دۇنيادىكى يەتتە چوڭ مۆجىزە

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

   فوبۇس جورنىلىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا ب د ت پەن-مەدەنىيەت-مائارىپ تەشكىلاتى ۋە ياۋروپادىكى بىر نەچچە ساياھەت تەشكىلاتى بىرلىشىپ بىر پائالىيەت ئۆتكۈزۈپتۇ. دۇنيادىكى يەتتە مۆجىزە دەپ قارىلىۋاتقان يەتتە قۇرۇلۇشقا بېلەت تاشلىنىپ نەتىجىسى تاللانغان نەتىجە بىلەن ئوخشاش بولغانلارغا تۈرلۈك مۇكاپات بار ئىكەن. مىسىر پىرامىدالىرى دۇنيادىكى بىردىنبىر مۇكەممەل ساقلانغان بەشمىڭ يىللىق قۇرۇلۇش بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ قېتىمقى تاللاشقا مۇقەررەر كىرگۈزۈلگەچكە ئاۋاز بېرىشكە قاتناشتۇرۇلماپتۇ.
   ئالدىنقى قېتىم يوللىغان
«دۇنيادىكى ئون قەدىمى پايتەخت» نىڭ داۋامى سۈپىتىدە مەن بۇ يەردە بۇ ئۇلانمىنى بېرىشتىن بۇرۇن ئۆزەم تاللىغان يەتتە مۆجىزىنى سۇندۇم(ئىمكان بار نامزاتلارنىڭ ئىچىدىكى مۇسۇلمانلارغا مۇناسىۋەتلىك قىسمىنى تاللىدىم) كۆپچىلىك بىلەن ئورتاق ھۇزۇرلىنىشنى ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇشنى خالايمەن.

مۆجىزىنىڭ بىرىنچىسى: پاسخا ئارىلىدىكى تاش ھەيكەللەر:

   پاسخا ئارىلى 1722-يىلى گوللاندىيىلىك تەۋەككۈلچى ياكوب روگۋېن Jakob Roggeveen تەرىپىدىن پاسخا بايرىمى كۈنى بايقالغان بولغاچقا مۇشۇنداق ئاتىلىپ قالغان بولۇپ، 1888-يىلىدىن بۇيان چىلىغا قاراشلىق بولۇپ كېلىۋاتقان، ئەمەلىيەتتە بولسا تېنچ ئوكياننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پولىنىزىيە ئاراللىرىنىڭ شەرقى قىسمىغا تەۋە بولغان، يەر كۆلىمى 120كۋادىرات كىلومېتىر كېلىدىغان، ئاھالىسى 2000پولىنىزىيىلىكتىن تەركىپ تاپقان، جەنۇبى كەڭلىك 27 ۋە غەربى مېردىيان109نىڭ كسىشكەن جايىغا يېقىن جايلاشقان، ئىسسىق بەلباغ ئارىلى. ئارال چىلىغا 3000كىلومېتىر كېلىدۇ.
   ياۋروپالىقلار كېلىشتىن بۇرۇن پەقەت كىچىك ئويما قولۋاقلا ياسىيالايدىغان ئارالنىڭ ئۈستىدىكى 5 مېتىردىن تارتىپ ئەڭ ئىگىزلىرى 22مېتىر ، ئېغىرلىقى 300توننىدىن ئاشىدىغان مىڭغا يېقىن تاش ھەيكەللەرنىڭ بىر تالمۇ تاش يوق بۇ ئارالغا قانداق ئېلىپ كېلىنگەنلىكى پۈتۈن دۇنيانى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر سىر بولۇپ، ياۋروپالىقلار «پولىنىزىيەلىكلەر 10-ئەسىردىن15-ئەسىرگىچە ياسىغان» دەپ قارىغان بۇ ھەيكەللەرنى كىشىلەر گاھ بۇنى توپان بالاسىدىن بۇرۇنقى كىشىلەر چوقۇنىدىغان بۇتلارمىكىن دىسە يەنە بەزىلەر تاشقى پىلانت كىشىلىرى ئويغان ھەيكەلمىكىن دىيىشىدۇ.

