گۇما ناھىيسى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 3 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

 گۇما ناھىيسى                                                         

    گۇما ناھىيسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ غەربى جەنۇبىغا ،تەكلىماكاننىڭ جەنۇبىغا قارا قۇرۇم تىغىنىڭ شىمالىغا ،شەرىقتە خوتەن ناھىيسى ۋە قارقاش ناھىيسى بىلەن ،غەرىپتە ھىندىستان كونتىرىللىغىدىكى كەشمىر رايۇنى ۋە قاغىلىق ناھىيسى بىلەن ،شىمالدا مەكىت ۋە مارالبىشى ناھىيسى بىلەن تۇتىشىدۇ .
گۇما ناھىيسى 13يىزا ،2بازار ،197كەنتتىن تەشكىل تاپقان .
ئىككى بازىرى ،گۇما بازىرى ،دۇۋۋا بازىرى
   13يىزىسى قوشتاغ،كىلياڭ ،باشلەنگەر ،پىشنا ،كۆكتىرەك ،موكۇيلا ،موجى ،چودا ،سانجۇ ،زاڭگۇي ،پىيالما ،نەۋئابات تاجىك يىزىسى ۋە كەڭقىر قىرغىز يىزىسىدىن ئىبارەت .
1995يىلدىكى نوپۇس جەدىۋىلىدە گۇما ناھىيسىدە 202400نوپۇس بار بولۇپ 97.69%ى ئۇيغۇر ،1.44%خەنزۇ ،ۋە 0.87%باشقا ئاز سانلىق مىللەت بار .
گۇما ناھىيىسىنىڭ يەر مەيدانى 41400كۇۋادىرات كىلومىتىر بولۇپ 37.9%تاغلىق ،22.6%تۈزلەڭلىك  ، 39.5%قۇملۇقتىن ئىبارەت ،كىلىماتى قۇرغاق ،ئەڭ تۆۋەن تىمپىراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 21سىلتسىيە گىرادۇس ، ئەڭ يۇقىرى تىمپۇراتۇرا 41سىلتسىيە گىرادۇس .
ئۈرۈمچى بىلەن بولغان ئارلىقى 1596كىلومىتىر .
گۇما ناھىيىسىنىڭ يېزا ئىگىلىك سالمىقى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ ئانار ،ئۈرۈك ،ياڭىقى داڭلىق .

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 3

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 766 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01