قاراخانىلار خانلىقى(1212-840)

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

     قاراخانىلار خانلىقى مىلادى 840-يىللىرى ئارسلان ئالىپ تېكىننىڭ قول ئاستىدىكى  بىلگە كۆل قادىرخان تەرىپىدىن قۇرۇلۇپ مىلادى1212-يىلى ۋەيران بولغان، شىمالدا يەتتەسۇ -ئالتاي تاغلىرىدىن، جەنۇپتا قۇرۇم ۋە ھىندىقۇش تاغلىرى، غەرپتە ئامۇ دەرياسى، شەرقتە ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن چېگرىلانغان 10- ۋە 11-ئەسىرلەردە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەت ئىدى.
    قارا خانىلارسۇلالىسى بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنى تەشكىل قىلغان مۇھىم قەبىلە قارلۇقلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، 840-يىلى شەرقتىكى ئۇيغۇرلار قىرغىز خانلىقىنىڭ ھۇجۇمى تۈپەيلى غەرپكە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن ئالىپ تېكىن تەڭرىتاغنىڭ غەربىدىكى تالاس ۋادىسىغا بىلگە كۆل قادىرخاننى قوماندان قىلىپ تىكلىگەن.  بىلگە كۆل قادىرخاننىڭ چوڭ ئوغلى ئارسلانخان بالىساغۇندا خانلىق تەختىگە ئولتۇرغاندا ئىنىسى ئوغۇلچاق قادىرخانمۇ تالاستىكى ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىغا تايىنىپ ئۆزىنى خان دەپ ئېلان قىلغان ۋە893-يىلى خانلىقنى مۇستەھكەملەش مەقسىدىدە پايتەخت بالاساغۇنغا يانداش قىلىپ قەشقەردە يەنە بىر پايتەخت قۇرغان ئىدى. قاراخانىلار 920-يىلى سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ جاكارلىشىدىن كېيىن ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ دەسلەپكى شەكىللىنىشىگە تۈرتكىلىك رول ئوينىغانلىقى شۇنداقلا خاندانلىق زامانىدا «تۈركى تىللار دىۋانى»، «قۇتادغۇ بىلىك» قاتارلىق شاھانە ئەسەرلەر بارلىققا كەلگەنلىكى بىلەن پۈتكۈل ئۇيغۇر تارىخىدا ناھايىتى زور ئەھمىيەتلىك ئورۇن تۇتىدۇ.  خانلىق قۇرۇلغاندىلا پەرغانە ۋادىسىنى مەركەز قىلىپ ئىككىگە ئايرىلغان بولۇپ ئارسلان قاراخان ئۈنۋانىنى ئالغان شەقى قىسىم ھۆكۈمدارى پۈتۈن قاراخانىلارنىڭ خاقانى ئىدى ۋە بۈيۈك خاقان دەپ ئاتىلاتتى ۋە قەشقەردە-قارائوردىدا ھوقۇق يۈرگۈزەتتى. غەربى قىسمىنىڭ خانى بۇغراخان دىيىلىپ تالاستا ھوقۇق تۇتاتتى بۇلاردىن باشقا يەنە تۆت ئىلىك خاقان ۋە ئالتە ھۆكۈمدار ۋەكىلى جايلارغا ھوقۇق يۈرگۈزەتتى. خانلىق سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان زامانىدا ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلغاندىن كېيىن شەرقى خانلىققا يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان ئوغلى مۇسا مۇسا بايتاش بۇغراخان خوتەن رايونىنى ئىسلام دىنىغا كىرگۈزۈشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىدى ۋە تالاسقا ھۇجۇم قىلىپ ئارسلانخاننى يوقتقپ ئۆزى ئارسلانخان بولدى، غەربى قىسىمغا خان بولۇپ تۇرىۋاتقان ھارۇن بۇغراخان مىلادى990-يىلى ئىسپىجاپنى، ئىلىكخان ناسىر ئەھمەد مىلادى 999-يىلى سامانىلارنىڭ پايتەختى بۇخارانى قايتۇرىۋېلىپ ئابباسىلار خەلىپىسى تەرىپىدىن ئىسلام پادىشاھى دىگەن نامنى ئالدى ۋە كېيىنكى دەۋرلەردە ئامۇ دەرياسىنىڭ غەزنەۋى ئىمپىرىيىسى بىلەن قارا خانىلارنىڭ پاسىلى بولۇپ قېلىشىنى شارائىت بىلەن تەمىن ئەتتى.

   مىلادى1041-يىلىغا كەلگەندە ئارسلان ئەلى ئىلىكخاننىڭ ئىككى ئوغلى ئالىپ تېكىن ۋە بۆرى تېكىن خارەزىم شاھلار بىلەن بىرلىشىپ ئۆزكەنت شەھرىنى ئىگەللىدى نەتىجىدە قارخانىلار خانلىقى سۇلايمان تامغاچ بۇغراخان خاقانلىغىدىكى سىر دەرياسىنى چېگرا ، قەشقەر ۋە تالاس، بالاساغۇننى مەركەز قىلغان شەرقى قاراخانىلار ۋە ئىسا ئەھمەد ئارسلانخاننىڭ قولىدىكى ئۆزكەنت ۋە سەمەرقەنتنى مەركەز قىلغان غەربى قاراخانىلاردىن ئىبارەت ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى.
    شەرقى قاراخانىلار(1042-1211) ھۆكۈمدارى سۇلايمان بۇغراخان ئادىل ۋە دىندار كىشى بولۇپ ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ«قۇتادغۇ بىلىك» ئەسىرى مۇشۇ خانغا تەقدىم قىلىنغان ئىدى. شەرقى قاراخانىلار 1090-يىلى سەلجۇقىلار بىلەن ئىتىپاق تۈزدى. غەربى قاراخانىلار خانى ئىبراھىم قاراخان شەرقى قاراخانلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن قىتانلاردىن ياردەم سورىدى، دەسلەپتە پايتەخت بالاساغۇننى ئېلىپ بېرىپ ئىبراھىم قاراخاننى ئىلىكقاراخان ئۈنۋانىغا ئىگە قىلغان قىتانلار، ئىچكى نىزادىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ 1141-يىلى شەرقى قاراخانىلارنى ئۆزىگە بويسۇندۇردى، قاراخانىلار ھۆكۈمرانلىرى  ئولپاڭ تۆلەش بەدىلىگە دۆلەتنى ساقلاپ قېلىپ 1211-يىلى چىڭگىزخان قوشۇنلىرى تەرىپىدىن تارمار قىلىندى.
    غەربى قاراخانىلار(1042-1212) پايتەختى دەسلەپ ئۆزكەنت بولغان بولسا كېيىن تەدرىجى سەمەرقەنت ۋە بۇخارا خانلىقنىڭ مۇھىم شەھەرلىرىدىن بولۇپ قالدى. ئەمما دۆلەت كىچىك ۋە ئاجىز بولغانلىقتىن 1212-يىلىغا كەلگەندە  خارەزىمشاھلار تەرىپىدىن يوقىتىلدى.  نەتىجىدە ئۈچ ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تىزگىنىنى قولىدا تۇتقان قارا خانىلار خاندانلىقىغا خاتىمە بېرىلدى.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 657 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01