غەززالى (1058-1111)

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 2 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

   ئىمام غازالى ئىسلام دۇنياسىدا ھۆججەتۇلئىسلام دەپ نام ئالغان ئاز ساندىكى ئۆلىمالارنىڭ بىرى. شۇنداقلا بىرقانچە خىل ئىلىمدە كامالەتكە يېقىنلاشقان ئىنسىكلوپىدىك ئالىم، بەزىلەر ئۇنى پەلسەپىگە قارشى ئېلىپ بارغان كۆرىشى بىلەن تونىسا بەزىلەر ئۇنى ئىسلام فىقھىشۇناسلىقى ساھەسىدىكى كىتاپلىرىدىن تونىيدۇ. بۇلا ئەمەس، ئىمام غازالى يەنە ھىجرى بەشىنجى ئەسرنىڭ مۇجەددىد ( ئىسلامنى گۈللەندۈرگۈچى) دەپ نام ئالغان بىر ئۆلىما .
توغۇلىشى ۋە ئۆسۈپ يىتىلىشى
ئىمام غازالىنىڭ ئىسمى ئەبۇ ھامىد مۇھەممەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى مۇھەممە ئىبنى ئەھمەد ئەلغازالى بولۇپ، خۇراساننىڭ تۇس رايۇنىدىغا يېقىن غازالە يۇرتىدا ھىجرىينىڭ 450 يىلى تۇغۇلغان ( مىلادى 1058 ) تۇغۇلغان، شۇيەرگە مەنسۇپ ھالدا ئەلغازالى دەپ ئاتالغان. ئاتىسى كەمبەغەل يۇڭ- پاختا ئاتقۇچى كىشى بولۇپ بالىلىرى مۇھەممەد ۋە ئەھمەدنى ئىلىملىك قىلىپ چىقىشنى بەك ئارزۇ قىلاتتى. ۋاپاتىدىن بۇرۇن ئوغۇللىرىنى سوپىلاردىن بولغان بىر ئاغىنىسىگە تاپشۇرۇپ، قولىدىكى ماللىرىنى بېرىپ، ئۇلارنى ئوقۇتۇپ تەربىيلەشنى تەۋسىيە قىلغان . بۇ كىشىمۇ ئاتىنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە قولىدىن كىلىشىچە بۇلارنى ئوقۇتقان، كېيىنچە قۇربى يەتمەي تالىپلارغا ياتاق - تاماق بېرىپ ئوقىتىدىغان بىر مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان .
   ئىمام غازالى يۇرتىدىكى زامانىسىدىكى مەشھۇر ئۆلىمالارنىڭ قولىدا ئىلىم تەھسىل قىلغان. بۇلاردىن توستا فىقھىنى ئىمام ئەھمەد ئەززاركانى، جورجاندا ئىمام ئەبۇ نەسر ئەلئىسمائىلىنىڭ قولىدا ئوقۇغان . كېيىن توسقا قايتىپ 3 يىل تۇرغاندىن كېيىن، نىساپورغا بېرىپ نىزامىيە مەدرىسىدە ( دۆلەتلىك رەسمى مەدرىسە ) ئىلمى ئۇسۇل فىقە ( قانۇنشۇناسلىق ) ۋە ئىلمى كالامنى داڭلىق ئالىم، ئىككى ھەرەمنىڭ ئىمامى دەپ ئاتالغان ئەبۇلمائالى جۈۋەينىدە خېلى ئۇزۇن تەلىم ئېلىپ، ئۇنىڭ فىقھى، ئۇسۇلىددىن ، لوگىكا ۋە پەلسەپە جەھەتتىكى بىلىملىرىنى پىششىق ئۆزلەشتۈرگەن. بۇ ئۇستازى «ئەلغازالى مول ھوسۇللۇق بىر دېڭىز» دەپ تەرىپلىگەن .
 
شۆھرىتىنىڭ ھەرتەرەپكە تارقىلىشى
ئىمام غازالى نىساپوردا تاكى ئۇستازى بولغىچە تۇرۇپ، ھىجرىيە 478 . يىلى ( مىلادى 1085 ) . يىلى مۇئەسكەر دىگەن يۇرتقا ئىلىم ئەھلىنى ئىززەتلەيدىغان مەشھۇر ۋەزىر نىزامۇلمۈلكنىڭ قېشىغا بېرىپ ئورۇنلاشقان . شۇ يەردە ئىلىم بىلەن شۇغۇللۇنۇپ ھەر ھەر ئۆلىمالار بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇپ، مۇنازىرىدە يېڭىپ داڭقى ھەر تەرەپكە تارقالغاندىن كېيىن ، ۋەزىر ئۇنى باغداتتىكى نىزامىيە مەدرىستە مۇدەررىسلىككە ھىجرىيە 484 . يىلى ( مىلادى 1091 ) تەكلىپ قىلغان .شۇ چاغدىكى ئۆمرى ئەمدىلا 34 ياش ئەتراپىدا ئىدى . شۆھرىتى بولسا تېخىمۇ ئېشىپ ۋەزىر ھەتتا پادىشالاردىن ھالقىپ كەتكەن . كېيىن ئىمام غازالى ھىكايە قىلىپ : « ئىلىمنى جان بېقش ئۈچۈن تەلەپ قىلىۋىدۇق، يەنىلا ئاللاھنىڭ ئىرادىسى غالىپ كىلىپ ئىلىمنى پەقەت ئاللاھ ئۈچۈنلا پاك ھالدا تەلەپ قىلدۇق» دەيدۇ . شۇ ۋاقىتلاردا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن ھىكايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ :« جۇرجاندىن ئىلىم ئېلىپ قايتقاندىن كېيىن يولدا بىر توپ قاراقچى ھەممە نەرسىمىزنى ئېلىۋالدى، مەن ئۇلارغا ئەگىشىپ بېرىۋىدىم باشلىقى دەرھال قايت بولمىسا ھالاك بولىسەن دىدى. مەن ئاللاھنىڭ نامى بىلەن مېنىڭ دەپتىرىمنىلا قايتۇرۇپ بەرسەڭ ، ئۇنىڭ سىلەرگە پايدىسى يوق دىدىم . ئۇ قانداق دەپتەر ئۇ دىدى، مەن ئۇ مەن ئۈگەنگەن بىلىملىرىم يېزىلغان، مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن سەپەر قىلغان دىۋىدىم قاراقچى كۈلۈپ سەن قانداقمۇ ئۇ ئىلىمنى ئىگەللىدىم دەيسەن، مانا سەندىن دەپتىرىڭنى ئىلىۋاپتۇق بىلىمسىز قالدىڭ دىدى، كېيىن دەپتىرىمنى قايتۇرۇپ بەردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ھەق گەپ قىلغانلىقىنى ھېس قىلىپ ، توسقا قايتىپ بارغاندا دەپتەردىكى ھەممە نەرسىنى چۈشىنىپ يادلىۋالدىم، يەنە قاراقچىلار دەپتەرنى ئېلىۋالسا ئىلىمسىز قالمايمەن ».
