقنىڭ ھەممە يېرىدە  ئۇنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن خەلىپىلىرى بار بولۇپ يەنى ئۇنىڭ يىقىنى مۇھەممەد سۇلتان كېيىن قەشقەرنىڭ  نائىپى بولدى.  كېيىنكى ۋاقىتلارغا كەلگەندە يەركەن خانلىقى شەرقى چاغاتاي خانلىقىنى قوشۇۋالغاندىن كىيىن ،ئەسلىدىكى ئاقسۇ ھۆكۈمرانى مۇھەممەت سۇلتان ئابدۇكېرەمخان تەرىپىدىن  بويسۇندۇرۇلغان يېڭى رايۇنلارنىڭ ھۆكۈمرانىىقىغا تەيىنلەندى. بۇ كىشى دەل بايا بىز تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن خوجا ئىسھاقنىڭ سادىق مۇرىتى.  ئۇنىڭدىن باشقا خوجا ئىسھاق يىراقنى كۆرەرلىكلىكى بىلەن ئۆزىنىڭ  يىقىنلىرىنى قەشقەر ۋە يەكەندىن ئىبارەت  مۇھىم ئىككى جايغا ئورۇنلاشتۇردى. ئارىدىن  ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ كىشى ۋاپات بولدى.
    مىلادى 1592-يىلى يەركەن خانلىقىنىڭ خانى ئابدۇكېرەمخانمۇ ئالەمدىن ئۆتتى.  ئۇنىڭ ئورنىغا بەشىنچى ئىنىسى مۇھەممەد سۇلتان تەخىتكە چىقتى.  لېكىن مۇھەممەدخان تەخىتكە چىققاندىن كېيىن  قارا تاغلىق خوجىلار مۇرىت  توپلاپ، مۇھەممەدخان ھاكىمىيتىنى پۈتكۈل كۈچى بىلەن قوللاش پەردىسى ئارقىسىدا ئۆز تەسىرىنى كېڭەيىتتى. بۇ قارا تاغلىق خوجىلار، يەركەن خانلىقىغا بولغان بىۋاستە كونتىروللۇقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن. ئىسھاق خوجا 1596-يىلى ئەمدىلا يەتتە يېرىم ياشقا كىرگەن ئوغلى مۇھەممەد يەھيانى يەركەنگە ئەۋەتتى. شۇنىڭدىن  ئېتىبارەن قارا تاغلىق خوجىلار  يەركەن خانلىقىنىڭ  ئوردىسىغا قەدەم باستى. خان بولسا بۇ خوجا ئەۋلادىغا  نۇرغۇن كەنت-يېزىلارنى سۇيۇرغال قىلىپ بەردى. خاننىڭ قەدەممۇ قەدەم خوجىلارنى ئۆز قوينىغا ئېلىشى <<بۆرىنى قوتانغا باشلاش>>بولۇپ ئاخىرىدا بۇ خوجىلار خاننىڭ خانلىق ھوقۇقىنى پارچىلىدى، يەنى بۇ مەزھەپ تېخىمۇ كۈچىيىپ ئىسلام دىنىدىكى  باشقا مەزھەپلەر قارشىلىششقا پىتىنالمايدىغان دەرىجىگە يېتىپ خانلىقتىكى  لەشكىرى-سىياسى ساھەدىكى مۇھىم ئىشلاردىن تۆۋەندە ئاددى پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغىچە بولغان چوڭ-كىچىك ھەممە ئىشلار خوجىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراشقا باشلىدى. 
