ئاتىلار بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

ئاتىلار بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخى

دۇنيادىكى بىرىنجى ئاتىلار بايرىمى ، 1910-يىلى ئامېرىكىدا پەيدا بولغان .

        1909 يىلى ، ئامىرىكىنىڭ ۋاشىنگىتون شىتاتى سىپوكېن (Spokane) شەھىرىدە تۇرۇشلۇق دود خانىم (Mrs. Dodd, Sonora Louise Smart Dodd)چىركاۋنىڭ ئانىلار بايرىمىغا ئويۇشتۇرغان پائالىيىتىدىن قايتىش يولىدا چوڭقۇر تەسىرلىنىپ :"دۇنيادا نېمە ئۈچۈن ئاتىلارنى خاتىرىلەيدىغان بايرام يوقتۇ ؟" دەپ ئويلاپ قالغان .

        دود خانىم 13 ياش ۋاقتىدا ئاپىسى ئالەمدىن ئۆتكەن ، دود خانىمنىڭ ئاتىسى ۋىللىيام.سىمارت ئەپەندىم (Mr. William Smart)ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگىتون شىتاتى شەرقى رايوندىكى بىر يېزىنىڭ دېھقانچىلىق ئورنىدا يالغۇز ئالتە بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىپ قاتارغا قوشقان . سىمارت ئەپەندىم  ئامېرىكا جەنوب-شىمال ئۇرۇشىغا قاتناشقان بولۇپ شەرەپنامىگە ئېرىشكەن ، ئۇ ئايالى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن قايتا ئۇرۇشقا قاتناشماسلىققا ۋەدە قىلىپ ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئالتە بالىنى چوڭ قىلىشقا ئىرادە تىكلىگەن .

        دود خانىم ئۆينىڭ ئىككىنجىسى بولۇپ ، ئۆيدىكى بىردىنبىر قىز بالا . قىزلارغا خاس بولغان ئىنچىكىلىك ، ئەستايىدىللىق ئالاھىدىلىكى ئاتىسىنىڭ قانچىلىك جاپا تارتىۋاتقانلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتكەن . سىمارت ئەپەندىن كۈندۈزى جاپالىق ئىشلەپ ، كەچتە قايتىپ كېلىپ يەنە ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ ، بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ قىلغان . نەچچە ئون يىل جاپالىق ۋاقىتتىن كېيىن ، بالىلارمۇ ئالدى كەينى بولۇپ چوڭ بولغان ، بالىلار ئەمدى ئاتىسىنىڭ كېيىنكى ئۆمرىنى ئارامخۇدا ، راھەت ئىچىدە ئۆتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتقاندا ، سىمارت ئەپەندىن بەدىنى زىيادە چارچاش سەۋەبىدىن تۈگەپ كەتكەن .

        1909 يىلى دەل شۇ سىمارت ئەپەندىمنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەن ۋاقتى . دود خانىم چىركاۋنىڭ پائالىيىتىگە قاتنىشىپ بولغاندىن كېيىن ، ئاتىسىنى قاتتىق سېغىنغان . ئۇ شۇ ۋاقىتتا ئاتىسىنىڭ بالىلارنى تەربىيلەپ بېقىش جەريانىدا قىلغان مېھىر مۇھەببىتى ، تىرىشچانلىقى ھەرگىزمۇ بىرەر ئانىلارنىڭ جاپاسىدىن قېلىشمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتكەن .

        دود خانىم ئۆزىنىڭ ئويىنى چىركاۋدىكى (Rev. Rasmus) راسمۇس ئىسىملىك پوپقا ئېيتقان ، ھەم ئالاھىدە بىر كۈننىڭ بولۇشى ، بۇ كۈندە ئۇلۇغ سىمارت ئەپەندىمگە بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى ، ھەم شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇشۇ ئالاھىدە كۈندە پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇلۇغ ئاتىلارنى مەدھىيلىگىلى بولىدىغانلىقىنى ئۆتۈنگەن .

