سېربىيە

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش
سېربىيە جۇمھۇرىيىتى  Republic of Serbia   
پايتەخت: بېلگراد، ئاھالىسى  بىر مىليون 570مىڭ. 
زېمىنى: 77مىڭ 474كۋادرات كىلومېتىر(كوسوۋونى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارمۇ شۇنداق).
ئاھالىسى: سېربىيەنىڭ2007-يىلى 7-ئايدىكى نوپۇسى 8مىلىيۇن 150 مىڭ265. ئاھالىنىڭ 82%نى  سېربلار،  4%نى ۋېنگىرلار(ئاساسەن ۋويۋودىنا ئاپتونۇم ئۆلكىسىگە ئولتۇراقلاشقان)  ، 1.5%نى سىگانلار، 2%نى بوسنىيىلىكلەر(ئاساسەن سانجاك رايونىغا ئولتۇراقلاشقان) ، 1%نى قاراتاغلىقلار(مونتېنېگرولار)ئىگەللەيدۇ . سېرب تىلى دۆلەت تىلى. كوسوۋودا ئالبان تىلى، ۋويۋودىنادا ۋېنگىر، سىگان، سىلوۋاك، رومان، كىرودىيە تىللىرى ھۆكۈمەت تىلى.
دىنى : سېربىيە ئاھالىسىنىڭ 85%ى پروۋىسلاۋىيە دىنىغا، 6% كاتولىك دىنىغا، 4%ئىسلام دىنىغا، 1%ى پروتېستانت دىنىغا ئىشىنىدۇ.
پۇلى:  دىنار. سېربىيە دىنارى دۇنيادىكى قىممىتى ئەڭ مۇقىمسىز پۇل، 2006-يىلى مونتېنېگرونىڭ مۇستەقىللىقىدىن كېيىنكى قىممىتى بىر قەدەر مۇقىملىشىپ 58.6925 دىنار = بىر دوللار بولۇۋاتىدۇ.
ئىقتىسادى:  سېربىيە مۇستەقىل بولۇشتىن بۇرۇن ئەڭ تەرەققى قىلغان سوتسىيالىستىك مەملىكەت ھىساپلىناتتى، مۇستەقىل بولغان دەسلەپكى يىللاردا ئۇرۇش ۋە دۇنيا ئەللىرىنىڭ ئىمبارگوسى تۈپەيلى سېربىيە ئىقتىسادى ئۈزۈل كېسىل ۋەيران بولغان ئىدى. 2005-يىلىدىن كېيىن ئىمبارگونىڭ پەيدىنپەي ئەمەلدىن قېلىشى بىلەن دۆلەت ئىقتىسادى تەرتىپكە چۈشتى.
    2006 -يىلى سېربىيەنىڭ ئۇمۇمىي مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 19مىليارد 190مىليون دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا 4مىڭ400 دوللار توغرا كەلگەن. سېربىيەنىڭ2006- يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى 6% بولدى.
 دۆلەت بايرىمى:( 1882-يىلى)2-ئاينىڭ 15-كۈنى، سېربىيەنىڭ مۇستەقىل بولغان كۈنى
ۋاقىت رايونى :(شەرقى2- ۋاقىت رايونى)
قىسقىچە تارىخى: سېربىيە  ئەسلىدە ئىلىرىيىلىكلەر )ئالبانلار( نىڭ ئانا ماكانى بولۇپ مىلادى8-ئەسىردە شەرقى ياۋروپادىن كەلگەن سىلاۋيانلار بۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان ۋە شەرقى رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىپ ئىپتىدائى دىنلاردىن خىرىستان دىنى پراۋوسلاۋىيە مەزھىپىگە ئۆتكەن. مىلادى 10-ئەسىردە چاسلاۋ كىلونىمىروۋىچ(Caslav Klonimirovic)-نىڭ يېتەكچىلىكىدە  مۇستەقىل سېربلار پادىشاھلىقى قۇرۇلغان،  تۈرك ئىمپېرىيىسىنىڭ بالقاننى بويسۇندۇرۇشىغا ئەگىشىپ 1389-يىلى كوسوۋو ئۇرۇشىدا ئوسمان ئىمپىرىيىسى  سېرب نىمەنىيە  پادىشاھلىقىنى يوقىتىپ بۇ رايوننى بويسۇندۇرۇپ بەش ئەسىرگە يەتكەن ۋاقىت ھۆكۈمرانلىق قىلغان.