    مىلادى 1610-يىلى مۇھەممەد خان ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن خانلىقتىكى ھوقۇق تالىشىش كۆرەشلەر سەۋەبىدىن، خانلىق ئاجىزلىشىپ، دۆلەت پارچىلاندى. مۇشۇ مەزگىلدە خوجا ئىسھاقنىڭ ئوغلى خوجا شادى ئۇشتۇر خەلىپە ۋە مىرزا مۇھەممەد يۈسۈپتىن ئېتىبارەن ئىككى رەقىبنى كۆزدىن يوقاتقاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ يەركەن خانلىقىدىكى تەسىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، چوڭ سىياسى ھوقۇقلارنى قولىغا ئېلىشقا باشلىدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن خوجىلار يەركەن خانلىقىدىكى خانلىقنى قوللىغۇچىلاردىن ئاخىرى خانلىق ھوقۇقىنى يۈرگۈزگۈچىلەرگە ئايلاندى . لىكىن ئىچكى قىسىمدىكى ھوقۇق تالىشىش كۆرىشى يەنىلا بىسىقمىدى.1638-1639-يىللىرى ئابدۇللاخان قارا تاغلىق خوجىلارنىڭ قوللىشى بىلەن قەشقەرنى ئىشغال قىلىپ يەركەندە يەركەن خانلىقىنى يېڭىباشتىن بىرلىككە كەلتۈردى.   ئۇ تەخىتكە  ئولتۇرغان مەزگىلدە خوجا شادىنىڭ ئورنى تىخىمۇ مۇستەھكەملىنىپ ئىسلام  دىنىنىڭ  ئىچكى قىسمىدا يىڭى بىر كۈچنىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىشىغا، يەنى ئاق تاغلىق خوجىلارنىڭ  ئېزىلگەن مۇسۇلمانلارنىڭ  قوللىشى بىلەن  ناھايىتى تېز زورىيىپ قارا تاغلىقلار بىلەن ئۆزەڭگە سوقۇشتۇرالىغۇدەك بىر مۇستەقىل كۈچكە  ئايلىنىشىغا سەۋەپ بولدى.
   ئاق تاغلىق خوجىلار:     ئاق تاغلىق خوجىلارنىڭ  يەركەنگە كېلىشى مۇھەممەھ  يۈسۈپتىن باشلىنىدۇ . يەنى خوجا يۈسۈپ يەركەن خانلىقىنىڭ شەرقىدىكى قۇمۇلغا كەلگەندە، شۇ يەردىن ئۆيلىنىپ ھىدايىتۇللا ( ئافاق خوجا )  ئىسىملىك بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆردى ھەمدە ئۇ قۇمۇل ۋە ئۇنىڭ شەرقىدىكى  خېشى كارىدۇرى  ئەتراپلىرىدا دىنى تەرغىبات بىلەن شۇغۇللىنىپ ۋە ناھايىتى تېزلا  قارا تاغلىقلارغا  نارازى بولۇۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ  ھىمايىسىگە ئېرىشتى. ۋە تېز سۈرئەتتە كېڭىيىپ روناق تاپتى. نەتىجىدە ئۇلار قارا تاغلىقلار بىلەن تىركىشەلىگۈدەك دىنى كۈچ  بولۇپ شەكىللىنىپ قەشقەرنى بازا قىلىپ تۇرۇپ قارا تاغلىقلار بىلەن پۇت تىپىشىشكە  باشلىدى. بۇ ئىككى  خوجا تىركىشىۋاتقان نازۇك ھەم ھالقىلىق پەيىتتە مۇھەممەد  يۈسۈپ خوجىنىڭ  قەسىتكە  ئۇچرىشى ئىككى مەزھەپ ئوتتۇرىسىدىكى  ئۆچمەنلىك ۋە قارشىلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى. مانا مۇشۇنداق سىياسىي ۋەزىيەتتە 1638-يىلى ئابدۇللا قەشقەرگە ھۇجۇم قىلدى، بۇنىڭ بىلەن يەركەننىڭ كۆپلىگەن دىنىي باشلىقلىرى ۋە ئەمىرلىرى ئابدۇللا تەرەپكە ئۆتتى بۇ پايدىلىق شارائىتلاردا ئابدۇللا تېخىمۇ كۈچىيىپ  1639-يىلى ئابدۇللا تەخىتكە چىقتى ۋە خانلىقنىڭ شەرقىي قىسمى بىلەن غەربىي قىسمى يەنە بىرلىككە كەلدى. لىكىن خانلىقنڭ ئەمەلىي ھوقوقىمۇ پۈتۈنلەي خوجىلارنىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈپ قالدى كېيىن ئابدۇللاخاننىڭ ئوغلى يولۋاس ئاق تاغلىق خوجىلارنىڭ قوللىشى بىلەن سىياسىي ئۆزگۈرۈش قوزغاپ يەركەن خانلىقى ۋە قارا تاغلىق خوجىلارغا زور كۈچ بىلەن ھۇجۇم قوزغىدى يولۋاس ئاق تاغلىق خوجىلاردىن ئافاق غوجا  ۋە قەشقەر ،يەركەندىكى  تۆرىلەرنىڭ قوللىشى بىلەن ئۆزىنى يەركەن خانلىقىنىڭ چوڭ خانى دەپ ئېلان قىلىپ، ئاقتۇنى مەركەز قىلغان ھالدا قارا تاغلىقلار بىلەن تىركەشتى . كېيىن ئىسمايىلخاننىڭ تەخىتنى تارتىۋىلىشى بىلەن قارا تاغلىق خوجىلار كۈچۈيىپ، ئاقتاغلىقلارنى قانلىق باستۇردى . شۇنداق قىلىپ قارا تاغلىق خوجىلار ھاكمىيەتنى يېڭى باشتىن كونتىرول قىلدى. 
