خاردۋارد ئەركىسى قۇدرەت ياقۇپ

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 5 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

                                                                                 خارۋارد ئەركىسى -- قۇدرەت ياقۇپ

                                                                                            (جېك يازمىسى)  

     خارۋاردتا ھازىر ئۇقۇۋاتقان ئۈچ ئۇيغۇر بار بولۇپ، بۇنىڭ بىرى ئەلنىگار ، بىرى قەيسەر مىجىت (قەيسەر مىجىتنىڭ بىلىۋال تورىدا مەخسۇس سەھىپىسى بار) . يەنە بىرى قۇدرەت ياقۇپ. قۇدرەتنىڭ ئەسلى ئىسمى ئىمامى ھەسەن ياقۇپ بولۇپ كىيىن قۇدرەتكە ئۆزگەرتكەن.
   قۇدرەتنىڭ ئەڭ ئالاھىدە يېرى شۇكى، ئۇ ھارۋاردقا ئاسپىرانت ئۈچۈن ئەمەس بەلكى تولۇق كۇرس ئۈچۈن ئوقۇشقا كىرگەن. شۇنداقلا ئۇيغۇرلاردىن ھازىرغىچە ھارۋاردتا تولۇق كۇرس ئوقۇشى ئوقۇغان تۇنجى ئوقۇغۇچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭلاشقا بۇنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى چوڭ. قۇدرەت بىلەن ئامېرىكىغا كەلگەندىن كىيىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا تونۇشۇپ يېقىن دوستلاردىن بولۇپ كەتتۇق. تەتىلدە ھارۋاردقا بېرىپ ياتىقىدا يېتىپ، ھارۋارد باغچىسىدا سەيلە قىلىپ كېچە كۈندۈز پارىڭىمىز تۈگىمەي تاڭ ئېتىپ كەتتى. كەلگۈسىگە نۇرغۇن گۈزەل ئارزۇ ئارمانلارنى قىلىشتۇق. نىيۇركنىڭ ئەرزان باھالىق مېھمانخانىلىرىدا يېتىپ كۈچلۈك قۇدرەت-تۇرسۇن ھەمكارلىقىنى دۇنياغا جاكارلىدۇق. يىڭى غەلىبە، يىڭى نەتىجە، پارلاق كەلگۈسى، مۆجىزىلەر بۇ بەلۋاغدىن ئاپىرىدە بولغۇسى( ھى ھى، ئازراق پو ئېتىۋالاي)
   قۇدرەت بىلەن بىللە بولۇش جەريانىدا ھېس قىلدىمكى قۇدرەتنىڭ گۈزەل كەلگۈسى تېخى ئالدىدا ئىكەن. غەلىبە مەڭگۈ ئىرادە، جاسارەتلىك ئادەملەرگە ھەمرا ئىكەن.ئۇ 2001-يىلى ئۈرۈمچىدە تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن. ئۇنىڭ تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ چىڭخۇا ياكى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىش ئارزۇسى ئوتتەك كۈچلۈك بولۇپ، لېكىن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىقتىدارىنى ياخشى جارى قىلدۇرالماي ئۇ مەكتەپكە ئۆتەلمەي قالغان. قاتتىق ئازابلانغان. باشقا داڭلىق مەكتەپلەرگە بېرىشقا كۆڭلى ئۇنىمىغان. ئۇ ئۆزى ئۆتكەن مەكتەپكە بارمىغاندا، ئەھۋالنى چۈشەنمەيدىغان غەيۋەتچىلەر ئۇنى ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمىدى دەپ مەسخىرە قىلىپ يۈرگەن. كىچىكىدىنلا تەڭتۇشلار، مەكتەپ، جەمئىيەتتە ھەممىنىڭ ئالدى بولۇپ باشقىلارنى ئۆزىگە ھەۋەس قىلدۇرۇپ كەلگەن ئادەم بىردىنلا ھەممە ئادەمنىڭ مەسخىرە قىلىش ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالغان. ئاسمان يىراق، يەر قاتتىق بۇلغان. قىز دوستى تاشلاپ كېتىپ قالغان. دوستلار يىغلاپ، دۈشمەنلەر قاقاقلاپ كۈلگەن. ئۈرۈمچىدە يەتتە بال بوران چىقىپ سەككىز بال يامغۇر ياققان. ئەنە شۇنداق شارائىتتا قۇدرەت ئۈز ھاياتىدىكى ئەڭ قاپ يۈرەك تەۋەككۈل قارارنى چىقارغان:
   «مەن خارۋاردتا ئوقۇيمەن!!!، چوقۇم قۇدرەتلىك ئادەم بۇلىمەن!!!».
   ئۇ مۇشۇ قارارنى چىقىرىش بىلەن تەڭلا يەنە ئۈز ئىسمىنى قۇدرەتكە ئۆزگەرتىشنى قارار قىلغان. لېكىن ئاتا-ئانىسى قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار بىلەن كېلىشىپ ئۇ ھارۋاردقا ئۆتكەندىن تارتىپ ئىسمىنى قۇدرەتكە ئۆزگەرتسە بولىدىغانغا دېيىشكەن.
