ئۇيغۇر تىبابىتىدە ئاشقازان كېسەللىكىنى داۋالاش رېتسىپلىرى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش
                        ئۇيغۇر تىبابىتىدە ئاشقازان كېسەللىكىنى داۋالاش رېتسىپلىرى
      1.ئانار ئۇرۇقى بىر سەر ئالتە يېرىم مىسقال،يالپۇز ھەمدە ئۆرۈك يېلىمى بىر سەر ئالتە يېرىم مىسقالدىن تالقانلاپ،چوڭلار كۈندە ئۈچ قېتىم ،ھەر قېتىمدا تۆت بارماقتا بىر چىمدىمدىن،كىچىك بالىلار ئەھۋالغا قاراپ تاماقتىن كېيىن ئىچىشنى داۋام قىلسا ئاشقازان كېسەللىكى سەۋەپلىك كۆڭۈل ئېلىشىش ،قۇسۇشنى توختىتىشتا ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.
      2.كۆك يانتاق چېچىكى ئۈچ يېرىم سەر.بۇنى بىر چىنە قايناق سۇغا دەملەپ ،تەمى چىققاندىن كېيىن تىرىپلىرىنى سۈزۈپ ئېلىۋىتىپ تەييارلايمىز،چوڭلار بۇ دورا سۈيىنى بىر كۈندە ئۈچكە بۆلۈپ ئىچىشنى داۋام قىلسا ئاشقازان كېسەللىكىدىن بولغان قورساق ئېسىكى ۋە قىزىتمىنى ياندۇرۇشتا ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.
       3.كاللەك بەسەينىڭ يىلتزىنى ئېلىۋىتىپ پاكىزلەپ،ئىككى جىڭ مىقداردا ئۈگرىدەك توغراپ تۆت چىنە سۇغا سېلىپ ،ئۈچ چىنە سۈي قالغۇچە قاينىتىپ تېرىپلىرىنى ئېلىۋىتىپ ،سۈينى ئېلىۋىتىپ ئوبدان سۈزۈپ ئۈستىگە بىر جىڭ ئاق شېكەر سېلىپ يەنە بىر قاينىتىپ تەييارلاپ ئىچىشنى داۋام قىلسا ئاشقازان ۋە 12 بارماق ئۈچەي يارىسى كېسىلىگە ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.
       4.ياڭاق مېغىزىنى سىركىگە ئىككى سائەت چىلاپ ئېلىپ ،قۇرۇتۇپ سوقۇپ تالقانلاپ ،كۈندە ئۈچ قېتىم ،ھەر قېتىمدا ئۈچ بارماقتا بىر چىمدىمدىن تاماقتىن كېيىن ئىچىشنى داۋام قىلسا ئاشقازاننىڭ تاماق ھەزىم قىلالماسلىقتەك ئاجىزلىقىغا شىپا بولىدۇ.
      5.شال يىلتىزىدىن بىر سىقىمنى بىر چىنە سۇدا يېرىم چىنە قالغۇچە قاينىتپ ،تېرىپلىرىنى سۈزۈپ ئېلىۋىتىپ،دورا سۈيىنى قايتا سۈزۈپ تەييارلاپ ،كۈندە ئۈچ قېتىم بىر قوشۇقتىن ئىچىشنى داۋام قىلسا ،ئاشقازان ئاغرىىقى سەۋەپلىك قۇسۇشنى توختىتىشتا ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.
      6.ئىككى قوشۇق ھەسەلنى بىر چىنە قارا چايدا ئېرىتىپ سۈزۈپ ،ئەتىگەن ناشتىدىن ئىلگىرى ،ئاخشىمى يېتىشنىڭ ئالدىدا گالنى 9-10 قېتىم غار-غار قىلىپ چايقاپ ،ئاخىرىدا 3-4 يۇتۇمدىن ئىچىشنى داۋام قىلسا ،قىزىل ئۆڭگەچتىن تاماق ئۆتمەيدىغان ،قسىل تاماق كېسلىنى ياخشىلاشتا ئۈنۈمى بار
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 601 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01