تاجىكىستان جۇمھۇريىتى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتى Republic of Tajikistan
پايتەختى دۈشەنبە شەھىرىنىڭ ئاھالىسى 562 مىڭ .
جۇغراپىيىلىك ئەھۋالى: يەر مەيدانى 143 مىڭ بىر يۇز كۋادرات كم، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ جەنۇبىدىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق مەملىكىتى ھېسابلىنىدۇ. غەربى ۋە شىمالى ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستان بىلەن، شەرقى جۇڭگو بىلەن جەنۇبى ئافغانىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ. تاغلىق ۋە ئىگىزلىكلەر دۆلەت زىمىنىنىڭ 90% نى تەشكىل قىلغاچقا "ئىگىز تاغ دۆلىتى" دىگەن نامى بار.

نوپۇسى: 7مىللىيون 76 مىڭ . تاجىكلار 80%، ئوزبەكلەر 16%، رۇسلار1%، قىرغىزلار 1%، قالدىسىنى بەدەخشاندىكى رۇشان، سارىكول ۋە باشقا تاغلىق قەبىلىلەر ئىگەللەيدۇ. ئاھالىنىڭ85%نى سۈننى مەزھىبىگە، 5% شىئە مەزھىبى ئىسمائىلىيە تارمىقىغا(ئاساسەن تاغلىق بەدەخشان ئاپتونۇم ئوبلاستىدىكىلەر)ئىشىنىدۇ . دۆلەت تىلى -- تاجىك تىلى، رۇس تىلى مىللەتلەر ئارا ئالاقە تىل ھىساپلىنىدۇ.
دۆلەت بايرىمى : 1991-يىل 9-سېنتەبر
قىسقىچە تارىخى: تاجىكىستان زىمىنى ئەسلىدە تۈركى چارۋىچى كەۋملەر ئولتۇراقلاشقان زىمىن بولۇپ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 5-ئەسىردە ئىرانلىقلار قۇرغان دارا ئىمپىرىيىسى دەۋرىد تاجىكلارنىڭ ئەجدادلىرى ئوتتۇرا ئاسىياغا ماكانلاشقان. ۋە شۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇزۇن مەزگىلدە يەرلىك تۈركلەر قۇرغان ھاكىمىيەتنىڭ قولىدا بولغان، 9- ئەسىردە تاجىكلار تارىختا بىرىنجى قېتىم بۇخارانى مەركەز قىلغان، زىمىنى كەڭ، قۇدرەتلىك سامانىلار سۇلالىسىنى قۇردى. سامانىلار خانلىقى دەۋرىدە پارىس تىل-ئەدەبىياتىنىڭ قايتا گۈللىنىشى بىلەن تاجىك مىللىتى ئاستا-ئاستا ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەنگەن بولۇپ، تاجىكلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرى مانا مۇشۇ ئەسىرگە سوزۇلغان تارىخىي دەۋردە شەكىللەنگەن. 10- ~ 13-ئەسىرلەردە ساسانىلار، قاراخان  ۋە خارازىم خانلىقلىرىنىڭ قول ئاستىدا بولدى. 13-ئەسىردە مۇڭغۇل-تاتارلار تەرىپىدىن بوي سۇندۇرۇلدى. 16- ئەسىردىن باشلاپ بۇخارا خانلىقىغا قوشۇلدى. 1920-يىلىدىكى بۇخارا خەلق ئىنقىلابىدىن كېيىن، بۇخارا سوۋېت خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان. 1924-يىل 14-ئوكتەبىر تاجىكىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ، ئوزبېكىستان سوۋەت سوتسىيالىستىك جۇمھۇريىتىگە تەۋە بولدى. 1929-يىل 16-ئوكتەبىر تاجىكىستان سوۋەت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ، شۇ يىلى 5 دېكابردا سوۋەت ئىتتىپاقى تەركىۋىگە كىردى. 1990-يىل 24-ئاۋغۇست تاجىكىستان ئالىي سوۋىتى جۇمھۇرىيەت ئىگىلىك ھوقۇق خىتاپنامىسىنى ماقۇللىدى. 1991-يىل ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرى دولەت نامى تاجىكىستان جۇمھۇريىتىگە ئوزگەرتىلدى، شۇ يىلى 9- سېنتەبر كۇنى تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتى مۇستەقىللىق جاكارلاپ، مۇشۇ كۈننى جۇمھۇرىيەتنىڭ مۇستەقىللىق كۈنى قىلىپ بېكىتتى.
تاجىكىستاننىڭ رەڭلىك مېتاللار، كەم ئۇچرايدىغان مېتاللار، كۆمۈر، تاش تۇزى قاتارلىق تەبىئىي بايلىقى مول بولسىمۇ لېكىن تەبىئى شارائىتى ناچار، تولۇق ئېچىلمىغان بولغاچقا  ئەسلىدىنلا سوۋېت ئىتىپاقىدىكى ئەڭ نامرات دۆلەت بولۇپ مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن بۇ ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىرلاشتى.  2006-يىلى تاجىكىستاننىڭ ئۇمۇمى مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 2مىليارت دوللار بولغان بولۇپ، كىشى بېشىغا 285دوللار توغرا كېلىدۇ. ئىچكى ئۇرۇش 2001-يىلى توختىغاندىن بېرى تاجىكىستاننىڭ يىللىق ئىقتىسادى ئېشىشى 7% ئەتراپىدا بولۇۋاتىدۇ.
   تاجىكىستاننىڭ پۇلى سوم بولۇپ 2002-يىلى 2.7سوم بىر دوللار، 2004-يىلى 2.97سوم بىر دوللار، 2006-يىلى 3.3 سوم بىر دوللار بولۇۋاتىدۇ.
تاجىكىستاندا مۇقىم تېلىپون ئىشلەتكۈچىسى 249مىڭ، يانپون ئىشلەتكۈچىسى 265مىڭ، ئىنتېرنېت ئابونتى 5000بولغان.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 664 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01