   قۇدرەت توغرىلىق كېيىنچە مەخسۇس توختىلىپ ماتېرىيال يېزىش پىلانىم بولغاچقا بۇ يەردە تەپسىلىي يېزىلمايدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ بىر مەزگىللىك مۇشەققەتلىك سەرگەردانلىق ھاياتىنى باشتىن كەچۈرۈپ 2004-يىلى بىراقلا ئامېرىكىنىڭ 13 ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئوقۇشقا كىرىش ئۇقتۇرۇشنامىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغان ۋە شۇنىڭ ئىچىدىن ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى ئەڭ ئەرزان بىر مەكتەپنى تاللاپ ئوقۇشقا كىرگەن. ئوقۇشقا كىرىپلا زور تىرىشچانلىق بىلەن ئوقۇپ ناھايىتى تىزلا پروفېسسورلارغا تونۇلغان. ئوقۇش نەتىجىسى ئالاھىدە يۇقىرى بۇلغان. سات ئىمتىھانى (ئامېرىكىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ) بېرىپ پەۋقۇلئاددە يۇقىرى نومۇر ئالغان. پروفېسسورنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسىغا قاتنىشىپ يېڭى كۈز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۇلارنى ھەيران قالدۇرغان. ئىككىنچى مەۋسۇمىدا داڭلىق پروفېسسورنىڭ ئۆزىنىڭ شەخسەن كۆرسىتىشى بىلەن 8 مەكتەپكە ئىلتىماس قىلىپ ھارۋارد، مىت قاتارلىق 6 مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدىن ئۇ ئۆزىنىڭ ئارزۇسى بۇلغان ئامېرىكىنىڭ 7 نەپەر زۇڭتۇڭى ئوقۇپ چىققان ھارۋاردنى تاللاپ ئوقۇشقا كىرگەن. خارۋارد ئۇنىڭغا 4 يىللىق ئوقۇش مۇكاپاتىنى بىراقلا بەرگەن. (يىلىغا 47 مىڭ دوللار) . شۇنداق قىلىپ 2005-يىلى 8-ئايدا ئا ئۇ ھارۋارد ھاياتىنى باشلىغان.
   ئۇ ھازىر خارۋاردنىڭ ئەركە ئوقۇغۇچىسى. مەكتەپنىڭ نۇرغۇنلىغان پائالىيەتلىرىدە ئۇنىڭ سىماسىنى، جاراڭلىق كۈلكىسىنى ئاڭلاپ تۇرغىلى بولىدۇ. ئۇمۇ ھەرخىل ئوقۇغۇچىلار پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ تۇرىدۇ. قۇدرەتنىڭ ھاياتىنى، تىرىشىش مۇساپىسىنى، رىۋايەت خاراكتېرلىك (传奇色彩) كەچۈرمىشلىرىنى، ھارۋاردقا ئوقۇغۇچى تەربىيىلەيدىغان ئاتا ئانىنىڭ بالىنى قانداق تەربىيىلەيدىغانلىقىنى بىلەي دېسىڭىز بۇ تور خاتىرىسىگە پات پات نەزەر سېلىپ تۇرۇڭ. ئېلان بېرىلسە چېكىپ تۇرۇڭ.
ئۇيغۇرلاردىكى بۇ چوڭ تەۋەككۈلچىنىڭ ئىش ئىزلىرى سىزنى قايىل قىلىشىغا پېقىر كېپىل. 3-4 يىل بۇرۇن جۇڭگودا «ھارۋارد قىزى» دەپ بىر خەنزۇ قىز توغرىلىق يېزىلغان كىتاب زور داغدۇغا قوزغاپ نەچچە مىليون پارچە سېتىلدى. لېكىن ھارۋاردتا قۇدرەتنىڭ ئىناۋىتى ۋە نامى ئۇ قىزدىن چوڭ. قۇدرەت ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەربىيىسى توغرىلىق مەخسۇس ماتېرىيال يېزىپ چىقىشقا ئەرزىيدۇ.
   قۇدرەت-تۇرسۇن كۇۋالنىت بېغى ئەقلىيە سۆزى:
دۇنيانى ساراڭلار يارىتىدۇ. غەلىبە تەۋەككۈلچىلەرگە مەنسۇپ.
   قۇدرەتمۇ بۇ تور خاتىرىسىگە كىرىپ تۇرىدۇ. شۇنداقلا بۇندىن كىيىن قەرەللىك تۈردە ئۆزىنىڭ خارۋاردتىكى ھايات كارتىنىلىرىنى تەمىنلەپ تۇرىدۇ. مېھمانلارنىڭ پىكىر تەلەپلىرى بولسا مۇشۇ يەردە قالدۇرۇپ قويساڭلار ئۇ كۆرىدۇ. بۇ تور خاتىرىسى بۇندىن كىيىن ئاستا ئاستا يالغۇز جېكنىڭ بولماي جېكنىڭ دوستلىرىنىڭ ئورتاق بايلىقى بولىدۇ. يىڭى ئىدىيە، يىڭى كۈز قاراش تارقايدۇ.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 5

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 913 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01