    مانا مۇشۇنداق ئىككى خوجا ھاكىمىيتىنىڭ ھاكىمىيەت تالىشىش كۆرىشى مەزگىلىدە غەربىي موڭغۇللارنىڭ ئويرات قەبىللىرىدىن بولغان غالدان رەھبەرلىكىدە 1679-يىلى جۇڭغار خانلىقىنى قۇردى.  يەركەن خانلىقىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ھوقۇق تالىشىش زىددىيتى كەسكىنلىشىۋاتقان  پەيىتتە 1660-يىللىرى ئويرات قوشۇنى جەنۇپتىكى يەركەن خانلىقىغا بېسىپ كېرىپ، توختىماي پاراكەندىچىلىك سالغان بولۇپ كېيىن ئىسمايىلخاننىڭ تەخىتكە چىقىشى بىلەن جۇڭغارلارنىڭ ھۇجۇمى بىر مەزگىل توختاپ قالغان بولسىمۇ لېكىن1678-يىلىغا كەلگەندە غالدان كىڭەيمىچىلىك ئۇرۇشنى يەنە باشلاپ ئافاق غۇجا بىلەن بىرلىشىپ يەركەن خانلىقىغا قايتا ھۇجۇم قىلدى ۋە خانلىقنى مۇنقەرز قىلدى شۇنىڭ بىلەن تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى رايۇنلار جۇڭغارلارنىڭ زىمىنىغا ئايلاندى.
    يەركەن خانلىقى دەۋرىدىكى خانلىقنىڭ سىياسىي، ئىجىمائىي ئىگىلىكى ۋە كۈلتۈرى ھەققىدە قىسقىچە ئىزاھ: يەركەن خانلىقى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ 240نەچچە يىل داۋاملاشتى، بۇ مەزگىلدە يەركەن خانلىقى تەۋەسىدە سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە كۈلتۈر داۋالغۇش، ئۆزگىرىش باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ لىكىن سەئىدخان ۋە ئابدۇرەشىدخان دەۋرىدىكى تەرەققىيات كىشىنى مەمنۇن قىلىدۇ. يەنى سەئىدخان بىلەن ئابدۇرەشىدخان ئىرادىلىك، ئەقىل-پاراسەتلىك، تەدبىرلىك، ئىلىم سۆيەر، شۇنداقلا يۇقىرى ئەدەبىي تالانتقا ئىگە خانلار بولغاچقا ئۆز ھۆكۈمرانلىق مەزگىلىدىكى خانلىقنىڭ ئىقتىسادى ۋە كۈلتۈرەل ھاياتىدا گۈللىنىش مەنزىرىسىنى بارلىققا كەلتۈردى، قەشقەر بىلەن يەكەن خانلىقنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى مۇھىم سىياسىي ئىجتىمائىي ئىگىلىك ۋە ئىلىم-مەرىپەت، ئەدەبىيات-سەنئەت مەركىزىگە ئايلاندى، ئىجتىمائىي ئىگىلىكتە دېھقانچىلىق ئاساسى ئۇرۇندا بولۇپ ئۇنىڭدىن باشقا چارۋىچىلىق، قول-سانائەتمۇ گۈللەندى، يەنە خانلىقتىن ھالقىغان ئىقتىسادى مۇناسىۋەت مەيدانغا كېلىپ سودا ئىشلىرى روناق تاپتى. ئەدەبىياتتا ئۆلمەس كلاسسىك ئەسەرلەر مەيدانغا كەلدى، ئەدەبىيات-سەنئەت جەھەتتىكى يەنە بىر مۇھىم ئىش 12مۇقام رەتلەندى. ئومۇمەن،يەركەن خانلىقى ھۆكۈمرانلىقىدىكى سەئىدخان ۋە ئابدۇرەشىدخان دەۋرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادى، كۈلتۈرەل ھاياتىدا زور ئۆزگىرىشلەر، مول مېۋىلەر ۋە گۈللىنىش مەنزىرىسى بارلىققا كەلدى.