ئاشۇنداق مەلۇم بىر مۇددەتتىن كېيىن ئىمام غازالى ھەر خىل بىلىم سىرلىرىدىن تويۇنۇپ ئىچىدە بىر خىل يەڭگىل شەك قىلىش تۇيغۇسى )گۇمانىزم( بارلىققا كىلىدۇ، شۇنىڭ بلىەن باغداتنى تاشلاپ، پۈتۈن مال مۈلكىنى تارقىتىۋەتكەندىن كېيىن دەمەشققە بېرىپ تۇرغان، شۇ يەردە يېگانىلىق ئىچىدە كۈنىنى تەپەككۈر قىلىش بىلەن ئۆتكۈزگەن ( بۇ ئۇنىڭ شەك ( گۇمان) ئىچىدە تېپىرلاۋاتقان ۋاقتى ئىدى). يەنە ئۇ يەردىن بەيتىلمەقدىس ( ئىروسالمغا) يۆتكىلىپ قۇددۇس مەسجىتىدە ئىستىقامەتتە تۇرغان ۋە شۇ جەرياندا «ئىھيا ئولۇمىددىن ( دىنى ئىلىملەرنى گۈللەندۈرۈش)» ناملىق ئەسىرىنى يېزىشقا باشلىغان . ھىجرى 489 . يىلى ھەجگە بېرىپ يەنە قايتىپ كىلىپ كىتاپنى تولۇقلىغاندىن كېيىن، يەنە سەپەرگە ئاتلىنىپ باغداتتا زىيارەتتب بولغاندىن كېيىن خۇراسانغا قايتىپ ئون يىلغا يېقىن شۇ يەردە يالغۇزلۇقتا ئىبادەت ۋە تەپەككۈر بىلەن مەشغۇل بولۇپ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ يولىنى، ھەقنى سوپىزمدىن تاپقانلىقىنى قەيت قىلغان ( ئەلمۇنقىز ) .
قىستۇرۇپ ئۆتۈشكە كېرەكلىكى ئىمام غازالىنىڭ تەيىن تاپقىنى كىيىنكى زامانلاردا بۇرمۇلۇنۇپ ھەقتىن ئازغان سوپىلىق بولماستىن بولكى ئىسلامنىڭ دەسلەپكى پارلاق ئۈچ ئەسىرىدىكى سوپىلارنىڭ بۇلغانمىغان، ھەقىقى ئىسلام روھىغا تويۇنغان پاك سوپىلىق ئىدى . بەلكى ئىمام غازالىنى سوپىلىقنى ئىلمى مېتود مىزان بىلەن تەتقىق قىلىپ، ھەقىقى چۈشەنچە ۋە قانائەت بىلەن قوبۇل قىلغان.
شۇڭا ئىمام غازالى سوپىلىقتا ئادەتتكى بىر تەقلىدچى ئەمەس بەلكى سوپىزم ئىپستىمولىگىيەسىنى ( بىىلش نەزىرىيەسىنى) ۋەھدەتچى ۋە ھۇلۇلچى بۇلغاندىلارنىڭ بولغاشلىرىدىن تازىلاپ ( ۋەھدەتىلۋۇجۇت ۋە ھۇلۇل سوپىزمغا يوناننىڭ كۇپۇرلۇق پەلسەپىسى ۋە ھىندىستاننىڭ ئەپسانىلىرىدىن سىڭىپ كىرگەن، ئىسلام قەتئى قوبۇل قىلمايدىغان بۇزۇق ئەقىدە ) سوپىزمنى پاكلىغان ۋە ئىسلام دائىرىسگە قايتۇغان، بۇنى «ئىھيا» كىتابىدىن بىلىنىپ تۇرىدۇ . شۇڭا بەزىلەرنىڭ سوپىزمنى دەپلا قارا قوياق غازالىنى سوپى دەپ ئەيىپلىشىنىڭ ئاساسى يوق .

