دوۋنىڭ كوچىسى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

دوۋنىڭ كوچىسى

    ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى ھەققىدە گەپ بولغاندا پادىشاھنىڭ سىمۋولى بولغان بوككىنھام سارىيى بىلەن بىللە يەنە دوۋنىڭ كوچىسى دىگەن ناممۇ كۆپ ئۇچرايدۇ.
دوۋنىڭ كوچىسى ( خەنزۇچە: 唐宁街، ئەنگىلىزچە :Downing Street )لوندوندىكى تايمىس دەرياسىنىڭ يېنىغا جايلاشقان ئاقزال(Whitehall) يولىنىڭ بويىدىكى پارلامېنت بىناسىغا يېقىن قىسقا ھەم تار بىر كوچا. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇغى پەقەت 50مېتىرلا كېلىدۇ. يەنە كېلىپ دوۋنىڭ كوچىسىنىڭ ئىككى قاسنىغىدىكى ئۈچ قەۋەتلىك پاكار قۇرۇلۇشلارنى لوندون شەھەر ئىچىدىكى ھەشەمەتلىك قۇرۇلۇشلار بىلەن سېلىشتۇرغىلىمۇ بولمايدۇ. ئەمما ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى، مالىيە ۋەزىرى، ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە ئىشخانىسى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى قاتارلىقلارنىڭ بىنالىرى مانا مۇشۇ كوچىغا جايلاشقانلىقتىن ئەنگىلىيەنىڭ نۇرغۇن دۆلەت پائالىيەتلىرى مۇشۇ يەردە ئېلىپ بېرىلىدۇ. شۇ ھەۋەپتىن دوۋنىڭ كوچىسى ئەمەلىيەتتە ئەنگىلىيەگە ھەقىقى ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان كوچا بولۇپ ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سىمىۋوللۇق نامىغا ئايلانغان.
   دوۋنىڭ كوچىسى ئەنگىلىيىنىڭ 17--ئەسىردىكى گوللاندىيەدە مۇساپىر بولۇپ يۈرگەن پادىشاھا كارىلIIگە ياردەم قىلىپ پاناھىغا ئالغان گىئورگى دوۋنىڭ ئىسىملىك دىپلوماتىيە ئەمەلدارىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان كوچا بولۇپ، 1660-يىلى كارىلII پادىشاھلىقنى تىرىلدۈرگەندىن كېيىن دوۋنىڭنىڭ ياخشىلىقىنى قايتۇرۇش يۈزىسىدىن ئۇنى مالىيە مىنىستىرلىكىگە ئۆستۈرگەن ۋە ئوردىغا يېقىن جايدىن ھازىرقى دوۋنىڭ كوچىسى جايلاشقان يەرنى ئىنئام قىلغان. دوۋنىڭ ئۇ يەرگە 4 كورپۇس ئۆي سالغان.
    1732-يىلىدىن ئېتىبارەن دوۋنىڭ كوچىسىدىكى 10-نومۇر ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى، 11-نومۇر ئەنگىلىيە مالىيەۋەزىرى ۋەزىپە تاپشۇرىۋالغاندىن كېيىن كۆچۈپ كىرىدىغان خاس قوروغا ئايلاندى. باش ۋەزىرنىڭ 10-نومۇرلۇق قوروسىدىكى ئىچكى كابېنت ئۆيىدىن پادىشاھنىڭ ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنىڭ ئالمىشىش مۇراسىمىنى بىۋاستە كۆرگىلى بولىدۇ. 200يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان دوۋنىڭ كوچىسى 10-نومۇر دۇنيانىڭ ھايات ماماتىغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن چوڭ ئىشلارغا  قارارچىقىرىلغان،  سىرتى ناھايىتى ئاددى بولغان بۇ بىنانىڭ، بىخەتەرلىك قۇرۇلمىسى مۇكەممەل بولۇپلا قالماي ئىچى ناھايىتى كاتتا بېزەلگەن بولۇپ ھەر قېتىملىق باش ۋەزىر ئۆز ئورنىنى يېڭى باش ۋەزىرگە ئۆتۈنۈپ بېرىدىغاندا بۇ سارايدا ئۆزىنىڭ ماي بوياق رەسىمىدىن بىرنى قالدۇرىدۇ. شۇڭا سارايدا تارىختىن بۇيان ۋەزىپە ئۆتىگەن باش ۋەزىرلەرنىڭ قاتار رەسىملىرى ئېسىلغان ھەيۋەتلىك كارىدور بار.

   11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئەنگىلىيە بىخەتەرلىكنى ئويلىشىپ دوۋنىڭ كوچىسىنى رىشاتكا بىلەن ئايرىپ بىر چوڭ قوروغا ئايلاندۇرۇپ قويدى، ئەمما دوۋنىڭ كوچىسى دىگەن نام يەنىلا ئەنگىلىيە باش ۋەزىر ھۆكۈمىتىنىڭ سىمۋوللۇق نامى سۈپىتىدە ئىزچىل قوللىنىلىپ كەلمەكتە...

 

[admin تەستىقلىدى . 2010-2-13 20:40:58]
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 294 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01