UNICODE

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

    UNICODE دىگىنىمىزunited codeدىگەننىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، ئۇيغۇرچە مەنىسى بىرلىككە كەلگەن كود دىگەنلىكتور. خەلقارا  UNICODE  جەمىيىتى دەل دۇنيادىكى كودلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈش مەقسىدىدە قۇرۇلغان خەلقارالىق تەشكىلاتتىن ئىبارەت،

يۇنىكود   جەمىيىتىنىڭ تەبىرى بويىچە بولغاندا يۇنىكود دېگىنىمىز، مەيلى قايسى خىلدىكى مەشغۇلات مۇھىتى ،  قايسى خىلدىكى پروگرامما بولسۇن، مەيلى قانداق تىل بولسۇن، ھەر قانداق ھەرپ-بەلگىگە پەقەت ۋە پەقەت بىردىنلا كود(نومۇر) بېرىشتىن ئىبارەت.

    ھەممىزگە ئايان،كومپىيوتېردا ئىشلەتكەن ھەرقانداق نەرسە، جۈملىدىن سان، ھەرپ ۋە ھەرخىل بەلگىلەر كومپىيوتېر ئىچكى قىسمىغا بارغاندا سان سىىفر بىلەن ئىپادىلىنىلىدۇ. UNICODEئىجات قىلنىشتىن بۇرۇن ، كومپىيوتېردا پەقەت 0~255گىچە بولغان ئارلىقتا ھەرپ ۋە سانلارغا نومۇر بېرىپ ئۇنى كومپىيوتىردا ھېسابلاش ئېلىپ بېرىشتىكى «كىملىك»قىلغان . مەسىلەن dosمەشغۇلات سىستېمىسىدا مۇشۇ تېخنىكا قوللىنىلغان. بۇنداق ئۇسۇل ئىنگلىزچە مەشغۇلات سېستىمىسنىڭ ئېھتىياجىدىن چىققان بولسىمۇ، فىرانسوزچە ، گىرمانچە ، ئەرەپچەdosمەشغۇلات سېستىمىسنى ياسىغاندا قۇلايسىزلىق كىلىپ چىققان. چۈنكى ھەرقانداق مەشغۇلات سىستېمىسىدا ئىنگلىزچە ھەرپ بولمىسا بولمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئىنگلىزچە ھەرپ ۋە سانلار 127دانە نومۇرنى ئىشلىىتپ بولغان. باشقا تىللار ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە چوقۇم 128دىن255گىچە بولغان نۇمۇرنىلا ئىشلىتىشكە توغرا كەلگەن.مانا بۇ بىز بىلىدىغان ASCII.
   دىمەك ASCIIدا پەقەت 256دانە ھەرپ ياكى سانغا نومۇر بەرگىلى بولىدۇ.windows ,unix ,os2مەشغۇلات سېستىمىلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ ،unicodeئۇقۇمى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، مەشغۇلات سېستىمىلىرىدا ئىشلىتىشكە باشلىغان. windows دا ئىشلىتىدىغان unicodeئىككى بايىتتىن تۈزۈلگەن بولۇپ(ASCIIبولسا بىر بايىتتىن تۈزۈلگەن يەنى 8خانىلىق ئىككىلىك سانلار قاتارىدىكى سان)، ئىپادىيەلەيدىغان ھەرىپىنىڭ سانى 2نىڭ 16دەرىجىسى دىگەنلىكتور. بۇنداق بولغاندا جەمئى ئىپادىيەلەيدىغان ھەرپ سانى 65536دانە بولۇپ دۇنيادىكى ھەرقانداق مىللەتنىڭ يېزىقىدا ئىشلىتىدىغان ھەرپلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا يېتىدۇ. unixمەشغۇلات سېستىمىلىرىدا بولسا unicode ئۆلچىمى 3 بايتتىن تۈزۈلگەن بولۇپ ئىپادىيەلەيدىغان ھەرپ سانى تېخىمۇ كۆپ.unicode  نىڭ تۆھپىسى بولسا مەيلى ئىشلەتكىنىڭىز قانداق تىل،قانداق مەشغۇلات سېستىمىسى ۋە ياكى قانداق پىروگرامما بولسۇن، ئۇلارغا بىردىن بىر قوللىنىدىغان "كىملىك"نومۇرى بەلگىلىگەن.

   UNICODE خەلقارا ئورگان بولۇپ تور بېكىتى:http://www.unicode.org/

 ئۇنىكودنىڭ ئۇيغۇرچە ياردەم بېتى: http://www.unicode.org/standard/translations/uyghur.html

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 253 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01