يەنە ئىمام غازالى دۇچ كەلگەن شەك ( گۇمان ) توغرىسىدا قىستۇرما : 1 - ئىمام غازالى دىكارتتىن بۇرۇن گۇمانىزمغا دۇچ كەلگەن بولۇپ، دىكارتنىڭ گۇمانىزم مېتودىغا ئاساس بولغانىكەن، بۇ توغرىدا دىكارتنىڭ ئۆيىنى زىيارەت قىلغان بەزى سەيياھ ئالىملار، ئۇنىڭ ئۆيىدىكى غازالىنىڭ كىتابى بولغان « ئەلمىنقىز» نىڭ تەرخىمىسىگە دىكارتنىڭ قەلىمى بىلەن «بىزنىڭ مېتودىمزغا قوشۇلىسۇن» دەپ يېزىلغانلىقىنى كۆرگەن. ئىمام غازالىنىڭ ياۋرۇپادىكى داڭقى خېلى چوڭ( شەرقشۇناسلارنىڭ ئېتىراپى بىلەن ). 2 - ئىمام غازالىنىڭ شەك ( گۇمان)ئى ياۋرۇپالىق پەيلاسوپلارنىڭكىدىن پەرقلىنىدۇ، ئىمام غازالى شەك قىلىپ ھەرگىزمۇ جانابى ھەق توغرىسىدا شەك قىلمىغان ئىمان ۋە ئىسلامدىمۇ شەك قىلمىغان،ياكى ھەممىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ پاسسىپ شەك قىلمىغان .
شۇنىڭغا ئاساسەن دوكتۇر سۇلايمان دۇنيا ئىمامنىڭ ھاياتىنى ئۈچ قىسىمغا بۆلىدۇ . 1 - شەكتىن بۇرۇنقى غازالى 2- شەك قىلغان ۋاقتى 3 - شەكتىن كېيىنكى ئارام تاپقان ۋاقتى.
بۇ ئەسنادا ئىمام غازالى كۈچىنى شۇ چاغدىكى يولدىن ئازغان پىرقىلەرگە ھەقىقەتنى بايان قىلىشقا، ھەم شۇ ئەسىردە داڭقى تارالغان 4 پىرقە بىلەن مۇنازىرىلىشىپ رەددىيە بېرىشكە قاراتقان ھەم كىتاپلارنى يازغان . بۇلار ئۆزلىرىنى لوگىكا ۋە تەپەككۈر ئىگىلىرى دەپ ئاتىۋالغان ئاتالمىش « پەيلاسوپلار»، «ئەھلى كالام»، ئۆزلىرىنىڭ ئاتالمىش «مەسۇم ئىمام » پىشۋاسىدىن تەلىم ئالغانلىقىنى داۋا قىلىشىدىغان «باتىنىيلار» ۋە ئۆزلىرىنى جانابى ھەقنىڭ خاسلىرى، پاكلىق پىشۋالىرى ۋە كەشپ ئەھلى دەپ ئاتىۋالغان، چەكتىن ئاشقان « سوپىلار » ئىدى . بۇ ئەسىردە يەنە ئالدىنقىلارنىڭ تەسىرىدە تارىغان يۇنان پەلسەپىسى ۋە ئۇقۇملىرىنىڭ كۈچىنىڭ بارغانسىرى زورىيىپ، پەيلاسوپ ۋە پەلسەپە ھەيۋەتلىك كۆرىنىدىغان، كىشىلەر ئۇلارغا رەددىيە بىرىشتىن ئەيمىنىدىغان بىر ۋاقىت كەلگەن ئىدى، شۇنداقلا ئىسلام دۇنياسى بۇ قالايمىقانچىلىقنى رەتلەپ ئىسلامنى قايتىدىن ئۆز ئورنىغا قويىدىغان بىر كىشىگە مۇھتاج بولىۋاتقان ئىدى. مۇشۇ كىشى دەك ئىمام غازالى بولدى .
شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ بۇ پىرقىلەرنىڭ كىتاپ ۋە ئىلىملىرىنى بىر بىرلەپ مۇتالىئە قىلىشقا باشلىدى ۋە تەتقىق قىلدى، ئاندىن بۇلارغا بىردىن بىر رەددىيە قايتۇرۇپ ئۇلارنىڭ خاتالىقلىرىنى بايان قىلدى، ھەقىقىتىنى ئاشكارىلىدى. بۇ توغرىسىدا ئۆزىنىڭ كىتابى «ئەلمۇنقىز مىنەززالال ۋەلمۇسىل ئىلە زىلئىززە ۋەلجالال ( گۇمراھىلىقتىن قۇتقازغۇپ، ئىززەت ئىگىسى ئاللاھقا يەتكۈزگۈچى)» دىگەن كىتاپىدا تەپسىلى توختالغان . بەزى پىرقىلەرگە ئايرىم ئايرىم كىتاپ يازغان . بۇ ھەقتە ( شەكتىن قۇتۇلغاندىن كېيىن ) مۇنداق دەيدۇ « جانابى ھەق مىنى بۇ كىسەلدىن خالاس قىلغاندىن كېيىن نەزىرىمدە ھەقنى تەلەپ قىلغۇچىلار تۆت پىرقىگە ئايرىلدى . 1 - ئەھلى كالام، ئۆزلىرىنى تەپەككۈر ئەھلى دەيدۇ 2 - باتىنىلار، ئۆزلىرىنىڭ ئىمامىدىن مەخسۇس ئىلىم مىراس ئالغانلىقلىرىنى دەۋا قىلىشىدۇ. 3 - پەيلاسوپلار ۋە پەلسەپىچىلەر، بۇلار ئۆزلىرىنىڭ لوگىكا ئەھلى ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىشىدۇ. 4 - سوپلار. شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈمگە دىدىم، ئاساسلىقى مۇشۇ تۆت پىرقە. بۇلارنىڭ ھەقىقىتىنى بايان قىلىشنى باشلىدىم » ( ئەلمۇنقىز)