    ئەمدى بىز 1678-يىلى غالداننىڭ يەركەن خانلىقىنى مۇنقەرز قىلغاندىكى سىياسىي ۋەزىيەتكە قاراپ باقايلى: غالدان يەركەن خانلىقىنى قۇشۇۋالغاندىن كىيىن  بۇ خانلىققا ئافاق خوجا ئەمەس  بەلكى ئابدۇرەشىدخاننىڭ نەسەبىدىن تەخىتكە چىقتى .  بۇنىڭ بىلەن ئاق تاغلىقلار بىلەن خان  ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت شەكىللىنىشكە باشلاپ  ئابدۇرەشىدخاندىن كېيىن  ئۇنىڭ ئىنىسى  مۇھەممەد ئىمىن  تەخىتكە  چىققاندا، خان بىلەن ئاق تاغلىقلارنىڭ زىددىيتى تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ 1692- يىلى خان ئاق تاغلىقلار تەرىپىىدىن ئۆلتۈرۈلدى ۋە ئافاق خوجىنىڭ چوڭ ئوغلى يەھيا خوجا قەشقەردە ئاق تاغلىق خوجىلار تەرىپىدىن <<خان>> دەپ ئېلان قىلىندى .  1694- يىلى  ئافاق خوجا  ئۆلگەندىن كېيىن  ئاق تاغلىقلار ئىچكى قىسمىدا  ھوقۇق تالىشىش  زىددىيتى تېخىمۇ ئۆتكۈرلىشىپ ، بۇ پۇرسەتتىن پايدىلانغان قارا تاغلىقلار يەنە ئاستا–ئاستا باش كۆتۈرۈشكە باشلىدى.  ئەمدى جۇڭغار خانلىقىغا نەزەر سالىدىغان بولساق  1697-يىلى غالدان ۋاپات بۇلۇپ  ئۇنىڭ ئوغلى سېۋان خانلىق سەردارى بولدى . 
    1720-يىلى  قارا تاغلىق خوجىلاردىن دانىيال خوجا تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىغا قايتىپ  كېلىپ  ھوقۇق يۈرگۈزدى . لېكىن ئۇنىڭ ھوقۇقى يەنىلا جۇڭغارلار تەرىپىدىن چەكلىنىپ تۇراتتى.  جۇڭغار خانلىقىمۇ ئۆز ئىچكى قىسمىدىكى قالايمىقانچىلىقلار ۋە چىڭ سۇلالىسىنىڭ باستۇرۇپ كېلشى قاتارلىق ئىچكى-تاشقى ئامىللارنىڭ تەسىرىدە ئاجىزلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى .  بۇ ۋاقىتتا ئاق تاغلىق ئەخمەت خوجىنىڭ  ئوغلى بۇرھانىدىن كۈچىيىپ ئاقسۇ، ئۈچتۇرپان قاتارلىق جايلاردىكى ئاھالىلاردىن كۈچلۈك بىر قوشۇن تەشكىللەپ  ئاقسۇدىن قارا تاغلىقلار  كونتىرول قىلپ تۇرىۋاتقان قەشقەر، يەركەن قاتارلىق شەھەرلەرگە ھۇجۇم قىلدى. ئۇلار ئاۋۋال قەشقەرنى ئىگەللىگەندىن كېيىن قارا تاغلىقلارنىڭ باش بارگاھى بولغان يەركەنگە ھۇجۇم قىلدى.  بۇنىڭ بىلەن كۈچى ئاجىزلاشقان خوجا جاھان باشچىلىقىدىكى  قارا تاغلىقلار چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى .  شۇنداق قىلىپ  چڭ سۇلالىسىنىڭ  تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىغا بولغان ھۆكۈمرانلىقى  باشلاندى.     چوڭ خوجا  بۇرھانىدىن تەڭرىتاغنىڭ  جەنۇبىغا  ئەۋەتىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، تەڭرىتاغنىڭ  شىمالىدا  ئامۇرسىنا ۋە كىچىك خوجا رەھبەرلىكىدە چىڭ سۇلالىسىگە قارشى ئىسيان كۆتۈرۈلدى. چىڭ ھۆكۈمىتى ھەر قانچە قىلسىمۇ  خان خوجا چىڭ خانىغا بەيئەت قىلمىدى. شۇنداقلا خان خوجا ئاكا-ئۇكىلار  ئۆزلىرىنىڭ  دىنى ساھەدىكى مۇتلەق نوپۇزىنى كۈچەيتتى. ئۇلار يەنە قايتىدىن چىڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى توپىلاڭ كۆتۈردى.
