باسىك[ئىسپانىيە]

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

   باسىك ئاپتونۇم ئۆلكىسىنىڭ  يەر مەيدانى 7234كۋادىرات كىلومېتىر بولۇپ ئىسپانىيەنىڭ شىمالىدىكى فىرانسىيە ۋە ئاتلانتىك ئوكيان بىلەن چېگرىلىنىدىغان بىسكاي قولتۇقىغا جايلاشقان، ئاھالىسى 2مىلىيۇن 100مىڭ بولۇپ باسىكلار 91%نى ئىگەللەيدۇ. كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى ئىسپانىيە بويىچە ئەڭ يۇقىرى بولغان بۇ رايوندا باسىكلارنىڭ داڭلىق پۇل-مۇئامىلە ئاپاراتلىرى ۋە پولات-تۆمۈر دوكالىرى بار. باسىكلار ياۋروپادىكى بىردىنبىر كۆچمەن ئەمەس، ھىندى ياۋروپا تىل سېستىمىسىغا تەۋە بولمىغان  مىللەت بولۇپ، تىلى مۇستەقىل باسىك تىلى سېستىمىسىغا تەۋە. باسىكلار يەنە ئىبىرىيە يېرىم ئارىلىدا گۇتلار ۋە ئەرەپلەرنىڭ مۇستەملىكە قىلىشىغا ئۇچرىمىغان،  ئىسپانىيەگە ئەڭ كېيىن مۇستەملىكە بولغان رايون بولۇپ، تارىختىن بۇيان ئىسپانىيەنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇش ھەركىتى توختاپ قالغىنى يوق، ئەمما باسىكلارنىڭ ئىسپانىيە قولىدا تۇرغان مەزگىلى بەك ئۇزۇن بولغاچقا پەقەت 500مىڭدىن كۆپرەك باسىك ئۆز ئانا تىلىنى تۇرمۇش تىلى سۈپىتىدە ئىشلىتەلەيدۇ. باسىكلارنىڭ دۇنيادىكى نوپۇسى تەخمىنەن 10مىليۇن ئەتراپىدا بولۇپ ئارگېنتىنادا 4مىلىيۇن، چىلىدا بىر يېرىم مىلىيۇن، ئوروگۋايدا 800مىڭ، بىرازىلىيەدە 600مىڭ،ئامېرىكىدا 500مىڭ، مېكسىكىدا 300مىڭ، فرانسىيەدە 250مىڭ، ۋېنسۇئېلادا 200مىڭ ئەتراپىدا باسىك بار. ئەمما توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىش ئىشقا ئاشمىغانلىقتىن فرانسىيىدىن باشقا ئەللەردىكى باسىكلار ئاساسەن ئىسپان تىلىنى ئىشلىتىپ ئادەتلەنگەن. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، باسىكلارنىڭ ئىسپانىيەدىن ئايرىلىپ ئۆزىنىڭ مۇستەققىل دۆلىتىنىڭ قۇرۇش ئارزۇسى ئنتايىن كۈچلۈك بولۇپ ئەسىرلەردىن بۇيان توختىماي كۈرەش قىلىپ كەلمەكتە. دۇنياغا داڭلىق تىرورچى تەشكىلات«ETA» دەل باسىكلارنىڭ قوراللىق كۈرەش ئارقىلىق مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئارزۇسىدا ھەركەت قىلىۋاتقان قارا گۇرۇھ بولۇپ چەتئەلدىكى باسىكلارنىڭ ياردىمى ئۈزۈلمىگەنلىكتىن ئىسپانىيە بۇ تەشكىلاتنى ھازىرغا قەدەر يىلتىزىدىن قۇرۇتالمىدى.
   1979-يىلى ئىسپانىيەدە چوڭ سىياسى ئىسلاھات تاماملانغاندىن كېيىن باسىكلار ئاخىرى يۈكسەك ئاپتونومىيىگە ئېرىشتى. ھازىر باسىك ئاپتونۇم رايونىدا باسىك تىلى ئىسپان تىلى بىلەن ئوخشاشلا ھۆكۈمەت تىلى بولۇپ باسىك تىلىدا تېلېۋىزىيە، گېزىت جورناللار بار، باسىك تىلى يەنە باسىك ئاپتونۇم رايونىدىكى ئالى- ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئالدىن تاللاپ ئوقۇلۇدىغان مائارىپ تىلى. ياۋروپا ئىتىپاقىنىڭ كۈچىيىشى بىلەن ھەر قايسى دۆلەتلەردە دۆلەتنىڭ رولى ئاجىزلاپ يەرلىك ئورگانلارنىڭ رولى كۈچىيىۋاتقانلىقتىن باسىكلارنىڭ مىللى كىملىك مەسىلىسى ھازىر كاپالەتكە ئىگە بولدى.

باسىك رايونىنىڭ بايرىقى :

 

باسىك رايونىنىڭ گىرىبى:

 

[admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 17:59:00]
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 544 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01