بۇ مۇشەققەتلىك سەپىرى يەنە توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ « بالاغەتكە يەتكەندىن بېرى تاكى ھازىرقى قىرانلىققىچە بۇ دېڭىزنىڭ ئەڭ چۇڭقۇر يەرلىرىگە شۇڭغۇدۇم ( يەنە ھەرخىل ئىلىمنڭ ئەڭ ئىنچىكە ئەڭ نازۇك يەرلىرىگىچە ئىچكىرلەپ تەتقىق قىلغانلىقىنى دىمەكچى )، شۇڭغۇغاندىمۇ قورقۇنچاقلىق بىلەن ئەمەس غەيرەت بىلەن، ھەرقانداق زۇلمەت بولسا ئىچكىرلەپ كىردىم، ھەرقانداق مۇشكىلە بولسا ئوزەمنى ئاتتىم، ھەرقانداق پىرقىنىڭ ئەقىدىسىنى تەتقىق قىلدىم، سىرلىرىنى ئاچتىم ، شۇ ئارقىلىق قايسى توغرا قايسى خاتا بىلىشكە تىرىشتىم. باتىنىلار بولىدىكەن ئۇلارنىڭ باتىنىلىقى قانداق بىلدىم، زاھىرى بولىدىكەن زاھىرىلىقى قانداق بىلدىم، پەيلاسوپ بولىدىكەن ئۇنىڭ پەلسەپىسىنىڭ ھەقىقىتىنى بىلدىم ، ئەھلى كالام بولىدىكەن ئۇلانىڭ غايىسى ۋە مەقسىتىنى بىلدىم ، سوپى بولىدىكەن ئۇنىڭ سىرىنى بىلدىم ، زاھىد ئىبادەتچى بولىدىكەن قىلغان ئىبادىتىنىڭ ھەقىقىتى ۋە ئاقىۋىتىنى بىلدىم، زىندىق بولىدىكەن چەكتىن ئاشقانلىقىنىڭ سىرى ۋە سەۋەبىنى بىلدىم . ئىشىمنى باشلىغاندىن تارتىپ ، ياشلىقىمنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن چاغلىرىغچە ھەقىقەتكە يىتىش ئەڭ ئالى غايەم ئىدى، لېكىن بۇ ھەرگىز ئىختىيارىمدىكى ئىش ئەمەس، بەلكى ئاللاھ تەبىئىتىم ۋە مىجەزىمگە پۈتىۋەتكەن ئىش ئىدى ». ( ئەلمۇنقىز ).  

ئىمام غازالى ئەسەرلىرى
ئىمام غازالى ھەرخىل ئىلمدە يىتۈك ئالىم بولۇپ، شۇ ئىلىملەردە ئۆلمەس نادىر ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرغان، ئۇنىڭ فىقھى ۋە فىقھىشۇناسلىقتىكى كىتاپلىرى، «ئەلمەنخۇل»، «ئەلمۇستەسفا» ۋە باشقىلىرى ئىلىم ئەھلىلىرى چوڭ مەنبە بىلىپ ئوقۇشسا، پەلسەپە ۋە لوگىكا تەتقىق قىلغۇچىلار ئۇنىڭ «تەھافۇت»، «ئەلمۇنقىز»،«ئەلئىقتىساد» ۋە باشقا كىتاپلىرىدىن پايدىلانماقتا، ئەخلاق - تەربىيەچىلەر بولسا ئۇنىڭ «ئىھيا ئۇلۇمىددىن( دىنى ئىلىملەرنى گۈللەندۈرۈش)» ناملىق 7 توملۇق ئېسىل ئەسىرى ۋە «ئەي ئوغلان»، «ئەمەل مىزانى» قاتارلىق كىتاپلىرىدىن پايدىلانماقتا.
«ئىھيا» كىتابىنىڭ ئۆزىلا نەچچە خىل ئىلىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئىنسكلوپىدىيە دەرىجىلىپ بىر ئەسەر . بۇ كىتاپنى تەھقىقلاپ يېڭىدىن باستۇرغان ئەزھەر شەيخى ئەھمەد رىفائى « ئەگەر باشقا ئۆلىمالار تىلغا ئېلىنسا خىيالىمىز ئاشۇلار ۋايىغا يەتكەن مەلۇم بىر ئىلىم تەرەپكە كىتىدۇ، مەسىلەن ئىبنى سىنا ياكى ئەلفارابى تىلغا ئېلىنسا مەشھۇر پەيلاسوپلار ۋە پەلسەپە ئېسىمىزگە كىلىدۇ. ئەگەر ئىمام بۇخارى ياكى ئىمام مۇسلىم تىلغا ئېلىنسا ئەسكە ئېلىش قابىلىيتى، ئىلمى مېتودلىرى ۋايىغا يەتكەن كىشىلەر ئېسىمزگە كىلىدۇ. ئەمما ئىمام غازالى تىلغا ئېلىنسۇن بىر ئەمەس بىر قانچە خىل ئىلىم، بىر ئەمەس بىر قانچە كىشىنى خىيال قىلىمىز. ئىمام غازالى فىقھىشۇناس ھالەتتە، ئىمام غازالى سوتسيولوگ، ئىمام غازالى پىسخولوگ، ئىمام غازالى پەيلاسوپ، ئىمام غازالى پەلسەپىنى يىقىتقۇچى، ئىمام غازالى ئىستىتىكا ئالىمى، ئىمام غازالى ئەھلى سۈننەت پىشىۋاسى قاتارلىق مانا مۇشۇنداق بىر قانچە كىشىنى ئەسكە ئالىمىز». ئۆمرىنىڭ ئاخىرلىرىدا يازغان كىتاپلىرىدىن «ئىجامۇلئەۋام ئەن ئىلمىلكالام ( ئاۋامنى ئىلمى كالامدىن توسۇش)» ۋە باشقىلىرى بار. ئۇنىڭ «مىئيارۇلئىلىم(ئىلىم مىزانى)» ناملىق ئەسىرىمدىمۇ بىلىش نەزىرىيەسى ( ئېپىستىمولىگىيە) ۋە شەك ئىلمى مېتودلىرى توغرىسىدا توختالغان .  


