ئىدىقۇت

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

  ئىدىقۇت

   ئىدىقۇت - قەدىمكى ئۇيغۇرچە سۆز بولۇپ ،مەنىىسى «بەخت(قۇت)بەرگۈچى زىمىن» دېمەكتۇر . بۇ جاي ھازىرقى تۇرپان ئويمانلىقىنى كۆرسىتىدۇ . تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ ئەڭ ئوي جايى دېڭىز يۈزىدىن بىريۈز ئەللىك تۆت مېتىر چوڭقۇر بولۇپ، ئۆلۈك دېڭىزنى ھىساپلىمىغاندا دۇنيادىكى دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ تۆۋەن قۇرۇغلۇق نۇقتىسى ھىساپلىنىدۇ. ئىدىقۇت رايونى دېڭىزغا يىراق، ھۆل يېغىنى بەك ئاز بولغاچقا قۇرغاق مۆتىدىل بەلباغ چۆل ئىقلىمىغا تەۋە بولۇپ، يازدا قۇرغاق ئىسسىق، قىشتا قۇرغاق ۋە ئوخشاش كەڭلىككە قارىغاندا ئىللىقراق بولىدۇ ۋە ياز پەسلى كېچىكىپ چىقىپ بالدۇرراق كىرىدۇ. تۇرپاننىڭ ھازىرغا قەدەر كۆرۈنگەن ئەڭ يۇقىرى تېمپىراتۇرىسى51سېلسىيە، ئەڭ تۆۋەن تېمپىراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن29 بولغان.
   ئىدىقۇت - ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئانا يۇرتلىرىدىن بىرى بولۇپ ، مىلادىدىن بۇرۇنلا ئۇيغۇرلار بۇ جايدا ياشىغان ۋە خانلىقلارنى قۇرغان. بۇ جاينىڭ نەچچە مىڭ يىللىق پارلاق مەدەنىيەت تارىخى بار . ھازىرغىچە ئىزى ئۆچمىگەن يارغول قەدىمكى شەھرى ،ئىدىقۇت خارابىلىكى، بېزەكلىك مىڭ ئۆيى قاتارلىق ئاسار ئەتىقە ئورۇنلىرى ئىدىقۇت مەدەنىيىتىگە گۇۋاھلىق بېرىپ تۇرىدۇ. ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى 14-ئەسىردە ئىسلام دىنىغا كىرگەندىن كېيىن ئەسلىدىكى ئىدىقۇت دىگەن نام ئاستا ئاستا تۇرپان دىگەن نامغا ئۆزگىرىپ ئەسلىدىكى ئىدىقۇت دىگەن نام ئىستىمالدىن قالغان.
   ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى قەيسەر ۋە ئەمگەكچان خەلق بولۇپ ، ئۇزۇن تارىختىن بۇيان ئۆزگىچە جۇغراپىيىلىك شارائىتقا ئىگە بۇ مۇنبەت زېمىننى گۈللەندۈرۈش يولىدا كارىز، چۈنچە ئۇرۇقسىز ئۈزۈم قاتارلىق كەشپىياتلارنى ياراتقان.


 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 342 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01