تاش ھەيكەللەرنىڭ كۆرۈنۈشى:

 

 

 يەتتە چوڭ مۆجىزىنىڭ ئىككىنچىسى: پېترا خارابىسى

    مىلادىدىن بۇرۇنقى 6-ئەسىر ئەتراپىدا ياسالغان، ھازىرقى ئىئوردانىيەنىڭ پايتەختىگە 250كىلومېتىر كېلىدىغان قەدىمى  نابات پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى پېترا نىڭ خارابىسى، مۇكەممەل سۇ بىر تەرەپ قىلىش سېستىمىسىغا ئىگە، تاشدىكى قورام تاشلارنى ئۇيۇش ئارقىلىق ياسالغان ئۈچ قەۋەتلىك قۇرۇلۇش بولۇپلا قالماي يەنە 4000كىشىلىك تەنتەربىيە مەيدانى ۋە نەقىشلەنگەن تاشلار بىلەن ئورىلىپ تۇرغان، 2مىڭدىن ئارتۇق ئادەم سىغىدىغان ئۈستى ئۇچۇق تىياتىرخانا بىلەن ب د ت نىڭ مەخسۇس تۈر تۇرغۇزۇپ ئىنسانىيەت بۈيۈك مىراسى دەپ ئاتىلىپ مىسىر ئېھراملىرى بىلەن بىر رەتكە تىزىلىشقا مۇيەسسەر بولدى.

پېترا خارابىسى:

ئۈستى ئۇچۇق تىياتىرخانا خارابىسى:

 يەتتە چوڭ مۆجىزىنىڭ ئۈچىنچىسى: تىمبۇكتۇ شەھەر خارابىسى

   12-ئەسىردە  سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبىدىكى نىگىر دەرياسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى كەڭلىكتىكى قۇرغاق ۋادىسىغا قۇرۇلغان، ئەڭ ئاۋات قاتناش مەركىزى ۋە ئىسپانىيە، ئەرەپ دۇنياسى بىلەن نېگىر ئافرىقىسىنىڭ قاتناش تۈگۈنى بولغان تىمبۇكتۇدىكى ئىسلام ئۇنۋېرستى دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمكى ئۇنۋېرستىتلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۆز ۋاقتىدا بىرلا ۋاقىتتا 2000دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ئوقۇغان بۇ مەكتەپ ئەرەبلەرنىڭ قاقۇن، تىبابەت، تىل ۋە دىنى بىلىملىرىنى ئافرىقا ۋە ياۋروپاغا تارقىتىدىغان مۇھىم مەدەنىيەت مەركىزى بولغان. سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبىغا كىرىدىغان دەرۋازا سۈپىتىدە ئىسلام دىنىنىڭ ئافرىقىغا تارقىلىشىدا زور رول ئوينىغان. شەھەرنىڭ بۈگۈنگىچە ئاساسەن تولۇق ساقلانغان، قۇرغاق ۋە تاش بولمىغان مۇھىتتا قوپۇرۇلۇپ چىقىلغان ھەيۋەتلىك ئاساسى گەۋدىسى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا كۆرۈلمەيدىغان بىر خىل ئۆزگىچە قۇرۇلۇش سىخىمىسى ۋە قۇرغاقچىلىققا چىداملىق ئىجادى تەرتىپتىن پايدىلىنىلغان بۇ قۇرۇلۇش زىمبابۇۋى شەھەر خارابىسى بىلەن بىرلىكتە نېگىر ئافرىقىسىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى سەلتەنىتى ۋە بايلىقىنى نامايەن قىلىدىغان بۈيۈك قۇرۇلۇشتۇر.

 تىمبۇكتۇ شەھرىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى بەلگە مۇنارى:

 تىمبۇكتۇدىكى مەسچىتنىڭ سىرتتىن كۆرۈنۈشى:

 

 

يەتتە چوڭ مۆجىزىنىڭ تۆتىنچىسى: ئىسپانىيە ئالخامبىرا ئوردىسى

   ئىسپانىيەنى بويسۇندۇرۇپ 700يىل ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئەرەبلەرنىڭ9-ئەسىردىكى بۈيۈك قۇرۇلۇش نامايەندىسى بولغان، ۋە كېيىنىكى ياۋروپا قۇرۇلۇش بىناكارلىقىنىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسى بولغان ئىسپانىيىنىڭ گىرىنادا شەھرىدىكى ئالخامبىرا ئوردىسى كۆلىمى بىر كۋادىرات كىلومېتىردىن ئاشىدىغان ھەيۋەتلىك ئوردا گەۋدىسى ۋە ناھايىتى مۇكەممەل ئىنچىكە نەقىشلىرى بىلەن ئىسپانىيىنىڭ ئەڭ ئىسىل ساياھەت نۇقتىسى بولۇپ كەلمەكتە.  ئوردىنىڭ بۈگۈنگىچە ئاساسەن تولۇق ساقلانغان، ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان توققۇز قوشقار قۇدۇقىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان سۈننى بۇلاق ۋە بۇ بۇلاق سۈيىدىن شەكىللەنگەن ئوردا ئالدىدىكى كۆل ئىسسىق ۋە قۇرغاق گرىنادادا كىشىگە ھوزۇر بېغىشلايدىغان، شۇنداقلا 9-ئەسىردىكى ئىشغالىيەتچى مۇسۇلمانلارنىڭ ياۋروپانىڭ قۇرۇلۇش-مەدەنىيەت ئىشلىرىغا كۆرسەتكەن تەسىرىگە قايىل قىلىدىغان جانلىق مۇزىي بولۇپ قالدى.

