قىرغىز جۇمھۇرىيىتى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 1 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

    قىرغىزىستاننىڭ دۆلەت بايرىقى: تىك تۆت بۇلۇڭ شەكلىدە بولۇپ، ئۇزۇنلىقى بىلەن كەڭلىكىنىڭ نىسبىتى 5:3. بايراق تەكتى قىزىل رەڭدە. بايراق مەركىزىدە ئالتۇن رەڭلىك قۇياش، قۇياش ئوتتۇرىدا 6 يوللۇق يۇمۇلاق شەكىل بار. قىزىل رەڭ غالىبىيەتنىڭ، قۇياش پارلاق نۇر ۋە ئىللىقلىقنىڭ سىمۋولى، قۇياش ئوتتۇرىسىدىكى 6سىزىق دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىكىنىڭ، بىرلىكىنىڭ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ۋە دوستلۇقىنىڭ ئازاتلىق يولىنىڭ پارلاق ئىستىقبالغا تۇتىشىدىغانلىقىنىڭ سىمىۋولى.

     قىرغىزىستان 1936-يىلدىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى بولۇپ، 1952-يىلدىن باشلاپ ئىشلەتكەن دۆلەت بايرىقىدا يۇلتۇز ۋە ئورغاق-بولقا چۈشۈرۈلگەن قىزىل بايراق بولۇپ، ئوتتۇرىدا توغرىسىغا ئاق رەڭلىك تار بەلۋاغ، ئاستى-ئۇستىدە كۆك رەڭلىك بەلۋاغ بولغان.

     1991-يىل ئاۋغۇستتا مۇستەقىللىق جاكارلىغاندىن كېيىن، ھازىرقى دۆلەت بايرىقىنى ئىشلەتكەن.  قىرغىزىستاننىڭ دۆلەت گىرىبى: يۇمۇلاق چەمبەر شەكلىدە. چەمبەر ئۇستىدە قانات كېرىپ پەرۋاز قىلىۋاتقان بۇركۈت، ئارقىسىدا تاغ چوققىسى ۋە قۇياش بار، ئىككى يان تەرىپىدە بۇغداي باشىقى ۋە پاختا لېنتا شەكلىدە چۈشۈرۈلگەن. دۆلەت گىرىبىدە قىرغىز (سلاۋىيان) يېزىقىدا "КЫРГЫЗ РЕСПУБЛИКАСЫ" (قىرغىز جۇمھۇرىيىتى) دەپ يېزىلغان.

[admin تەستىقلىدى . 2010-5-31 13:37:37]
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 680 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01