ئاقساراي

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

ئاقساراي

 

    ئاق ساراي - ئېلىسى، كىرېمىل، بوككىنھامغا ئوخشاشلا دۇنيادىكى كۆپ تىلغا ئېلىنىدىغان ھۆكۈمەت سىمىۋوللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئادەتتە ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ تۇرار جايى بولغانلىقتىن ئاق ساراي دىگەن سۆز ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سىمىۋوللۇق سۆزىگە ئايلانغان.
   ئاق ساراي 1792-يىلى سېلىنغان بولۇپ 1800-يىلىدىن بۇيان ئامېرىكا زۇڭتۇڭلىرىنىڭ قەسىرى بولۇپ كەلگەن، 1902-يىلى ئامېرىكا پىرىزدېنتى روزۋېلت ئاق ساراي دىگەن نامنى تۇنجى بولۇپ ئىشلەتكەندىن بۇيان بۇ سۆز بارا بارا ئۇمۇملاشقان. ياۋروپادىكى باشقا زۇڭتۇڭ قەسىرلىرىنىڭ ئەكسىچە ئاق ساراي ئىككى ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان كۈتىۋالغان قىرىقتىن كۆپرەك زۇڭتۇڭنىڭ رايى بويىچە كۆپ قېتىم قايتا بېزەلدى. ئاق ساراينىڭ چوڭ دەرۋازىسىدىن دۆلەت بىناسى(State Floor)غا كىرگەندىن كېيىن غەرپتىن شەرققە دۆلەت ئارامخانىسى،قىزىل دالان، كۆك دالان، يېشىل دالان ۋە شەرقى دالان قاتارلىق 5مۇھىم پائالىيەتخانا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، شەرقى دالان ئادەتتە 300دىن كۆپ مېھمان چاقىرىلغان كۈتىۋېلىش پائالىيىتى، ئۇسۇل كېچىلىكى، چەتئەل رەھبەرلىرىنى كۈتىۋېلىش زىياپىتى، زۇڭتۇڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تويى ۋە باشقا چوڭراق خاتىرلەش پائالىيەتلىرىگە ئىشلىتىلىدۇ شەرقى دالان يەنە تارىختىن بۇيان يەتتە زۇڭتۇڭنىڭ جەسىدى ساقلانغانلىقىدەك مۇھىم پائالىيەتلەرنىڭ شاھىدى بولغاندىن باشقا دالانلارنىڭ ھەممىسى زۇڭتۇڭنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قالدۇرۇپ قويۇلغان.
   ئادەتتە زۇڭتۇڭنىڭ ئىش بېجىرىش ئورنى ھىساپلىنىدىغان  ئاق ساراينىڭ ئۆگزىسىدىكى يۇمىلاق ئىشخانا كۆپ ھاللاردا دۇنيانىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك قارارلارنىڭ چىقىرىلىدىغان ئورنى بولۇپ قالغاچقا «يۇمىلاق ئىشخانا پالانى ئىشنى رەت قىلدى ياكى قارا قىلدى دىيىش ئارقىلىق زۇڭتۇڭ ئىشخانىسىنىڭ پائالىيىتىنى خەۋەر قىلىش ئادەتكە ئايلانغان. ئىشخانىنىڭ ئۇدۇلىدىكى مەخسۇس زۇڭتۇڭغا خاس بولغان زۇڭتۇڭ گۈللۈكىمۇ تارىختىن بۇيانقى زۇڭتۇڭلارنىڭ ياقتۇرىدىغان گۈللىرىنىڭ ئوىشىماسلىقىغا ئاساسەن ئۆزگىرىپ تۇرغان.
   يېقىندا ئامېرىكا پارلامېنتى ئاق ساراي ئۈچۈن ئۈچ يۈزمىلىيۇن دوللار خەجلەپ يەر ئاستى پويىز سېستىمىسى، ماشىنا توختىتىش مەيدانى ۋە ساراي بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئەسلىھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەر ئاستى ئەسلىھەلەرنى قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرماقچى بولدى. قىسقىسى بىخەتەرلىك ۋە ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارى جەھەتتە دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئاق ساراينىڭ ئورنى بۇ قۇرۇلۇشتىن كېيىن يەنىمۇ مۇستەھكەملىنىشتە گەپ يوق.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 513 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01