ئۆزبەكىستان جۇمھۇريىتى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى Republic of Uzbekistan
     پايتەختى تاشكەنت ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە ئەڭ چوڭ شەھەر، ئاھالىسى 2 مىليون 500 مىڭ (2002-يىلدىكى مەلۇمات).

زىمىنى: ئۆزبېكىستان ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەركىزىدىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق مەملىكىتى ھېسابلىنىدۇ، غەربى-شىمالى ئارال دېڭىزىغا تۇتۇشىدۇ. ئومۇمىي يەر مەيدانى 447 مىڭ 400كۋادرات كم. غەرب بىلەن شەرقنى، شىمال بىلەن جەنۇبنى تۇتاشتۇرىدىغان ئوتتۇرا ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مۇھىم قاتناش تۈگىنى بولۇپ، قەدىمدە كارۋان يوللىرىنىڭ ئۇچرىشىدىغان، سىرت بىلەن ئالاقە قىلىپ، ھەر خىل مەدەنىيەت ئوز-ئارا ئالمىشىدىغان ئاۋات بىر جاي بولغان.

نوپۇسى: 29 مىليون 530 مىڭ 8 يۇز (2011-يىل). 129 مىللەت بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئوزبەكلەر 80%، تاجىكلار 5%،  رۇسلار 5%، قازاقلار 3%. قارا قالپاقلار 3%نى ئىگەللەيدۇ. ئاھالىنىڭ زور كۆپچىلىكى ئىسلام دىنى سۈننى مەزھىبى ھەنەفى فىقھىسىگە ئېتىقات قىلىدۇ. ھۆكۈمەت تىلى -- ئۆزبېك تىلى، رۇس تىلى مىللەتلەر ئارا ئورتاق تىل ھېسابلىنىدۇ.

