خەتكۈچ: فىرىدېرخ شىللېر؛ گېرمانىيە؛ ۋېيۇرتېمنبېرگ كېنەزلىكى؛دىرامما
چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش
شىللېر
1781-يىلى شىللېر مۇستەبىتلىكنى قامچىلايدىغان دىرامما «قاراقچى» نى يېزىپ مانھېيىمغا ئەۋەتىپ ئېلان قىلدۇرۇپ جەمىيەتنى زىل-زىلىگە سالغان. شىللېر ۋېيۇرتېمبېرگ كېنەزىنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشىدىن ئەنسىرەپ مانھېيىمغا قېچىپ كەتكەن ۋە ئۇ يەردە «مۇھەببەت ۋە سۈيقەست» ناملىق ئەسىرىنى يېزىپ زور ئابرويغا ئېرىشكەن.
شىللېر 1787-يىلىدىن باشلاپ تارىخقا قىزىقىپ تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان ۋە ئىككى يىلدىن كېيىن داڭلىق شائىر گىيۇتېنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن يېنا ئۇنۋېرستىدا پىراففېسور بولغان. 1794-يىلىدىن باشلاپ گىيۇتې بىلەن بىرلىكتە «ئەدەبىيات-سەنئەت يىلنامىسى» ناملىق يىللىق ئەدەبى ئەسەرلەر توپلىمىدا نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغان. «ۋاللىنېستېين»، «ۋېلھېلىمتۇل» ناملىق دىرامىلارنى يېزىپ گېرمانىيە دىرامما ساھەسىدىكى تەسىرىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرغان. 1805-يىلى 5-ئايدا ۋېيماردا 46 يېشىدا ۋاپات بولغان.
ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش
سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0
>