ئىسپانىيە پادىشاھلىقىنىڭ بارىقى ۋە گىرىبى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

ئىسپانىيە پادىشاھلىقى

قىزىل ۋە سېرىق رەڭ  ئىسپانىيە خەلقى ياختۇرىدىغان ئەنئەنىۋى رەڭ بولۇپ ،ئۇلار خەلقنىڭ ۋەتەنگە بولغان سادىق يۈرىگىنىڭ سىمۋولىدۇر .1785  -يىلدىن بۇيان، بۇ ئىككى ئىككى خىل رەڭ ئىسپانىيىنى بىلدۈرىدىغان رەڭ بولۇپ ،ئايرىم ئايرىم ھالدا ئىسپانىيىنى بارلىققا كەلتۈرگەن  كاستىلىيە ،لېئون،ئاراگونۋە ناۋارادىن  ئىبارەت  تۆت قەدىمقى  پادىشاھلىقنى بىلدۈرىدۇ .ئىسپانىيە دۆلەت بايرىغى «قان ۋەئالتۇن» دەپمۇ ئاتالغان ، رىۋايەت قىلىنىشىچە ، ئۇنىڭ رەڭگى جەڭدە يارلانغان پادىشاھ گېئوتېنىڭ قېنىغا بويالغان ئالتۇن قالقاندىن كەلگەنىكەن .1938-يىلى ئىسپانىيە بۇ بايراقنى تۈزگەندە بايراقنىڭ سول يېنىغا  سان جون تۇتۇپ تۇرغان نۇرلۇق قالقانسىمان بەلگە سىزىلغان .1981-يىلى ئىسپانىيە ئىلگىركى بەلگىنىڭ ئورنىغا دۆلەت گېربىدىكى سۈرەتنى كىرگۈزۈشنى قارار قىلغان
   .دۆلەت گېربىدە  تېگى قىزىل ئۈستى سېرىق قەلئە بىلەن تېگى ئاق ئۈستىدە قىزىل شىر  ئايرىم ئايرىم ھالدا كاستىلىيە بىلەن لېئون پادىشالىغىنى بىلدۈرگەن ، تىك تارتىلغان قىزىل بىلەن ۋە سېرىق سىزىق  ئاراگون پادىشالىغىغا ۋەكىللىك قىلىندىغان رەڭنى ،قىزىل زىمىندىكى ئالتۇن زەنجىر بىلەن تورلاشتۇرۇلغان كىرېست  ناھارا پادىشالىغىنى بىلدۈرگەن . قالقاننىڭ ئاستىدىكى  پادىشالىقنىڭ بەلگىىسى -قىزىل ئانار ، ئىسپانىيە خەلقى ئۇنى بەخت-سائادەت ۋە خەيرلىكنىڭ سىمۋولى دەپ قارايدۇ .
    ئىككى ھايگېرس تۈۋرۈگى  گېربنىڭ ئىككى يېنىدا  گويا دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىگىنى ئۆزىنىڭ ھىمايە ئاستىغا ئالغاندەك ھەيۋەتلىك ھالدا تىك تۇرغان .ھايگېرس رىمدىكى بىر باش روھانىنىڭ ئوغلى بولۇپ ،چەكسىز كۈچلۈك ئىكەن ،،بۇ تۈۋرۈك ئىلاھىي تۈۋرىكى دەپمۇ ئاتىلىدىكەن ؛سول تەرەپتىكى تۈۋرۈكنىڭ  ئۈستىگە بىر خان تاجىسى ،ئوڭ تەرەپتىكى تۈۋرۈكىنىڭ ئۈستىگە بىر  ئمپىراتۇر  تاجىسى سىزىلغان بولۇپ ،ئۇلار ئايرىم ھالدا  ئىسپانىيە بوغۇزىدىكى جەبىلتارىق بوغۇزى بىلەن لېئون ئارىلىنى قوغداۋاتقان ئىككى تۈۋرۈك تاشنى بىلدۈرگەن . تۈۋرۈككە يۆگەكلىك قىزىل لېنتىغا «دېڭىز سىرتىدا يەنە چوڭ قۇرۇقلۇق بار »دىگەن خەت يېزىلغان ؛بىراق يېڭى چوڭ قۇرۇقلۇق بايقىلىشتىن بۇرۇن ، بۇ لېنتىغا :«دېڭىز سىرتىدا ئەمدى چوڭ قۇرۇقلۇق يوق»دىگەن خەت يېزىلغان ئىكەن.

[qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-28 17:33:41][qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-28 17:33:51]
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 417 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01