قىرغىز جۇمھۇريىتى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

          قىرغىزىستان جۇمھۇريىتى Kyrgyz Republic پايتەختى بىشكەك شەھىرىنىڭ ئاھالىسى 797 مىڭ 7 يۇز . يەر مەيدانى 198 مىڭ 500 كۋادرات كم، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق مەملىكىتى ھىساپلىنىدۇ، . 90% زىمىنى دېڭىز يۈزىدىن 1500 مېتر ئىگىز. شەرقى قىسمىدىكى كۆركەم تاغلار ئارىسىغا جايلاشقان "ئىسسىق كۆل" نىڭ سۇ يۇزى دېڭىز يۈزىدىن 1600 مېتر ئېگىز، كۆلنىڭ ئىگەللىگەن مەيدانى 6320 كۋادرات كم دىن ئارتۇق بولۇپ، دۇنيادىكى ئىگىز تاغ كۆللىرى ئىچىدە چوڭقۇرلىقى 1-ئورۇندا، سۇ مىقدارى 2-ئورۇندا تۇرىدۇ. كۆل سۈيى زۇمرەتتەك سۇپ-سۇزۇك، يىل بويى مۇز توڭلىمايدۇ، (كول نامى ئانا تىلىمىزدىكى "ئىسسىق كۆل" بولغاچقا بەزى جايلارنى تەرجىمە قىلىش ئارتۇقچە -- نازىمى) "ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەرۋايىت" دىگەن ئاتىقى بار. نوپۇسى: 5 مىلىيون 386 مىڭ 500 (2008- يىل 7-ئاي). 80 نەچچە مىللەت بار، بۇلارنىڭ ئىچىدە قىرغىزلار %65، ئوزبەكلەر %14، رۇسلار %12.5، تۇڭگانلار %1.1، ئۇكرائىنلار 1%، ئۇيغۇر 1% ئۇندىن باشقا كەرىس (چاۋشەن مىللىتى)، نېمىس، تاجىك قاتارلىق مىللەتلەر بار. ئاھالىنىڭ %80 تى ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قىلىدۇ. دولەت تىلى -- قىرغىز تىلى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە رۇس تىلىغىمۇ ھۆكۇمەت ئىشلىرىدا رەسمى قوللىنىدىغان تىل قاتارىدىن ئورۇن بېرىلگەن. قىسقىچە تارىخى: قىرغىزستان زىمىنى ئۇزۇن زامانلاردىن بېرى تۈركى تىللىق قەۋملەرنىڭ زىمىنى بولۇپ، مىلادى 3-ئەسىردىلا ھۇنلارغا دائىر يازما خاتىرىلەردە ئۇچرايدۇ. مىلادى 6-7-ئەسىرلەردە قىرغىزىستان زىمىنى كۆك تۈرك ئىمپىرىيىسىگە ، ئۇنىڭدىن كېيى قارا خانىلار سۇلالىسىگە تەۋە بولغان. كېيىن موڭغۇللار ئىشغال قىلىپ، تۈركلەشكەن موڭغۇل خانلىقىنىڭ قولىدا بولغان.

       17-ئەسىردىن كېيىن تاكى رۇس ئىشغالىغا قەدەر قوقان خانلىقىغا تەۋە بولغان. قىرغىز خەلقىنىڭ ئەسلى مىلادى 6-ئەسىردە يېنسەي دەرياسىنىڭ باش ئېقىنىدا قۇرۇلغان قىرغىز خانلىقىغا چېتىلىدۇ. 15-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا جۇڭغارلار قىرغىز مىللىتىنى پۈتۈن قەۋم بويىچە سۈرگۈن قىلىپ تەڭرىتېغىغا ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن بۈگۈنكى قىرغىز مىللىتى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەنگەن. (يەنەسەي -- قەدىمكى ئۇيغۇرچە ۋە قىرغىزچە "ئەنەساي" يەنى "ئانا ساي" دىگەنلىكتۇر - نازىمى) . 1876-يىلى چار روسىيە تەرىپىدىن يۇتۇۋېلىندى. 1917-يىللى قىرغىزستاندا سوۋېت ھاكىمىيىتى تىكلەندى، 1936 -يىلى قىرغىزستان سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇريىتى قۇرۇلۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى تەركىۋىگە كىردى. 1991-يىل 31-ئاۋغۇست مۇستەققىللىك جاكارلاپ، دولەت نامى قىرغىزستان جۇمھۇريىتى دەپ ئوزگەرتىلدى.

          1993-يىل ماي ئېيىدا دولەت نامى يەنە قىرغىز جۇمھۇريىتى دەپ ئوزگەرتىلدى. قىرغىزىستان سابىق سوۋېت ئىتىپاقى دەۋرىدىمۇ بىر قەدەر نامرات جۇمھۇرىيەت ئىدى. يەككە ئىگىلىك دەۋرىدە قىرغىزىستاننىڭ ئىگىز تاغلىق ئورنىغا مۇۋاپىق ھالدا سۇ ئېلىكتىر ئېنېرگىيىسى ۋە رەڭلىك مىتال سانائىتى تەرەققى قىلدۇرۇلغان. مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن قىرغىزىستان گەرچە زور ئىقتىسادى مۇۋەپپىقىيەت قازىنالمىغان بولسىمۇ خەلق ھوقۇقى تولۇق ئىشقا ئېشىپ« ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دېموكراتىيە ئارىلى« دەپ نام ئالدى ۋە كۆپلەپ تاشقى مەبلەغ جەلپ قىلالىدى.

        2008-يىلى قىرغىزىستاننىڭ مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 5مىليارت 255مىلىيۇن دوللار بولغان بولۇپ كىشى بېشىغا 2200 دوللار توغرا كېلىدۇ. قىرغىزىستاننىڭ پۇل بىرلىكى سوم، 2002-يىلى 46.93سوم بىر دوللارغا، 2004-يىلى 42.65 سوم بىر دوللارغا، 2006-يىلى 40.15 سوم، 2008-يىلى 36.15 سوم بىر دوللارغا تەڭ بولغان. 2008-يىلى قىرغىزىستاننىڭ مۇقىم تېلپون ئىشلەتكۈچىسى 482مىڭ، يانپون ئىشلەتكۈچىسى2مىلىيۇن 152مىڭ، ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچىسى 750مىڭ بولغان. ______________________________ تەرجىماننىڭ ئىزاھاتى: قىرغىزستاندىكى ۋە دولىتىمىزدىكى قىرغىزلار بىر مىللەت بولۇپ ئۇلارنىڭ خەنزۇچە نامى (吉尔吉斯 ۋە 柯尔克孜) دەپ ئىككى خىل ئاتىلىپ كەلمەكتە. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى مېنىڭچە قىرغىزستان قىرغىزلىرىنىڭ مىللەت نامى خەنزۇ تىلىغا رۇس تىلىدىكى ئېيتىلىشى "Киргиз" (كىرگىز) دىن ئاھاڭ تەرجىمىسى ئىلىنغان بولۇپ. رۇسچە-خەنزۇچە تاۋۇش-بوغۇم سېلىشتۇرمىسى بويىچە، رۇس تىلىدىكى "كى" ۋە "گى" بوغۇملىرى خەنزۇ تىلىغا ئوخشاشلا 吉 دەپ ئاھاڭ تەرجىمە قىلىنىغانلىقىدىن بولغان. ---- نازىمى

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 880 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01