ئىمام غازالى ۋە پەلسەپە
بۇرۇن دەپ ئۆتكەندەك ئىمام غازالىنىڭ ئەسرى ئالدىنقىلارنىڭ تەسىرىدە تارىغان يۇنان پەلسەپىسى ۋە ئۇقۇملىرىنىڭ كۈچىنىڭ بارغانسىرى زورىيىپ، پەيلاسوپ ۋە پەلسەپە ھەيۋەتلىك كۆرىنىدىغان، كىشىلەر ئۇلارغا رەددىيە بىرىشتىن ئەيمىنىدىغان بىر ۋاقىت كەلگەن، باشقا باتىل پىرقىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەپكارلىرى ھەدەپ تاراشقا باشلىغان ۋاقىت ئىدى، لېكىن بۇ ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ يولىنىڭ ھەقلىقى ياكى كۈچىنىڭ زورلىقىدىن ئەمەس بەلكى ھەق ئىگىلىرىنىڭ بوشاشقانلىقىدىن ئىدى. مانا مۇشۇنداق ۋەزىيەت، ئەقلى ۋە پىكىر جەھەتتىكى ئاجىزلىشىش دىندا شەك قىلىدىغان، ھەقنىڭ ئورنىغا باتىل ئازغۇننى ئۇلۇغلايدىغان ، ئەخلاقتا چىرىكلىشىش تارايغان سىياسەتتە ئىزتىراپ كۈچەيگەن بىر ھالەتنى شەكىللەندۈرگەنىدى . بۇنىڭ سەۋەبى دەل ئاتالمىش پەيلاسوپلار، باتىنىلار ۋە باشقىلار بار ئىدى، زاھىرىدا بۇلار ئايرىم تۇرغاندەك قىلغىنى بىلەن قىلغان قىلمىشلىرى بىر بىرىگە يىقىن ھەم باشلىنىشلىق ئىدى. پەيلاسوپلار باتىنىيلارغا دىندا سابىت ھەم قەتئى بولغان مەسىلىلەرنى يۇنان پەلسەپىسىگە بويسۇندۇرۇش ئارقىلىق خالىغانچە تەھلىل قىلىدىغان، خالىغانچە شەرھىلەيدىغان بىر بۇزۇق يولنى تەييارلاپ بەرگەن بولسا (بولۇپمۇ ئىخۋانىسسافا ( ساپلىق قېرىنداشلىرى ئويۇشمىسى ))، باتىنىيلار پەلسەپە ۋە پەيلاسوپلاردىن ئۆزىگە ۋە ئۆزىنىڭ باتىل ئەقىدە ئەپكارلىرىغا ياردەمچى ئىزدىگەن. ( بۇنى شەرقشۇناس دوزىمۇ تەكىتلىگەن ۋە ئەللامە قاراداۋى «ئىمام غازالى ماختىغۇچىلىرى ۋە تەنقىتچىلىرى ئارىسىدا » دىگەن كىتابىدا نەقىل ئالغان ).
ئىمام غازالىنىڭ ياشىغان ئەسرى يۇنان مەدەنىيىتى ۋە پەلسەپىسىگە نىسبەتەن خۇددى بىزنىڭ بۇ ئەسرىمىزنىڭ ھازىرقى غەرپ مەدەنىيىتى ۋە پەلسەپىسىگە ئوخشاش ئورۇندا ئىدى . پەلسەپە بولسا ئادەتتىكى كىشىلەر يېقىن كىلەلمەيدىغان ، پەقەت يۇقىرى تەبىقە ياكى يۇقىرى تەلىم كۆرگەن، ئۆزلىرىنى ئەقىل جەھەتتە كامالەتكە يەتكەن بىر تائىپىلا شۇغۇللىنىدىغان بىر ئىلىم سۈپىتىدە ئىدى. بۇرۇن يەھۇدىلار ھەر خىل باتىل قىسسە ۋە ھىكايىلەرنى ( ئىسرائىلىيات) ئىسلامدا تارقىتىپ مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ۋە مۇسۇلمان ئەقلىگە تەسىر كۆرسىتەشكە ئانچە مۇۋەپپەق بولالمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ يۇنان پەلسەپىسى بىر قەدەر تەسىردە بولالىدى . «چۈنكى پەلسەپىنىڭ تەسىرىدە بىر قىسىم كىشلەرنىڭ تەپەككۈرىدە ئۆزگىرىش بولۇپ ئۆزىنى ۋە ئەقلىنى ھەممىدىن ئۈستۈن كۆرىدىغان، دىن ئەھكاملىرىدىن يۇقىرى تۇتىدىغان بولۇپ ئوتتۇرغا چىقتى، بۇلارنىڭ ئاساسى ئۆزى ناھايىتى ھەيۋەتلىك ۋە مۇقەددەس دەپ قارىغان سوقرات، ئەفلاتون، ئارستو دەپ ئىسىملار ئىدى...» ( ئىمام غازالى - تەھافۇت ).