    1758-يىلى چىيەنلۇڭ تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىغا جازا يۈرۈش قىلىپ تېزلىكتە چوڭ كىچىك خوجىلارنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇردى. ۋە خوجىلار جەمەتىنى باستۇرۇپ 1758-يىلى غەربى يۇرۇتنى بىرلىككە كەلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن دىنى سىياسى كۈچكە ئىگە بولغان، بىر مەزگىل ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن ۋە نۇرغۇنلىغان ئۆزگىرىشلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان خوجىلار جەمەتى چاك–چېكىدىن بۆسۈلدى. لېكىن 1847-يىلىغا كەلگەندە  يۈسۈپ خوجىنىڭ ئوغۇللىرى ۋە يېقىنلىرىدىن كاتتا تۆرە، ۋەلىخان، كىچىكخان ،تەۋەككۇل، سابىرخان، ئاقتاجىخان، ئىشانخان  باشچىلىقىدا «يەتتە خوجا توپىلىڭى» يۈز بەردى. كېيىن ياقۇببەگنىڭ باستۇرۇشى بىلەن 19-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىغا كەلگەندە خوجىلار جەمەتى رەسمىي تارىخى سەھنىدىن چېكىندى.
    كېيىنكى ۋاقىتتا ياقۇببەگ «يەتتە شەھەر دۆلىتى»نى قۇرۇپ چىققان بولسىمۇ چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرىشى بىلەن 1877-يىلى ياقۇببەگ ئۆلتۈرۈلدى. نەتىجىدە چىڭ سۇلالىسىنىڭ غەربىي يۇرتتىكى ھۆكۈمرانلىقى تىكلىنىپ 1882-يىلى شىنجاڭ ئۆلكە بولۇپ قۇرۇلدى.  
      ھاسىل كالام، دىنى سىياسى كۈچكە  ئىگە بولغان خوجىلار جەمەتى ئۆز تارىخىدا بىر مەزگىل ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ سىياسى، ئىقتىسادى، كۈلتۈر ھاياتىدا ئۆزگىرىشلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. سىياسىي جەھەتتە خوجىلار ئۆزىنىڭ دىنىي جەھەتتىكى نۇپۇزى ۋە ئۈستۈنلىكىدىن پايدىلىنىپ دەسلىپىدە يەركەن خاندانلىقىغا ئاستا-ئاستا سىڭىپ كىردى ۋە  مەركىزى خانلىق، يەرلىك ھۆكۈمرانلار ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت توقۇنۇشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئاخىرىدا يەركەن خاندانلىقىنىڭ چاڭ-چېكىدىن بۆسۈلۈپ، غالداننىڭ مۇنقەرزلىكىگە چۈشۈرۈپ قويدى يەنە كېينكى ۋاقىتلاردا ئۇلارنىڭ سىياسىي كۆرەشلىرى تاكى 1877-يىلغىچە بېسىقماي بۇ ئۇزۇن مەزگىلگە سوزۇلغان تارىخىي دەۋردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادى ۋە كۈلتۈرەل ھاياتىغا زور زىيانلارنى ئېلىپ كەلدى، ئافاق خۇجا ھۆكۈمرانلىق دەۋرىدە نۇرغۇنلىغان تارىخىي ماتىرىيال، ئەدەبىي ئەسەرلەر، پەننىي ئەسەرلەر كۆيدۈرۈلۈپ ئۇيغۇرلارنىڭ كۈلتۈرەل ھاياتىغا ئورنىنى تولدۇرغۇسىز زىيان ئېلىپ كەلدى. ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىغا جۈملىدىن بىر مەزگىل ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، كۈلتۈرەل تارىخىغا زور تەسىر، ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلگەن، بۇ دىنىي-سىياسىي كۈچ بولغان خوجىلار جەمەتى 19-ئەسرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە چىڭ خاندانلىقىنىڭ ئۈزۈل-كېسىل تارمار قىلىشى بىلەن تارىخ سەھنىسىدىن چىكىندى.
   2007-يىل5-ئاي گۈلنار ئابلىز  (مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى 2004-يىللىق ئۇيغۇر تىلى سىنىپى)
   ماقالىنى تاپشۇرۇۋالغان ئوقۇتقۇچى :ئابدۇرەشىد جەلىل قارلۇق (مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى جەمىيەتشۇناسلىق فاكۇلتېتى)

[admin تەستىقلىدى . 2010-2-13 11:51:52]
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 1143 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01