ئاق كېسەلنىڭ پەيدا بۇلۇش سەۋەپلىرى ۋە داۋا

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

                ئاق كېسەلنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبلىرى
       1.ئىرسىيەتتىن پەيدا بولىدۇ
ئەگەر ئىرسىيەتتىن پەيدا بولغان ئاق كېسەل بولسا ،ساقايمىقى سەل تەسرەك . سىز ئاۋال سىزنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭىز ( ئاتا ئانىڭىز ،ئاتا ئانىڭىزنىڭ ئاتا ئانىسىدا يۇقىرىقى ئالامەتلەر بولغانمۇ يوق سۈرۈشتە قىلىپ بېقىڭ)
       2.بەدەندە مىس ماددىسىنىڭ كەملەپ كېتىشى سەۋەپتىن ئاق كېسەل پەيدا بولىدۇ، مىس ئادەم بەدىنىدە رەڭ تۈزگۈچى ماددا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
       3.بەدەندە ۋىتامىن B5 نىڭ كەملەپ كېتىشىدىن ئاق كېسەل پەيدا بولىدۇ.
       4.بەدەندە ئاقسىلنىڭ كەملەپ كېتىشىدىن ئاق كېسەل پەيدا بولدۇ، قارا پىگمىنىتنىڭ نورمال ئاجرىلىپ چىقىشى ئۈچۈن ئاقسىل بولمىسا بولمايدۇ،كوللاگېن ئاقسىلى ئادەم تېرىسىنى تۈزىدۇ،
       5.باشقا تېرە كېسەللىرى ۋە تېرىدىكى ماددا ئالمىشىشنىڭ ياخشى بولماسلىقى سەۋەبلىك ئاق كېسەل بولىشى مۇمكىن
       6.ۋىتامىن D يېتىشمىسە ئاق كېسەل پەيدا بولىدۇ، ( ئەگەر مۇشۇ سەۋەپتىن بولغان بولسا داۋالاش ئۇسۇلى ئىنتايىن ئاددى، جىم يېتىپ ئاپتاپقا قاقلانسىڭىزلا ساقىيىدۇ)
       7 . مېڭە ۋە نېرۋا قاتارلىق رەئىس ئەزالار خىزمىتىنىڭ ئاجىزلىشىشى سەۋەبىدىن ئاق كېسەل پەيدا بۇلىشى مۇمكىن . بۇ ئەزالار ئاجىزلىشىپ كەتكەندە بەدەننىڭ نورمال خىزمىتى تەسىرگە ئۇچراپ ماددا ئايلىنىش راۋان بولماسلىق سەۋەبىدىن تېرىدە ئاق كېسەل پەيدا بولىدۇ.
       8.باشقا تۈرلۈك سەۋەبلەر
        بەدەندە كېسەل پەيدا بولۇشتىن بۇرۇن يېمەكلىك ئارقىلىق تەڭشەپ ئالدىنى ئالغىلى بولدۇ،ئەمما كېسەل كېلىپ چىققاندىن كېيىن يېمەكلىك ئارقىلىق ساقىيىمەن دېيىش سەل تەسرەك( ئاساسەن تاماق ئارقىلىق كېسەل داۋالاپ ساقايتقىلى بولمايدۇ) ،لېكىن دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك، مەسىلەن : يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىك يەيسىز يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىك ،قارا گۆش( ئەمما ئارتۇق يېمەڭ)  .   سۈت،پۇرچاق ماش تۈرىدىكىلەر،تۇخۇم ئېقى، قارا ئاشلىق ، مىس كۆپ بولغان يېمەكلىكلەرنى يەيسىز:
     ئۇلار : قورۇق مېۋىلەر ( بۇلارنى چۈشەندۈرمىسەممۇ رايونىمىزدا قۇرۇق مېۋە بەك كۆپ)،ھايۋانات جىگىرى ( جىگەر كاۋاپ يېسىڭىز بولمايدۇ، جىگەرنى سۇدا پىشۇرۇپ يەيسىز شاكاللىق مېۋە  .مەسلەن مېغىز، ياڭاق قاتارلىقلار.
   يېتەرلىك مىقداردا ئاپتاپ بولىشى كېرەك ،ئاق كېسەل بولغان قولىڭىزلا ئەمەس ،بەدەننىڭ كۆپ قىسمى ئاپتاپ كۆرۈشى كېرەك ،قۇملۇقتا داۋالىنىش بىر قەدەر مۇۋاپىق
   چەكلەنگەن يېمەكلىكلەرگە كەلسەك ،ئاق كېسەلگە نىسبەتەن ھەرقايسى تىبابەتلەرنىڭ پەرھىز تۇتىدىغان يېمەكلىكلىرىدە ئوخشىماسلىق بار، مۇھىم پەرھىزلەرگە دىققەت قىلغاندىن باشقا ،ھەرگىز تاماق تاللىماڭ
ئايالىڭىز نىمە تاماق ئەتسە شۇ تاماقنى يەڭ ( بۇ ئەڭ ياخشى دورا)

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 849 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01