خۇددى ئەللامە ئەل نەدەۋى ئېيتقاندەك : ئىسلام ئالىمى بەشىنجى ئەسىرىدە پەيلاسوپلار ۋە باتىنىلار تەرىپىدىن ئاجىزلاشتۇرۇلغان، پىكىر جەھەتتە قالايمىغانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان ، شۇ ئارقىلىق ئىسلامنى ئەقىدىدە دەھرىلىككە، ئەخلاقتا پەسلىشىشكە، سىياسەتتە ئىزتىراپقا باشلىماقتا ئىدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇخىل بۇزغۇنچىلىقنى تۈزەيدىغان، ئىسلام ئەقىدىسى ۋە روھىنى ئۆزىنىڭ ئەسلى مۇناسىپ ئورنىغا قايتۇرىدىغان بىر كىشىگە مۇھتاج ئىدى، بۇ كىشى ئېتىقاتتا پاك ۋە مەزمۇت، ئەسلى مەنبەسىگە تايىنىدىغان، ئەخلاقتا تۈزۈك، باتىللارنى بازاردىن قالدۇرغۇدەك ، ئەقىل بىلەن نەقىل ( قۇرئان ھەدىس) نى تەڭ ئىگىلىگەن ، باتىللار ئالدىدا ئەقىدىسى تەۋرىمەيدىغان، باتىل بىلەن تەڭ مۇنازىرىدە بولاليدىغان، زىھنى ئوچۇق، پىكرى ئۆتكۈر، ھەق يولىدا ئىخلاسمەن ، كۈچى بار كىشى بولىشى كېرەك ئىدى، مانا مۇشۇنداق جىددى ۋاقىتتا ئاللاھ تائالا تەرىپدىن ئىسلام ئالىمى ئىمام غازالىدەك بىر شەخسكە ئىگە بولدى«.
ئىمام غازالى پەلسەپىنى تەتقىق قىلشقا كىرىشىپ ئەلفارابى ۋە ئىبنى سىنالارنىڭ يازمىلرىنى ۋە باشقىلارنىڭ كىتاپلىرىنى ئوقۇپ چىققان ، ئاندىن »مەقاسىد ئەلفەلاسىفە ( پەيلاسوپلارنىڭ غايىلىرى)« دىگەن كىتابىنى يازغان، بۇ كىتاپ ئىككىنجى بىر كىتابى، پەيلاسوپلارغا رەسمى مۇش ئاتقان كىتابى »تەھافۇت ئەلفەلاسىفە ( پەيلاسوپلارنىڭ غولىشى)« دىگەن كىتابىغا باشلانما ئىدى . بۇ كىتاپتا ئىمام غازالى پەلسەپە، پەلسەپىۋى ئۇقۇملار ۋە پەيلاسوپلار توغرىسىدا ئەتراپلىق توختالغان بولۇپ، شاگىرتلىرىدىن بىرى ھەتتا ئىمام غازالى بۇ كىتاپتا پەلسپىۋى ئۇقۇملارنى پەيلاسوپلارنىڭ ئۆزىدىنمۇ بەك ئەتراپلىق شەرھىلىگەن، چۈنكى ئەلفارابى ۋە ئىبنى سىنالار يۇنان پەلسەپىسىنى ئوبدان تەكشۈرۇپ توغرا خاتاسىنى ئايرىمايلا قارغۇلارچە شەرھىلىگەن، ئىمام غازالى بولسا ھەقىقى تۈردە تەتقىق قىلغان» دىگەن ، يەنە بىر شاگىرتى ئەبۇ بەكر « ئۇستازىمىز پەلسەپىنى پۈتۈنلەي يۈتىۋەتتى، كېيىن قۇسۇپ چىقىراي دىۋىدى قېينىلىپ قالدى ( يەنە پەلسەپىنى ئىنچىكە ھەم ئەتراپلىق تەتقتق قىلىپ چۈشەنگەن، لېكىن ئۆزىمۇ بەزى تەسىرىدىن قۇتىلالمىغان). »
ئىمام غازالى غايىسىنىڭ پەلسەپىنى ئۆرۈش ئىكەنلىكىنى ھەققىدە بۇ كىتاپتا «پەلسەپىنى تەنقىت قىلىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ ھەقىقىتىنى بايان قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىغا » ئىشارەت بەرگەن . ئىمام غازالى بۇ كىتابىدا ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىدە ئىلمى ئۇسلۇپ يولىنى تۇتقان . بىتەرەپ ھالدا شەرھىلىگەن. ھۇجۇمىنى بولسا «تەھافۇت»تا باشلىغان. بۇ كىتاپتىن كېيىن بەزىلەر پەلسەپە ئىمام غازالىنىڭ ھۇجۇمىدىن كېيىن ئەسلىگە كىلەلىگىنى يوق دەپمۇ قويىدۇ ، ئىمام ئىبنى رۇشد بۇنىڭغا قارشى «تاھافۇتىل تەھافۇت» كىتابىنى يازغان بولسىمۇ .
