ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

قەدىمقى يۇنان

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

 قەدىمقى يۇنان

 

  قەدىمقى يۇنان- قەدىمقى مىسىر ، ئىراق، جوڭگۇ، گانگى دەرياسى ۋادىسى بىلەن بىرلىكتە دۇنيانىڭ بۈيۈك بەش مەدەنىيەت ئوچىقىنىڭ بىرى بولۇپ، بارلىق غەرپ دۇنياسىنىڭ ئەدەبى ئويغىنىش دەۋرىدىن بۈگۈنگە قەدەر بىردىنبىر پەخىرلىنىش ئوبېكتى بولۇپ كېلىۋاتقان بۇ رايون بۈگۈنكى گىرىتسىيەنى كۆرسىتىدۇ. بۈگۈنكى گىرىتسىيە قەدىمدە شەرق خەلقلىرى تەرىپىدىن يۇنان دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ نىل دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى مىمفىس(بۈگۈنكى مىسىر) دىن كېيىن گۈللەنگەن ئىككىنچى مەدەنىيەت ئوچىقى ھىساپلىنىدۇ. قەدىمقى مىسىر ۋەيران بولغاندىن كېيىن يۇناننىڭ تەدرىجى ھالدا دۇنيادىكى ئەڭ مەدەنىيەتلىك رايون بولۇپ قېلىشى ئۇنىڭ مىسىر ۋە يەھۇدى ئىمپىرىيىسىگە خوشنا بولغانلىقى شۇنداقلا دېڭىز ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرغانلىقتىن ئىككى كۈچلۈك دۆلەتنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە كۆپ ئۇچرىمىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۈمكىن. ئۆز دەۋرىدە ئۇنىڭ مەدەنىيەت سەنئەت جەھەتتىكى مۇۋەپپەققىيەتلىرى ۋە ئىلىم – پەن ئىختىرالىرى ياۋرۇپادىن ھالقىپ پۈتۈن دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن. يۇناننىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى ئۇنى ناھايتى قەدىمدىلا شەرىق مەدەنىيىتى بىلەن يىقىنلىشىش ھەمدە شەرق مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھەرلىرىنى قۇبۇل قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان. يۇناندىن جەنۇبتا مىسىرغا، شەرىقتە كىچىك ئاسىيا ئارقىلىق بابىلۇنغا، ئۇ يەر ئارقىلىق يەنە يىپەك يولىنى بويلاپ قەدىمكى مەدەنىيەتلىك ئەل پېرسىيە (ئىران)، ھىندىستان ۋە شانلىق تارىخىي ئەنئەنىگە ئىگە جۇڭگوغا كەلگىلى بولاتتى. بۇ مەدەنىيەتلىك قەدىمكى دۆلەتلەر يۇناننىڭ دەسلەپكى تارىخىي تەرەقىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن. قەدىمكى يۇناندا، دەسلەپتە كىرىت، مېكىنى، سىپارتا، ئافىنا دېگەن شەھەرلەشكەن قەلئە دۆلەتلىرى پەيدا بولغان. ئوتتۇرا دىڭىزدىكى كېرىت ئارىلى مىلادىدىن ئىلگىركى 2500- يىلى ئۆپچۆرىسىدە يىڭى تاش قۇرال دەۋرىدىن پەيدىنپەي مېتال قۇراللار دەۋرىگە قەدەم قويغان. مىلادىدىن ئىلگىركى2000- يىللارغا كەلگەندە كېرىت ئارىلىدا «سىرلىق ئوردا» دەپ ئاتىلىدىغان مەشھۇر كىنوسسۇس خان ئوردىسى بارلىققا كەلگەن. ئارخېئولوگلار «سىرلىق ئوردا» نىڭ خارابىلىرى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، بۇ خان ئوردىسىنىڭ ئەينى چاغدا ئاجايىپ ھەيۋەتلىك ھەم كۆركەم ياسالغانلىقى، تام تورۇس ۋە تۈۋرۈكلەرگە سىزىلغان رەسىملەر، ئۇيۇلغان نەقىش – بىزەكلەرنىڭ ئاجايىپ نەپىس ئىشلەنگەنلىكى ۋە كېرىت قەلئە دۆلىتى گۈللەنگەن دەۋىردە گرېك ھۈنەر سەنئىتىنىڭ ناھايىتى يۇقۇرى سەۋىيىگە يەتكەنلىكىنى يىتەرلىك پاكىتلار ئارقىلىق ئىسپاتلاپ چىققان. مېكىنى يۇناننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان مۇھىم مەدەنىيەت مەركىزى بولۇپ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1400 – 1450- يىللىرى مېكىنى مەدەنىيىتى پەيدىنپەي كېرىت مەدەنىيىتىنىڭ ئورنىنى ئالغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 12- ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، مېكىنى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەر بىرلەشمە قوشۇن تەشكىللەپ، دېڭىزدىن ئۆتۈپ ترويا ( ھازىرقى تۈركىيەدىكى ئىزمىرغا يېقىن جايلاشقان) غا ھۇجۇم قىلىدۇ. مانا بۇ يۇناننىڭ قەدىمكى رىۋايەتلىرىدىكى ترويا «ياغاچ ئات ھىيلىسى» ئۇرۇشىدۇر. ئارخېئولوگلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ترويا شەھىرىنىڭ راستىنلا تارىختا بولۇپ ئۆتكەنلىكىنى ھەم شۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا