دۇنياۋى چۆچەكلەر توپلىمى-مىڭ بىر كېچە

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 1 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

  دۇنياۋى چۆچەكلەر توپلىمى-مىڭ بىر كېچە

 

  «مىڭ بىر كېچە» نىڭ يەنە بىر نامى «ئەلف لەيلە ۋە لەيلە»، ئۇ ئوتتۇرا ئەسىر مەزگىلىدىكى ئەرەب ئەدەبىياتىدىكى كۆلىمى زور خەلق چۆچەكلىرى توپلىمى. ئۇنى كىشىلەر دۇنيا ئەدەبىيات تارىخىدىكى «ئەڭ سەلتەنەتلىك ئابىدە» دەپ ئاتايدۇ. مىڭ بىر كېچە تەخمىنەن 11-12-ئەسىردە بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ 16-ئەسىرگە كەلگەندىلا ئاندىن رەتلىنىپ كىتاپ بولغان. مىڭ بىر كېچە چۆچەكلىرىدە كۆپرەك تىلغا ئېلىنىدىغان دەجلە دەرياسى، باغداد شەھرى، خەلىپە ھارۇن رەشىد قاتارلىقلار ھەقىقى بار شەخس ۋە جايلار بولسىمۇ بىراق كۆپىنچىسى قەدىمدىن قالغان ھىكايىلەر بىلەن ھەتتا مىلادىدىن بۇرۇنقى ھىندىستان ھىكايىلىرى بىلەن ئارىلاشتۇۋېتىلگەن.

     «مىڭ بىر كېچە» نىڭ كىتاب نامى بۇ چۆچەكلەر توپلىمىنىڭ بىرىنچى چۆچىكىدىن چىقىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، قەدىمدە شەھرىيار ئىسىملىك پادىشاھ ئۆتكەنىكەن، ئۇ ئوۋ ئوۋلاشقا بەك ئامراق ئىكەن، لېكىن ئۇ ھەرقېتىم ئوۋغا چىقىپ كەتكەندە خانىشى كېنىزەكلىرى بىلەن باغقا چىقىپ قۇللار بىلەن شاراب ئىچىشىپ، ئەيش - ئىشرەت قىلىشىدىكەن. پادىشاھ خانىشنىڭ بىر قۇل بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ قېلىپ، غەزەپتە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ ھەر كۈنى بىر قىزنى ئالىدىكەن، ئەتىسى تاڭ سەھەردە ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىدىكەن. پۇقرالار قىزلىرىنى ئېلىپ ھەر تەرەپكە قېچىپ كېتىشكە باشلاپتۇ. ۋەزىرنىڭ قىزى شەھرىزاد خەلقنى بۇ ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، ئۆز ئىختىيارى بىلەن پادىشاھقا تېگىپتۇ. ئۇ تۇنجى كېچىسىدىن باشلاپ پادىشاھقا قىزىق چۆچەكلەرنى ئېيتىپ بېرىپتۇ، چۆچەك ئەڭ تەسىرلىك يېرىگە كەلگەندە، تاڭ ئېتىپ قالىدىكەن. شەھرىزاد قەستەن چۆچەكنى توختىتىۋېلىپ، پادىشاھنى ئۇنى ئاڭلاشقا قىزىقتۇرىدىكەن. پادىشاھ چۆچەك ئاڭلاشنى بولدى قىلاي دېسە، كۆڭلى ئۇنىمايدىكەن، شەھرىزادنى ئۆلتۈرەي دېسە، تېخى چىدىمايدىكەن، شۇنىڭ بىلەن كۈنلەر كەينى - كەينىدىن ئۆتۈۋېرىپتۇ. شەھرىزاد ئۇدا بىر مىڭ بىر كېچە چۆچەك ئېيتىپتۇ، پادىشاھ شەھرىزادنىڭ ھىكايىلىرىنى ئاڭلاش جەريانىدا نۇرغۇن ئىشلارنى ھىس قىلىدىكەن، ھەممىلا ئايالنىڭ ئوخشاش بولمايدىغانلىقىنى، دۇنيادا تۈرلۈك ئىنسانلارنىڭ بولىدىغانلىقىنى ھىس قىلىدىكەن، ھىكايە ئۇدا مىڭ بىر كېچە داۋاملاشقاندا شەھرىزادمۇ ئاللىبۇرۇن پادىشاھتىن بالىلىق بولىدىكەن، پادىشاھمۇ تەسىرلىنىپ، بۇرۇنقى بىمەنە ۋە رەھىمسىزلەرچە چىقارغان قارارىنى بىكار قىلىدىكەن. كىتابنىڭ نامى مانا شۇنىڭدىن كەلگەن شۇنداقلا بۇ نام، كىتابتىكى رەڭگا رەڭ ۋە بىر-بىرىگە پۈتۈنلەي مۇناسىۋەتسىز چۆچەكلەرنى بىر - بىرىگە باغلايدىغان بىر يىپ.
     «مىڭ بىر كېچە» دۇنياغا ئىنتايىن كەڭ تارقالغان. ئۇ خەلقنىڭ ئىدىيىۋى ھېسسىياتىنى، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى، تەبىئىي شەرت - شارائىتى، ئۆرپ - ئادەتلىرىنى ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈملىرىنى ئوخشىمىغان دەۋر، ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. ئۇنىڭ تېمىسى ناھايىتى كەڭ، نىكاھ، مۇھەببەت، دېڭىز سەپىرى، تەۋەككۈلچىلىك، سودا، دىن، ئەخلاقتىن تارتىپ تەربىيە - ساۋاق قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ھېكايىلەر تەسۋىرلەنگەن. پېرسوناژلىرى ئىچىدە خان، پادىشاھ، ۋەزىر - ۋۇزرالاردىن تارتىپ، قۇل، قەلەندەرلەر، پەرىشتە، ئەرۋاھ، دىۋىلەر، شۇنىڭدەك ھەر خىل دىنىي مەزھەپلەر، ھەر ساھە - ھەر كەسىپتىكىلەرگىچە ھەممىسى بار. شەكلى كۆپ خىل ھېكمەتلىك سۆزلەر، ماقال - تەمسىل، مەسەل، چۆچەك، ئەپسانە، رىۋايەتلەر بار. «مىڭ بىر كېچە» نىڭ ئاساسلىق نەتىجىسى شۇكى، ئۇنىڭدا كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئارزۇ - ئىستىكى ۋە ئۇلارنىڭ مۇھەببەت - نەپرەت ھېسسىياتى، شۇنىڭدەك، ساددا، ئاق كۆڭۈل پەزىلىتى تەسىرلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئەسەر دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەل ئەدەبىياتىغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەن. ئىتالىيىلىك بوككاچچىئو، ئەنگلىيىلىك شېكېسپېر، ئىسپانىيىلىك سېرۋانتىس قاتارلىق ئاتاقلىق يازغۇچىلارمۇ بۇ بۈيۈك ئەسەردىن پايدىلىق نەرسىلەرنى قوبۇل قىلغان.
   ئالاۋىدىن ۋە سېھىرلىك چىراغ، دېڭىز سەرگەردانى سىندىبات قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دەل مىڭبىر كېچە تەرىپىدىن بارلىققا كالتۈرۈلگەن ئوبرازلاردۇر.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 537 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01