دىمەك ئىمام غازالى ھۇجۇمنى قارغۇلارچە باشلىماستىن بەلكى ھەقىقى تەتقىق قىلىپ ، ئىچ تېشى سىرىنى ئىگىلەپ بولۇپ ئاندىن قىلغان . ئۆزىمۇ «ئەلمقۇنقىز»دا «بىر ئىلىمنىڭ توغرا خاتالىقىىنى شۇ ئىلىمنىڭ ھەقىقتى ۋە ئۈجۈر بۇجۇرىنى بىلمىگەن ئادەم بلىلەلمەيدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ ئىلىم ساھەسىدە ئەڭ بىلىمدار بولىشى كېرەك» دەيدۇ .
لېكىن ئىمام غازالى پەلسەپىنىڭ ھەممىسىگە ھۇجۇم قىلمغان، ئۆز ۋاقتىدا پەلسەپە مىتافىزىكدىن باشقا يەنە ھازىر مۇستەقىل ئىلىم بولۇپ شەكىللەنگەن ماتىماتىكا ۋە باشقا تۈرلىرى، تەبىئەت ۋە فىزىكا ، سىياسەت ۋە ئەخلاقنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى . ئىمام غازالى مۇشۇلاردىن ئەڭ خەتەرلىكى ۋە ئازغۇنى بولغان مىتافىزىكا پەلسەپىسىگە ھۇجۇمىنى مەركەزلەشتۈرگەن . بۇلارنىڭ ئىچىدىنمۇ ياراتقۇچىنى ئىنكار قىلىدىغان دەھرىلەرگە كۆڭۈل بۆلمىگەن، چۈنكى بۇلار كاپىر بولغانلىقتەن بۇلارغا رەددىيە بېرىش ئارتۇقچە، ئىمامنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى ئىلاھنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىرىدۇر ( بۇلار ھەر خىل بولۇپ، ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇنى ئاتىشى ئوخشاشمايدۇ، بەزىلىرى ۋاجىپ ئەلۋۇجۇت، بىرىنجى سەۋەپ، بىرىنجى ئەقىل، ئۈستۈن ئەقىل دىگەندەك شەرىئەتكە خىلاپلىرى، بۇلار يەنە يۇنان پەلسەپىسىنى ئاساس ، شەرىئەتنى ئىككىنجى ئورۇندا قويۇپ پەلسەپە بىلەن شەرھىلىگەنلار، ئىبنى رۇشد، ئىبنى سىنا، ئەلفارابى ۋە باشقىلار ). ئەلمىنقىزدا ئىمام بۇلارنى ئۈچكە بۆلگەن 1 - كاپىرلققا چىقىرىلىدىغانلار 2- بىدئەتلىككە چىقىرىلىدىغانلار 3 - پەقەت ئىنكار قىلىنمايدىغانلار يەنە شۇ كىتاپتا پەلسەپە ئىلىملىرىنى ( شۇ دەۋىردىكى ) بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ :
1- ماتىماتىكا تۈرىگە كىرىدىغان ئىلىملىرى : ھىساپ، ئالگىبرا، گىئومىترىيە قاتارلىق دىنغا كىرمەيدىغان بەلكى ئىسپاتقا تايىنىدىغان ئىلىملەر.
2 - لوگىكا دائىرىسىگە كىرىدىغان ئىلىملەر.
3 - تەبى پەنلەر : بىئولىگىيە، زوئولىگىيە،گىئولوگىيە ۋە باشقىلىرى
4 - ئىلاھىيات ، دىنغا ئالاقىسى بار ئىلىملەر
5 - ئەخلاق ئىلىملىرى
6 - سىياسى ئىلىملەر
ئىمام غازالى 4 .تۈردىكى ئىلىم (ئىلاھىيات) بىلەن شۇغۇللىنىدىغان پەيلاسوپلارنىڭ بەھس قىلغان ئاساسلىق مەسىلىلىرىدىن يىگىرمىنى يىغىپ، ئۇلارنى 3 تە كاپىرلىققا، قالغان 17 دە بىدئەتلىككە ھۆكۈم قىلغان. بۇ 20 مەسىلىنىڭ باتىللىقىنى ئىسپاتلاش «تەھافۇت» ئاساسلىق كىتابىنىڭ مەزمۇنىدۇر. بۇ 3 مەسىلە بولسا : پەيلاسوپلارنىڭ 1 -ئاخىرەتتە مەھشەردە يىغىلىدىغىنى پەقەت روھلا، جەسەت بىرگە ئەمەس، ئازاپمۇ روھقىلا بولىدۇ، جەسەتكە كەلمەيدۇ دىگىنى، بۇ جەھەتتىن شەرىئەتكە قارشىدۇر. 2 - ياراتقۇچىنىڭ ( ئاللاھنىڭ ) يۈز بېرىدىغان ئىشلانى ئومۇمى جەھەتتىنلا بلىپ ، تەپسىلاتىنى بىلمەيدىغانلىقى ، بۇمۇ كۇپۇردۇر، قۇرئاندا كەلگەندەك جانابى ئاللاھ ئاسمان زېمىندىكى زەررىچە چاغلىق نەرسىنىمۇ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. 3 - ئالەمنىڭ يارىتىلغان ئەمەس بەلكى ئەزەلدىن بارلىقى دىگەندىن ئىبارەت 3 مەسىلىسى .