زور تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 11- ئەسىردىن 9- ئەسىرگىچە بولغان تارىخىي باسقۇچتا، يۇناننىڭ ئىجتىمائىي رېئاللىقىنى ئاساس قىلىپ يارىتىلغان ئىككى بۈيۈك ئەسىر «ئودىسسا» داستانى بارلىققا كەلگەن. بۇ داستانلارنىڭ ئاپتورى ھومېر ئىدى. شۇڭلاشقا بۇ دەۋر «ھومېر دەۋرى» دەپ ئاتالدى. ھومېر دەۋرىدىن كېيىن، يۇناننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قۇرۇلغان شەھەر دۆلەتلىرى بىرلىككە كېلىپ، ئافىنانى مەركەز قىلغان ھالدا تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈم، ئۆرپ- ئادەت، تىل- يېزىق، دىنىي ئېتىقاد، مەدەنىيەت-سەنئەت ئەنئەنىلىرىنىڭ بارغانسېرى يېقىنلىشىشى، بىردەكلىكى تەبىئىي يۇسۇندا ئورتاق مەدەنىيەت ئاساسىغا ئىگە «گرېك» مىللىتىنى شەكىللەندۈرگەن ھەمدە تەبىئى ھالدا كېيىنكى قۇدرەتلىك رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ ئاسمىلاتسىيىسىگە قارشى تۇرۇپ ۋە ئۇنى پارچىلاپ شەرقى رىمغا يېتەكچىلىك قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 400- يىللاردا، يۇناندا سوقرات ۋە ئۇنىڭ شاگىرتى پىلاتو، پىلاتونىڭ ئوقۇغۇچىسى ئارىستوتىل قاتارلىق پەيلاسوپلار ئۆتكەن بولۇپ، ئۇلار پەلسەپە، تەبىئىي پەن ۋە ئەدەبىيەت-سەنئەتكە دائىر نۇرغۇن ئۆلمەس ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلغان. دىموكرىتتەك سىياسىيون، ھىپوگراتتەك تارىخشۇناسلارمۇ قەدىمقى يۇنان مەدەنىيىتىنىڭ ھەرخىل پەنلەرنى ئورتاق تەرەققى قىلدۇرۇشتەك گۈللەنگەن مەنزىرىسىنى بىزگە ئىسپاتلاپ ئۆتكەن. ئارخېمىد ۋە ئېۋكىلىد قاتارلىقلار بولسا تەبىئى پەننىڭ نۇرغۇن قانۇنىيەتلىرىنى بايقاپ دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنىڭ قوشقان. ئادەمنى ئەڭ قايىل قىلىدىغان يۇناننىڭ بىناكارلىق سەنئىتىمۇ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 5- ئەسىردە يۈكسەك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. پېرىكىل دەۋرىدە سېلىنغان ئافىنا مۇداپىئە قورغىنى ياۋروپا كىلاسسىك قۇرۇلۇشلىرىنىڭ مەشھۇر ناماياندىسى دەپ قارالغان. ئافىنانىڭ تەسۋىرىي سەنئىتى رېئاللىزملىق ئىپادىلەش ئۇسۇلىغا گەۋدىلىك تەسىر كۆرسەتكەنلىكتىن، نۇرغۇن جانلىق، گۈزەل ھەيكەللەر، قاپارتما نەقىشلەر ئىجاد قىلىنىپ، ئافىنانىڭ ھەيكەلتاراشلىق سەنئىتىدە گۈللۈنىش بارلىققا كەلتۈرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە مىلون ياسىغان تەنھەركەتچى ھەيكىلى، فىدناس ياسىغان ئايال ئىلاھ ھەيكىلى دۇنيا ھەيكەلتاراشلىق سەنئىتى تارىخىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. يۇناننىڭ رەسساملىق سەنئىتىدىمۇ رېئالىزىملىق ئۇسۇل گەۋدىلىنىدۇ. ئافىنانىڭ مەشھۇر تام سىزمىلىرى دەۋرىمىزگە كۆپ يېتىپ كەلمىگەن بولسىمۇ، ساپال – كومزەكلەرگە سىزىلغان ‹كومزەك رەسىملىرى› دەۋرىمىزگىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە. بۇلار رەسىم قۇرۇلمىسىنىڭ نەپىسلىكى، ئوبرازلىرىنىڭ جانلىقلىقى بىلەن داڭلىق. ئۇنىڭدىن باشقا، يۇنان ئەدەبىيات – سەئىتىنىڭ شانلىق مۇۋەپپەققىيىتى قاتارىدا «ئىزوپ مەسەللىرى» نىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتمەي بولمايدۇ. رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندا ئىزوپ مىلادىدىن ئىلگىركى 6- ئەسىردە ئۆتكەن كىشى بولۇپ، ئۇ ئىجاد قىلغان مەسەللەرنىڭ ئىدىيىسى چوڭقۇر، ئۆزى قىسقا ھەم ئوبرازلىق تەربىيىۋى ئەھمىيىتى چوڭقۇربولغاچقا دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىغا تارقىلىپ، ھازىرغىچە ئۆزىنىڭ ھاياتى كۈچىنى نامايەن قىلماقتا... قەدىنقى يۇناننىڭ كۆزنى چاقنىتىدىغان مەنىۋى مۇۋەپپىقىيەتلىرى سەۋەبىدىن ئافىنا ئىزچىل تۈردە دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ۋە قەدىمى پايتەختلەر قاتارىدا سانىلىپ كەلمەكتە...

[admin تەستىقلىدى . 2010-2-14 19:55:05]
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 366 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01