ئالخامبىرا ئوردىسىنىڭ ئالدىدىكى كۆل:

 

ئالخامبىرا ئوردىسىنىڭ ئىچى:

 

كېيىنكى ياۋروپا چېركاۋلىرىنىڭ كۇنۇس مۇنار ئۈلگىسى-ئوردىدىكى نەقىشلەنگەن كۇنۇسىمان راۋاق:

 

 يەتتە چوڭ مۆجىزىنىڭ بەشىنچىسى: ھىندىستاننىڭ ئاگرا شەھرىدىكى تاجماھال مەقبەرىسى 

     قىممەت باھالىق تاشلار ۋە نەچچە مىڭ گۆھەر-ياقۇتلار بىلەن بېزىلىپ كىچىككىنە ئاگرا شەھرىنىڭ نامىنى دۇنياغا تونۇتقان تاج ماھال مەقبەرىسى ھىندىستانغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنىڭ ھىندىستانغا ئاپەت ئەمەس بەلكى سەنئەت ۋە ئويغىنىش ئېلىپ كىرگەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان، شۇنداقلا ئەينى دەۋردىكى بىناكارلىق ئۇستىلىرىنىڭ ئاجايىپ لايىھىلەش تالانتىنى نامايەن قىلىدىغان مۇھىم بىر قۇرۇلۇش بولۇپ، بابۇرنىڭ ئەۋلادى شاھ جاھاننىڭ 18يىل  ئۆي تۇتقان ئامراق ئايالى ۋە يېقىن مەسلىھەتچىسى  ئەرجۈمەند بانۇ(مۇمتاز ماھال)  14-بالىسىنىڭ تۇغۇتىدا، 36يېشىدا ۋاپات بولغانلىقىغا ئاتاپ ياساتقان مەقبەرىسىدىن ئىبارەت.
   تاجماھال مەقبەرە قۇرۇلۇشى 1630-يىلى باشلىنىپ 1653-يىلى تاماملانغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا 1631-يىلى شاھجاھان ئايالىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئىككى يىلغىچە قارىلىق كىيمىنى سالمىغان بولۇپ، چاچلىرى شۇ ئىككى يىلدا پۈتۈنلەي ئاقىرىپ كەتكەن ئىكەن. پادىشاھ ئۆزىنىڭ ئايالىغا مۇناسىپ كەلگۈدەك قەبرە ياسىتىش ئۈچۈن پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئىران -ئەرەپ دۇنياسىدىكى ئەڭ ئۇستا نەققاش-قۇرۇلۇش ئۇستىلىرىدىن 20مىڭ ئادەمنى يۇقىرى مۇئاش بىلەن چاقىرتىپ كېلىپ قەبرە ياساشقا تۇتۇش قىلغان ئىكەن. قەبرە قۇرۇلۇشىغا 20نەچچە يىل ۋاقىت، بەك كۆپ پۇل ۋە پادىشاھنىڭ زېھنى كەتكەنلىكتىن شاھجاھان ئەتراپىدىكىلەرنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلىپ قالغان.1658-يىلى شاھجاھاننىڭ ئوغلى ئەۋرەنزىپ سىياسى ئۆزگىرىش قوزغاپ ئاتىسىنى تاجماھالغا 9يىل نەزەربەنت قىلغان ۋە ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن تاجماھالغا دەپنە قىلدۇرغان.
   تاجماھال ھازىر ھىندىستاننىڭ نامايەندە خاراكتىرلىك قۇرلۇشى ۋە سىمۋولى بولۇپلا قالماي دۇنيا بىناكارلىق ساھەسىدىمۇ غايەت زور تەسىرگە ئىگە.

تاجماھالنىڭ ئالدى كۆرۈنۈشى:

تاجماھالنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى:

   يەتتە چوڭ مۆجىزىنىڭ ئالتىنچىسى :
   بىرازىلىيەنىڭ رىئودىژانىرو ئەتراپىدىكى كوركوۋادا تاغ چوققىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەيكىلى
   . 1921-يىلىدىن 1931-يىلىغىچە ئون يىل ۋاقىت سەرپ قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئىگىزلىكى 32 مېتىر، ئېغىرلىقى مىڭ توننىدىن ئارتۇق، غۇلىچىنىڭ كەڭلىكى 28مېتىر بولغان مەزكۇر ھەيكەل، خىرىستان دۇنياسىدىكى ئەڭ چوڭ ھەيكەل بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنيادىكى يېڭى يەتتە مۆجىزىنىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى.

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 786 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01