ئىمام غازالىنىڭ بۇ ئىشى يەنى پەلسەپىگە ھۇجۇمى ئۆزىنىڭ يېڭى نەزەرىيەسىنى ئورنىغا دەسسىتىش ئۈچۈن بولماستىن ياكى ئەقىلنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىش بولماستىن بەلكى دىننىڭ ئەسلى ئىكەنلىكى، ئەقىلنىڭ ئۇنىڭغا ئەگىشىدىغانلىقى، دىن بىلەن ئەقىلنىڭ زىت ئەمەسلىىكىنى ،دىن ( ۋەھي)سىىز ئەقىلنىڭ ئېزىپ كىتىدىغانلىقىنى بايان قىلىش ئىدى . بەلكى ئىمام غازالى ئەقىلنىمۇ قارىغۇلارچە تەقلىتتىن چىقىرىپ ۋەھيى نۇرىدا يۇقىرىغا ئۆرلەشكە چاقىرىدۇ.
ئىمام غازالىنىڭ ۋاپاتى ھىجرىنىڭ 505. يىلى (مىلادى 1111) بولۇپ، 55 ياش ئەتراپىدا ئىدى، ۋاپات بولغاندا كىشلەر مەيدىسىگە ھەدىس كىتابى قوياقلىق ھالدا كۆرگەن . قالدۇرۇپ كەتكەن ئەسەرلىرى 450 پارچىدىن ئاشىدۇ، نۇرغۇنلىرى تەھقىقلىنىپ نەشىر قىلىنغان، بەزىلىرى قوليازما سۈپىتىدە ساقلانماقتا، يۈتۈپ كەتكەنلىرىمۇ بار.

باشقلارنىڭ ئۇ توغرىسىدىكى سۆزلىرى
ھازىرقى زامان ئۆلىمالىرىدىن ئەزھەردىن ئىمام ئەلمەراغي : «ئىمام غازالى بىر كىشىدە جەم بولغان بىر نەچچە كىشىدىن ئىبارەت »دەيدۇ. ئەبۇل ھەسەن ئەل نەدەۋى :«ئىمام غازالى ئۆز دەۋرىدىكى ئەڭ تالانتلىق، ئىسلاھاتچى ئۆلىما ئىدى». ئىمام ئەلمەۋدۇدى بولسا ئىمام غازالىنى دىن گۈللەندۈرگۈچى ئۆلىمالار قاتارىدىن سانايدۇ . دوكتور ئەھمەد فۇئاد :«ئىمام غازالى ئىسلام خۇيقۇرغۇسىنىڭ باشلىغۇچىسى » دەيدۇ. دوكتۇر زەكى نەجىپ بولسا « ئىمام غازالى يىتۈك مۇتەپەككۈر » دەپ ئاخىرىدا ئۇنىڭ ھاياتىنى «مەن تەپەككۈر قىلىمەن، ئۇنداقتا مەن ئىنسان » دىگەن ئىبارىگە يىغىنچاقلايدۇ.
ئىمام غازالى بىلەن دەۋىرداش ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكىلەردىن : ئىمام غازالىنىڭ ئۇستازى ئىمام جۇۋەينى:«ئەلغازالى مول ھوسۇللۇق بىر دېڭىز» دىگەن . ئىمام غازالىنىڭ شاگىرتلىرىدىن مۇھەممەد ئىبنى يەھيا :«غازالى ئىككىنجى شافىئى » دەپ باھا بەرگەن . دەۋىردىشى : ئەبۇلھەسەن ئابدۇلقادىر ئەلفارىسى :«ئىمام غازالى ھۆججەتۇلئىسلام ، موللىلارنىڭ پىشىۋاسى، زامانىسىدا ئۇنىڭدەك بىرسى چىقىپ باقمىغان» دەپ تەرىپلەيدۇ.
شەرقشۇناسلاردىن رىنان ۋە گىرمان پەيلاسوپ مونخ « غازالىغا بولغان قارىشىمىز ئۇنىڭ غەرپ پەلسەپىسى تارىخىدا ئۈستۈن ئورۇن تۇتقان ئىنكار قىلىش جۈرئىتى ۋە تەجرىبە ئارقىلىق شەك قىلىشىغا قۇرۇلغان ». فىرانسىيەلىك كارادىۋۇ « غازالى كانتتىن بۇرۇن ئەقىلنىڭ ئاجىز ئىكەنلىكىگ نەزىرىيەسىنى ئوتتۇرغا قويغان، كىتابى تەھافۇت بولسا ئەقىلنىڭ قىيمىتىنى ئۆلچەشتە يېزىلغان ئەڭ نادىر ئېىسل كىتاپ دەيدۇ » دەيدۇ.
   كامالەت ئاللاھقىلا خاستۇر، ئىنسان ھامىنى ئىنسان، «ھەرقانداق ئاتنىڭ مۈدۈرلىشى بار، ھەر قانداق ئالىمنىڭ خاتالىقى » دىگەندەك ئىمام غازالىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس، بۇرۇنقى ۋە ھازىرقىلارنىڭ ئىچىدىمۇ ئىمام غازالىنى پەلسەپە ياكى سوپىزم سەۋەبىدىن يامان كۆرىدىغانلارمۇ يوق ئەمەس، لېكىن بۇ ئىمام غازالىغا بىر شەرەپتۇر، ئەگەر بىر كىشنىڭ ماختىغۇچىلىرىلا بار بولۇپ، تەنقىدچىلىرى بولمىسا ئىدى ئۇنىڭ شانى شەرىپى تېخمۇ كۆتۈرۈلمەس، قەدرى تېخىمۇ بىلىنمەس ئىدى .

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 2

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 692 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01