بۇككىنھام ئوردىسى
بۇككىنھام (Buckingham)ئوردىسى خۇددى ئېلىسى سارىيى فرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سىمىۋولى بولغاندەك، ئەنگىلىيە پادىشاھىنىڭ سىمىۋولى شۇنداقلا ئەنگىلىيەنىڭ 1837-يىلى ئايال پادىشاھ ۋىكتورىيە تەختتە ئولتۇرغاندىن بۇيان ئەنگىلىيە ئوردىسى بولۇپ كېلىۋاتقان داڭلىق قۇرۇلۇش بولۇپ 1703-يىلى كېنەز بۇككىنھام تەرىپىدىن بىنا قىلىنغان.
1761-يىلى گېئورگىIII ساراينى قايتىدىن كېڭەيتىپ سالغاندىن كېيىن ھەشەمەتلىك بۇ تۆت قەۋەت كۈلرەڭ بىنا بارا-بارا ئەنگىلىيەنىڭ قۇرۇلۇش بىناكارلىق ۋە سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ مۇزىيىغا ئايلانغان ۋە كېيىنكى پادىشاھلارنىڭ ھەۋىسىنى قوزغاپ ئاخىرى پادىشاھ ئوردىسى ۋە باش ۋەزىرنىڭ پادىشاھقا خىزمەت دوكلاتى بېرىدىغان مۇھىم سورۇنىغا ئايلانغان.
ۋىكتورىيە دەۋرىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان قائىدە بويىچە بۇككىنھام ئوردىسىنىڭ ئۆگزىسىدە پادىشاھ بايرىقى بولسا پادىشاھنىڭ ئوردىدا ئىكەنلىكىنى ، بايراق بولمىسا پادىشاھنىڭ ئوردىدا ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئوردا ئىچىدىكى مۇراسىم زالى، مۇزىكا زالى، كۆڭۈل ئېچىش زالى، رەسىم كۆرگەزمىخانىسى قاتارلىق 600نەچچە ئېغىز ھەشەمەتلىك ئۆيدىن باشقا پادىشاھ باغچىسى، گۈل تىزىش مەيدانى ۋە ئوردا مەيدانى ئوتتۇرىسىدىكى ئايال غەلىبە ئىلاھىنىڭ ئالتۇن ھەيكىلى ئوردىنىڭ ھەشەمەتىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدىغان تەڭداشسىز گۈزەل مەنزىرە پەيدا قىلغان بولۇپ ھەريىلى 4-ئايدىن 9-ئايغىچە ھەركۈنى بىر قېتىم، باشقا ۋاقىتلاردا ئىككى كۈندە بىر قېتىم گىرنىۋىچ ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن 11يېرىمدىن 12گىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئوردا قاراۋۇللىرىنىڭ پوست ئالمىشىش مۇراسىمى تاماشا كۆرگىلى كەلگەن شەھەر ئاھالىسى ۋە ساياھەتچىلەرگە پادىشاھ ئوردىسىنىڭ سەلتەنەتىنى نامايەن قىلىدىغان ۋە خان جەمەتى بەيگە مەيدانى بىلەن ئايال پادىشاھ گۈزەل سەنئەت كۆرگەزمىخانىسىغا ھەقسىز كىرەلەيدىغان بىر ۋاقىت.
ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش
سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 2
>