    1804-يىلى ۋە 1815-يىلىدىكى تۈركىيە-روسىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ئىنقىلابتىن كېيىن مەلۇم ئاپتونومىيەگە ئېرىشكەن سېربىيە 1878-يىلى روسىيەنىڭ ياردىمى ئاستىدا ئۈزۈل-كېسىل مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈپ 1882-يىلى سېربىيە پادىشاھلىقىنىڭ مۇستەقىللىغىنى جاكارلىغان. ئەينى ۋاقىتتىكى سېربىيە پەقەت 30مىڭ كىۋادىرات كىلومېتىر كېلىدىغان كىچىككىنە زىمىن بولۇپ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئالدىدىكى ئىككى قېتىملىق ئۇرۇشتىن كېيىن سېربىيە كېڭىيىپ تۈرك ئىمپىرىيىسىگە تەۋە كوسوۋو، سانجاك ۋە ماكىدونىيە قاتارلىق زىمىنلارنى ئۆزىگە قوشۇۋالغان. ئاۋىستىرىيە-ۋېنگىرىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ شاھزادىسى سېرب مىللەتچىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ، ئاۋىستىرىيە-ۋېنگىرىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ سېربىيەگە ئۇرۇش ئېلان قىلىشى، رۇسىيەنىڭ سېربىيەگە بولۇشۇپ ئۇرۇش ئېلان قىلىشى بىلەن ياۋروپادا زەنجىرسىمان ئۇرۇش كۆتۈرۈلۈپ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتىلىغاندىن كېيىن سېربىيە زىمىنى دەسلەپتە ئاۋىستىرىيە-ۋېنگىرىيە ئىمپىرىيىسى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. 1918-يىلى ئاۋىستىرىيە-ۋېنگىرىيە ئىمپىرىيىسى ئۇرۇشتا يېڭىلگەندىن كېيىن سېربىيە مۇستەقىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ شۇ چاغدا مودا بولغان پان سىلاۋيانىزىم ئىدىيىسىنىڭ تەسىرى بىلەن مۇستەقىل دۆلەت قاراتاغ (مونتېنېگرو) يېڭىدىن قولغا كەلتۈرگەن ۋويۋودىنا، بوسنىيە ۋە يېڭىدىن مۇستەقىل بولغان كرودىيە، سىلوۋېنىيەلەر بىلەن بىرلىكتە يۇگۇسلاۋىيە (جەنۇبى سىلاۋيان مەنىسىدە) بىرلەشمە پادىشاھلىقىنى قۇرغان.
   2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە يۇگۇسلاۋىيە گېرمانىيە، ۋېنگىرىيە، ئىتالىيەنىڭ ئۈچ تەرەپتىن قىلغان ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ۋويۋودىنا ۋېنگىرىيەگە، كوسوۋو ئالبانىيەگە قوشۇۋېلىنغان، پادىشاھلىقنىڭ قالدى زىمىنى گېرمانىيە يۆلەپ تۇرغۇزغان قورچاق كىرودىيەنىڭ قانلىق قىرغىنچىلىقىغا ئۇچرىغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن كىرودىيە مىللى قەھرىمانى تىتونىڭ ئىچكى جەھەتتىن گېرمانىيەلىكلەرگە قارسى تۇرۇپ سوۋېت ئىتىپاقىغا ماسلىشىشى ، سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ قوللىشى بىلەن سېربىيە، كىرودىيە، بوسنىيە، سىلوۋونىيە، مونتېنېگرو، ماكىدونىيە دىن تەشكىل تاپقان يۇگۇسلاۋىيە سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتىپاقى قۇرۇلۇپ سېربىيە تارىختىن بۇيانقى زىمىنى ئەڭ چوڭ، ئەڭ كۈچلۈك ھالغا كەلگەن .
   1980-يىلى تىتو ئۆلگەندىن  كېيىن مىللى مەسىلىلەر گەۋدىلىنىشكە باشلىدى، 1990-يىلى سوۋېت ئىتىپاقى پارچىلىنىپ يۇگۇسلاۋىيەگە سىىرتتىن بېرىلىدىغان ھەربى ۋە دىپلوماتىيە ئۈمىدى ئۈزۈلگەندىن كېيىن يۇگۇسلاۋىيە ئىتىپاقىدىكى سىلوۋونىيە، كىرودىيە قاتارلىق بىر قەدەر باي دۆلەتلەر مۇستەقىللىق جاكارلىدى. بوسنىيە ۋە ماكىدونىيەنىڭ مۇستەقىللىقى سېربىيەنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمەي ، ياۋروپا ئىتىپاقى، شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ قول تىقىشى بىلەن ئەمەلگە ئاشتى. 2003-يىلىغا كەلگەندە يۇگۇسلاۋىيە دىگەن تارىخى نام يوقاپ سېربىيە بىلەن مونتېنېگرو بىرلەشمە جۇمھۇرىيەتكە ئۆزگەردى. 2006-يىلى مونتېنېگرو مۇستەقىللىق جاكارلىغاندىن كېيىن دۆلەت نامى سېربىيە جۇمھۇرىيىتىگە ئۆزگەردى . نۆۋەتتە ئالبانلار ئولتۇراقلاشقان كوسوۋو نىڭ مۇستەقىللىقى كۆزگە كۆرۈنۈپ قالدى، ۋېنگىرلار ئولتۇراقلاشقان ۋويۋودىنا ۋە بوسنىيىلىكلەر ئولتۇراقلاشقان سانجاك رايونى مەسىلىسىمۇ سېربىيەنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان مۇھىم مەسىلە بولۇپ تۇرماقتا.
 سېربىيە زىمىنىنىڭ كوسوۋو ۋە سانجاكتىن باشقا رايونلىرى  ئاساسەن دوناي دەريا تۈزلەڭلىگىدىن شەكىللەنگەن، ھۆل يېغىنى مۇۋاپىق مۆتىدىل بەلباغقا تەۋە بولۇپ،45% ئورمانلىق.35% تېرىلغۇ يەر. تۇپراق ئۈنۈمدارلىقى بىر قەدەر يۇقىرى، كان  بايلىقى مول . سېربىيەدە ئاھالىنىڭ 16%دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
   2006-يىلى سېربىيەنىڭ  ئىقتىسادىدا يېزا ئىگىلىك كىرىمى 30%،سانائەت46%، مۇلازىمەت 24%نى ئىگەللىگەن بولۇپ 2007-يىلى مۇقىم تېلپون ئابونتى2مىلىيۇن 800مىڭ ، يانپون ئابونتى 5مىلىيۇن 110مىڭ بولغان، ئىنتېرنېت ئابونتى1مىلىيۇن 200مىڭ بولغان(كوسوۋونى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ).
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 503 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01