ئۆزبەكىستان جۇمھۇريىتىنىڭ بايرىقى ۋە دۆلە

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 2 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

   ئۆزبېكىستاننىڭ دۆلەت بايرىقى تىك تۆت بۇلۇڭ شەكىللىك بولۇپ، ئۇزۇنلىقى بىلەن كەڭلىكىنىڭ نىسبىتى 2:1. ئۇستىدىن ئاستىغا سۇس كۆك (ھاۋارەڭ)، ئاق، سۇس يېشىل، ئارىلىقى قىزىل رەڭ بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدىغان توغرىسىغا تىزىلغان 3 رەڭلىك دىن تۇزۇلگەن . كۆك رەڭ ئۆزبېكىستاننىڭ ئەركىنلىك ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا سىمىۋول قىلىنغان بولۇپ ئۆزبېكىستاننىڭ پەخرى بولغان تېمۈرىلەر ئىمپىرىيىسىنىڭ بايرىقىنىڭ رەڭگىدىن ئېلىنغان ، ئۆزبېكچە بەخت تىلەشكە ۋەكىللەك قىلىدىغان ئاقيول - ئاق رەڭ پاكىزلىق ۋە خاتىرجەملىككە، يېشىل رەڭ ئۆزبېكىستاننىڭ ھاياتى كۈچىگە سىمىۋول قىلىنغان. ئاستىدىكى يېشىل رەڭ ھاياتلىققا سىىسۋول قىلىنغان.  كۆك رەڭ قىسمىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە رەڭلىك ھىلال ئاي ۋە 12 ئاق رەڭلىك يۇلتۇز بار، بولۇپ ھىلال ئاي ئىسلام دىنى ۋە مەركىزى ھاكىمىيەتكە ، 12 يۇلتۇز 12 ئوبلاستقا سىمىۋول قىلىنغان. ئۆزبېكىستان 1924-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى بولۇپ، 1952-يىلدىن باشلاپ ئىشلەتكەن بايرىقى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دۆلەت بايرىقى بىلەن ئوخشاش ئىدى، پەقەت ئوتتۇرىدا توغرىسىغا كۆك رەڭلىك بەلۋاغ بار بولۇپ ئاق رەڭ بىلەن ئايرىلىپ تۇراتتى. 1991-يىل 31-ئاۋغۇست ئۆزبېكىستان مۇستەقىللىق قانۇنىنى ماقۇللىدى، 11-ئوكتەبردىن باشلاپ يېڭى دۆلەت بايرىقىنى ئىشلەتكەن.

 

   ئۆزبېكىستاننىڭ دۆلەت گىرىبى: يۇمۇلاق چەمبەر شەكىلدە. ئۇستىدە پەرۋاز قىلىۋاتقان ھۇما  قۇشى(ئوتتۇرا ئاسىيا رىۋايەتلىرىدىكى بەخت قۇشى ) ئارقا كورۈنىشىدە كۆتۈرۈلىۋاتقان قۇياش ۋە ياپ-يېشىل دالا چۇشۈرۈلگەن. دالا ئۈستىدە سىر ۋە ئامۇ دەرياسىغا سىمىۋول قىلىنغان ئىككى كۆمۈش رەڭ دەريا ئېلىنىپ ئۆزبېكىستاننىڭ ماۋىرائۇننەھرى دىگەن تارىخى نامى ئەسلىتىلگەن. ئۇستىدە يەنە ئۆزبېكىستاننىڭ ھۆرلۈكىنىڭ سىمىۋولى سۈپىتىدە ئالتۇن ھەل بىلەن ئورالغان سەككىز بۇرجەكلىك يۇلتۇز ئېلىنغان بولۇپ بۇ يۇلتۇز ئىچىگە  ئىسلام دىنىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ھىلال ئاي ۋە بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇز سىزىلغان. ئىككى يان تەرىپىدە پاختا ۋە بۇغداي باشاقلىرى لېنتا شەكلىدە چۇشۇرۇلگەن.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 2

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 1007 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01