خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق
چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەشئادەم بەدىنىگە دائىر سانلىق قىممەتلەر
ئادەمنىڭ ھەر كۈنى تەخىمىنەن 45 تال ، كۆپ بولغاندا 60 تال ، ئۆمۈر بويى 1 مىليون 500 مىڭ تال چېچى چۈشىدۇ .
ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسىدە 10 مىليارد نېرۋا ھۈجەيرىسى بولىدۇ، ئادەم بەدىنىدىكى ھەر قانداق بىر ياشقا ئەزا ھۈجەيرىلىرىنىڭ زىچلىق دەرىجىسى چوڭ مېڭىنىڭكىگە يەتمەيدۇ . ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسى ھەر كۈنى 86 مىليۇن ئۇچۇرنى خاتىرلەيدۇ .
ئەگەر چوڭ مېڭىنىڭ كونىنى چىقىرىۋىېتىپ يېڭىنى ئالماشتۇرۇشنى ئېنرگىيگە ئايلاندۇرغىلى بولسا ، ئۇنىڭدىن پەيدا بولغان ئېنىرگىيە بىلەن 20 ۋاتلىق ئېلېكتېر لامپىسى ياندۇرغىلى بولىدۇ.
يۇتقۇنچاق ئادەم بەدىنىدىكى ئەڭ ئالدىراش ئەزا بولۇپ ، ئادەم ئۆمىرىدە ئۇنىڭدىن 40 توننا يېمەكلىك ، 380 مىڭ كۇب مېتىر ھاۋا ئۆتكۈزۈشكە مۇھتاج بولىدۇ.
ئادەم قاتتىق چۈشكۈرگەندە ، شۆلگەي دانچىلىرى سائىتىگە 103.6 ئېنگىلىز لى تېزلىك بىلەن ئېغىزدىن ئېتىلىپ چىقىدۇ.
ئادەم قاراڭغۇلۇقتا تۇرغاندا كۆزنىڭ نۇرغا بولغان سېزىمچانلىقى بىر مىنۇتتىن كېيىن 6000 ھەسسە ، 40 مىنۇتتىن كېيىن 25 مىڭ ھەسسە ئاشىدۇ.
ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسىدە سېكۇنىتىغا ئوخشمايدىغان 100 مىڭ خىل خىمىيلىك رىئاكسىيە يۈز بېرىدۇ.
مەنبە : شىنجاڭ مائارىپ ژورنلىدىن
ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش
سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0
>