قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 1 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش
 

قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى

    قازاقىستاننىڭ دۆلەت بايرىقى: تىك توت بۇلۇڭ شەكلىدە بولۇپ، ئۇزۇنلىقى بىلەن كەڭلىكىنىڭ نىسبىتى 2:1. بايراق تەكتىنىڭ رەڭگى سۇس كوك . ئوتتۇرسىدا ئالتۇن رەڭلىك قۇياش، قۇياش ئاستىدا قانات كەرىپ پەرۋاز قىلىۋاتقان بۇركۈت. سول تەرەپ يان تەرىپىدىكى تار بەلۋاغدا قازاقلارنىڭ ئەنئەنىۋىي ئالتۇن رەڭلىك كەشتە شەكىللىرى چۇشۇرۇلگەن. ھاۋارەڭ -- قازاق خەلقى ياختۇرىدىغان رەڭ بولۇپ ئەركىنلىككە سىمىۋول قىلىنغان. كەشتە شەكىللىرى ئادەتتە قازاقلارنىڭ مىللىي سەلىنجىسى بولغان شىرداق ۋە مىللىي كىيىم-كېچەكلىرىدە ئۇچرايدۇ، بۇ قازاق خەلقىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنىڭ نامايەندىسى. ئالتۇن قۇياش پارلاق نۇر ۋە ئىللىقلىقنىڭ شۇنداقلا قازاقىستاننى ئادالەت نۇرىنىڭ يورۇتۇپ تۇرىدىغانلىقىغا سىمىۋول قىلىنغان، بۇركۈت بولسا باتۇرلۇقنىڭ سىمۋولى.
    بۇ دۆلەت بايرىقى 1991-يىلى دېكابىردا قازاقىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ئىشلىتىلىشكە باشلىغان. قازاقىستاننىڭ دۆلەت گېربىدىكى يۇمىلاق چەمبەر- قازاقلارنىڭ كىگىز ئويىنىڭ چوققىسىدىكى يۇمىلاق چاڭغىراقنىڭ شەكلى بار بولۇپ قازاقلار ئەسىرلەردىن بۇيان ياشاپ كەلگەن ئاق ئۆينىڭ سىمۋولى. ئىككى يېنىدا تۇلپار بولۇپ قازاقلارنىڭ ئات ۋە يايلاققا تايىنىپ ياشىغان چارۋىۋىلىق ھاياتىغا سىمىۋول قىلىنغان. ئۈستىدە بىر دانە يۇلتۇز بار، توۋەن تەرىپىدە قازاق (سلاۋىيان) يېزىقىدا "КАЗАКСТАН" (قازاقىستان) دەپ يېزىلغان.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 990 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01