قىسقىچە تارىخى: ئۆزبېكىستان مىلادىدىن بۇرۇنقى كانكىئو خانلىقىنىڭ قۇرۇلغان جايى بولۇپ، مىلادىنىڭ ئالدى كەينىدە ئىزچىل ھۇن ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ كەلگەن. مىلادى6-ئەسىردە كۆك تۈرك ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان. 8-ئەسىردىن كېيىن ئىسلام ئىمپىرىيىسى بۇ جايلارنى ئىشغال قىلىپ ئىسلام دىنىنى تارقاتقان. 9-ئەسىردە پارىسلارنىڭ سامانى خانلىقى پۈتۈن ئۆزبېكىستان زىمىنىنى ئىشغال قىلغان. 10-ئەسىردە قارا خانىلار سۇلالىسى سامانىلارنى ئاغدۇرۇپ ئۆزبېكىستانى ئۆز تەسەررۇپىغا ئالغان. كېيىن خانلىق تەڭرىتېغىنى پاسىل قىلىپ غەربى قاراخانىلار ۋە شەرقى قاراخانىلار  خانلىقىغا پارچىلىنىپ كەتكەن. مۇشۇ ئەسىرلەردە ئۆزبېك مىللىتىنىڭ تىل-مەدەنىيەت ۋە يازما ئەدەبىياتى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەنگەن. 13-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا موڭغۇل ئىمپىرىيىسى ئوتتۇرا ئاسىيانى ئىشغال قىلغان. ئۆزبېكىستان تۈركلەشكەن مۇڭغۇل - تېمۇرىلەر سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. 16-ئەسىرگە كەلگەندە شىمالدىن كەلگەن چارۋىچى قەۋم ئۆزبېكلەر شايبانىخاننىڭ باشچىلىقىدا ئىككى ماۋۇرائۇننەھرىنى ئىشغال قىلىپ ئۆزبېك خانلىقىنى قۇرغان. ئۆزبېك دىگەن نام شۇنىڭدىن باشلاپ تەڭرىتېغىنىڭ غەربىدىكى مۇقىم ئولتۇراقلاشقان تۈركى مىللەتلەرنىڭ نامى بولۇپ قالغان. 17-ئەسىردىن كېيىن ئۆزبېكىستان زىمىنى قوقان خانلىقى، بۇخارا خانلىقى، خارەزىم خانلىقى قاتارلىق ئۇششاق بەگلىكلەرگە بۆلۈنۈپ كەتكەن.  19-ئەسىرنىڭ 60~70 يىللىرى ئۆزبەكىستاننىڭ بىر قىسىم جايلىرىنى روسىيە ئىمپىرىيىسى ئىشغال قىلغان. 1917-يىل نويابىردا سوۋېت ھاكىمىيىتى تىكلىنىپ ئۆزبېكىستان تۈركىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر قىسمى بولغان.  1924-يىل 27-ئۆكتەبىردە سىتالىن ھۆكۈمىتى ھازىرقى ئۆزبېكىستان چېگرىسىنى ئاساسى جەھەتتىن بېكىتىپ ئۆزبېكىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان ھەمدە سوۋېت ئىتتىپاقى تەركىبىگە كىرگەن. 1991-يىل 1-سىنتەبىر مۇستەقىللىق جاكارلاپ، دۆلەت نامى ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىگە ئوزگەرتىلگەن.
   ئۆزبېكىستان ئەسلىدە م د ب  (مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى) دىكى 5 دۆلەت ئىچىدە، تەبىئىي بايلىقى مول،  ئىقتىسادى كۈچى بىر قەدەر كۈچلۈك، توقۇمچىلىق ۋە ماشىنسازلىق تەرەققى قىلغان مەملىكەت بولۇپ خەلق ئىگىلىكىنىڭ تايانچ ئىگىلىكى  ئالتۇن، «ئاق ئالتۇن» (پاختا)، «قارا ئالتۇن» (نېفىت)، «كۆك ئالتۇن» (تەبىئىي گاز) دىن ئىبارەت  «تۆت ئالتۇن»  ئىدى. بىراق مۇستەقىل بولغاندىن بۇيان سانائەت قۇرۇلمىسى ۋە ئىشلەپچىقىرىش شەكلىدە ئۆزگىرىش بولمىغانلىقتىن  مۇستەقىل بولغاندىن بۇيانقى تۈرلۈك دۆلەت ئىچى ۋە تاشقى سىياسەتنىڭ تەسىرىدە ئىقتىسات ئۆزلۈكسىز چېكىنىپ ئىگىلىك قۇرۇلمىسى بىر خىل، پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتى بىر قەدەر قالاق بولغان، ئۇمۇمەن پاختا تېرىشنى ئاساس قىلىدىغان نامرات دىھقانچىلىق  دۆلىتىگە ئايلىنىپ قالدى .
ئۆزبېكىستاندا دېھقانلار 44%، سانائەت ئاھالىسى 20%، مۇلازىمەت كەسپىدىكىلەر 36%نى ئىگەللەيدۇ.  2011-يىللىق مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 94مىليارت 800مىلىيۇن دوللار، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 3000دوللار. پاختا ۋە نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈشى تۈپەيلىدىن يېقىنقى بەش يىلدىن بېرى ئۆزبېكىستان ئىقتىسادىنىڭ يىللىق ئېشىش سۈرئىتى 7% ئەتراپىدا بولۇۋاتىدۇ.
ئۆزبېكىستاننىڭ پۇلى سوم. 2002-يىلى 423سوم= بىر دوللار، 2004-يىلى 971سوم =بىر دوللار، 2006-يىلى 1219سوم=بىر دوللار، 2011-يىلى 1714سوم=بىر دوللار.
ئۆزبېكىستاننىڭ 2011-يىلىدىكى مۇقىم تېلىپون ئىشلەتكۈچىسى2مىلىيۇن، كۆچمە تېلىپون ئىشلەتكۈچىسى 21مىليۇن200مىڭ، ئىنتېرنېت ئابونتى5مىلىيۇن 900مىڭ بولغان.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 1462 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01