        راسمۇس پوپ سىمارت ئەپەندىمنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ، سىمارت ئەپەندىمنىڭ روھىدىن ، مېھىر مۇھەببىتىدىن چوڭقۇر تەسىرلەنگەن ، ھەم دود خانىمىڭ "ئاتىلار بايرىمى"دەك بۇ خىل ئويىنى قوللىغان . دود خانىم 1910 يىلى ئەتىيازدا بۇ پائالىيەتنى رەسمى قانات يايدۇرغان . ئۇزاق ئۆتمەي ھەر قايسى چېركاۋلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ، ئۇ ئارقىدىنلا شەھەر باشلىقى ، شىتات باشلىقلىرىغا خەت يېزىپ ئۆزىنىڭ ئويى، كۆز قارىشىنى ئىپادىلىگەن . دودخانىمنىڭ ئۆزلۈكسىز تىرىشچانلىقى ئاستىدا ، سىپوكىن شەھەر باشلىقى ھەم ۋاشىنگىتون شىتات باشلىقى قوللايدىغانلىقىنى ئوچۇق بىلدۈرگەن ، ھەم شۇ يىلىنىڭ 6 ئاينىڭ 19 كۈنى ئامېرىكا ۋاشىنگىتون شىتاتى دۇنيادا تۇنجى بولۇپ ئاتىلار بايرىمىنى ئۆتكۈزگەن .

        1924 يىلى ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى كالۋىن كۇلىج (Calvin Coolidge) ئاتىلار بايرىمىنى قوللاپ ئامېرىكىنىڭ بايرىمى قىلىپ بېكىتكەن ؛ 1966 يىلى ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى لىيندون جونسون(Lyndon Johnson) شۇ يىلىنىڭ 6ئاينىڭ 3-يەكشەنبە كۈنىنى ئاتىلار بايرىمى قىلپ بېكېتكەن . يەنى سىمارت ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئامېرىكىنىڭ دادىلار بايرىمى قىلىپ بېكىتكەن ؛ 1982 يىلى ئامېرىكا پرېزىدېنتى رىچارد نىكسون (Richard Nixon) يازما ھۆججەت چىقىرىپ ، ھەر يېلى 6 ئاينىڭ 3-ھەپتىسىنى ئامېرىكىنىڭ ئاتىلار بايرىمى قىلىپ بېكىتكەن ، ھەمدە ئامېرىكىنىڭ مەڭگۈلۈك بايرىمى قىلىپ بېكىتكەن .

        دۆلىتىمىز تەيۋەن ئۆلكىسىنىڭ ئاتىلار بايرىمىنىڭ كېلىش مەنبەسى ، گومىن ھۆكىمىتى دەۋرىگە بارىدۇ . مىنگونىڭ 34 -يىلىنىڭ 8 ئاينىڭ 8 كۈنى ، شاڭخەيدىكى قىسمەن نامى بار كىشىلەر ئاتىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى تەۋسىيە قىلىشى بىلەنلا ، شەھەر خەلقى قىزغىن ئاۋاز قوشۇپ ، داغدۇغىلىق ھالدا بايرامنى ئۆتكۈزگەن . ياپونغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە قىلغاندىن كېيىن ، شاڭخەيدىكى ھەر قايسى تەبىقىدىكى نامى بار كىشىلەر بىرلىشىپ شاڭخەي ھۆكۈمىتىنىڭ مەركەزگە "بابا--爸爸"دىگەن  سۆزگە ئاھاڭداش قىلىپ 8ئاينىڭ8كۈنىنى (خەنزۇ تىلىدا 8نىڭ ئوقۇلۇشىمۇ "با"شۇڭا 8ئاينىڭ 8 كۈنىنى بابا دەپ ئوقۇيدۇ)دۆلەت نىڭ دادىلار بايرىمى قىلىپ بېكىتكەن .

       

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 295 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01