جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كىملىك قانۇنى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

 جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كىملىك قانۇنى
 (2003 - يىلى 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى 10 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 3 - يىغىنىدا ماقۇللاندى)

 1 - باب ئومۇمىي پرىنسىپ
 1 - ماددا بۇ قانۇن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە ئولتۇرۇشلۇق پۇقرالارنىڭ سالاھىيىتىنى ئىسپاتلاش، قانۇنىي ھوقۇق مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئىجتىمائىي پائالىيىتىگە قۇلايلىق يارىتىش ۋە ئىجتىمائىي ساقلاش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.
 2 - ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە ئولتۇرۇشلۇق، يېشى 16 گە توشقان جۇڭگو پۇقرالىرى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن، كىملىك ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىش كېرەك؛ 16 ياشقا توشمىغان جۇڭگو پۇقرالىرى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن، كىملىك ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
3 - ماددا كىملىكتە مۇنۇلار بولىدۇ: ئىسىم - فامىلىسى، جىنسى، مىللىتى، تۇغۇلغان ۋاقتى، دائىملىق نوپۇسى بار جايدىكى ئادرېسى، پۇقرانىڭ كىملىك نومۇرى، سۈرىتى، كىملىكنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى ۋە بەرگۈچى ئورگان. پۇقرالارنىڭ كىملىك نومۇرى شۇ پۇقراغىلا خاس بولغان، ئۆمۈرۋايەت ئۆزگەرمەيدىغان سالاھىيەت نومۇرى، ئۇنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى پۇقرا كىملىك نومۇرىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمى بويىچە بېكىتىدۇ.
 4 - ماددا كىملىكتە قېلىپلاشقان خەنزۇ يېزىقى ۋە دۆلەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولغان رەقە، بەلگە قوللىنىدۇ. مىللىي ئاپتونوم جايلاردىكى ئاپتونوم ئورگانلىرى شۇ جاينىڭ ئەھۋالىغا قاراپ، كىملىكتە خەنزۇ يېزىقىدا يېزىلىدىغان مەزمۇننى تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويغان مىللەتنىڭ يېزىقىدىمۇ يېزىشنى ياكى شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىلىۋاتقان يېزىقنى تاللاپ يېزىشنى قارار قىلسا بولىدۇ.
 5 - ماددا 16 - ياشتىن يۇقىرى پۇقرالارنىڭ كىملىكىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى 10 يىللىق، 20 يىللىق ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك بولىدۇ. 16 ياشتىن 25 ياشقىچە بولغانلارغا 10 يىل كۈچكە ئىگە كىملىك بېرىلىدۇ؛ 26 ياشتىن 45 ياشقىچە بولغانلارغا 20 يىل كۈچكە ئىگە كىملىك بېرىلىدۇ؛ 46 ياشتىن يۇقىرىلارغا ئۇزاق مۇددەت كۈچكە ئىگە كىملىك بېرىلىدۇ. 16 ياشتىن توشمىغان پۇقرالاردىن كىملىك ئېلىشنى ئىختىيارىي ئىلتىماس قىلغانلىرىغا بەش يىل كۈچكە ئىگە كىملىك بېرىلىدۇ.
 6 - ماددا كىملىك نۇسخىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى بېكىتىدۇ.؛ كىملىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بىر تۇتاش تەييارلايدۇ، بېرىدۇ. كىملىكنىڭ ئادەم ئوقۇيدىغان ۋە كومپيۇتېر ئوقۇيدىغان ئالاھىدىلىكى بار، ئادەم ئوقۇيدىغان، كومپيۇتېر ئوقۇيدىغان مەزمۇن بۇ قانۇننىڭ 3 - ماددىسىنىڭ 1 - تارمىقىدا بەلگىلەنگەن تۈرلەر بىلەن چەكلىنىدۇ. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋە ئۇنىڭ خەلق ساقچىلىرى كىملىكنى تەييارلاش، بېرىش، تەكشۈرۈش، تۇتۇپ قېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن بىلىپ قالغان پۇقرانىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنىڭ مەخپىيىتىنى ساقلىشى كېرەك.

 2 - باب ئىلتىماس قىلىش ۋە بېرىش
7 - ماددا پۇقرا كىملىك ئېلىشنى 16 ياشقا توشقان كۈندىن باشلاپ ئۈچ ئاي ئىچىدە، دائىملىق نوپۇسقا ئېلىنغان جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. 16 ياشقا توشمىغان پۇقراغا كىملىك ئېلىشنى ۋەسىيىسى ۋاكالىتەن ئىلتىماس قىلىدۇ.
 8 - ماددا كىملىكنى ئاھالىلەر دائىملىق نوپۇسقا ئېلىنغان جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بېرىدۇ.
 9 - ماددا شياڭگاڭ، ئاۋمىن، تەيۋەنلىك قېرىنداشلاردىن ئىچكى ئۆلكىلەردە ئولتۇراقلاشقانلىرى، جۇڭگو مۇھاجىرلىرىدىن ۋەتەنگە قايتىپ ئولتۇراقلاشقانلىرى شۇنىڭدەك چەت ئەللىكەر، دۆلەت تەۋەلىكى يوقلاردىن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە ئولتۇراقلاشقان ھەمدە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەلىكىگە ئۆتۈشى ياكى تەۋەلىكى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى تەستىقلانغانلىرى دائىملىق نوپۇسقا ئالدۇرۇشتا، كىملىك ئېلىشنى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.
 10 - ماددا كىملىك ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشتا، <كىملىك ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلارنى تىزىملاش جەدۋىلى> نى تولدۇرۇش، نوپۇس دەپتىرىنى تەكشۈرتۈش كېرەك.
 11 - ماددا كىملىكنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى توشقانلار، ئىسىم - فامىلىسىنى ئۆزگەرتىدىغان ياكى كىملىكى كاردىن چىققان پۇقرالار يېڭى كىملىك ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك؛ كىملىكتىكى تۈرلەر خاتا بولۇپ قالسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋاقتىدا تۈزىتىپ، يېڭىسىنى بېرىشى كېرەك. يېڭىسىنى ئالغاندا كونىسىنى قايتۇرۇش شەرت. كىملىكنى يىتتۈرۈپ قويغانلار قايتا ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. 16 ياشقا توشمىغان پۇقرالاردىن كىملىكىدە ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ئەھۋال بولغانلىرى ئالماشتۇرۇپ بېرىشنى ياكى قايتا بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. پۇقرالار دائىملىق نوپۇسىنى يۆتكىگەندە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى كىملىكتىكى كومپيۇتېر ئوقۇيدىغان تۈرگە پۇقرانىڭ دائىملىق نوپۇسقا ئېلىنغان جايدىكى ئادرېسىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى خاتىرىلەپ قويۇشى ھەمدە شۇ كىشىگە ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.
 12 - ماددا پۇقرالار كىملىكنى ئېلىش، ئالماشتۇرۇش ۋە قايتا ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بەلگىلىمە بويىچە ۋاقتىدا بېجىرىپ بېرىشى كېرەك. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى پۇقرالار <كىملىك ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلارنى تىزىملاش جەدۋىلى> نى تاپشۇرغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە، كىملىك بېرىشى كېرەك؛ قاتناش قولايسىز جايلاردا بېجىرىش ۋاقتى مۇۋاپىق ئۇزارتىلسا بولىدۇ، ئەمما ئۇزارتىلغان ۋاقتى 30 كۈندىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ. پۇقرالاردىن كىملىك ئېلىش، ئالماشتۇرۇش ۋە قايتا ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىش مەزگىلىدە كىملىككە جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇپ قالغانلىرى ۋاقىتلىق كىملىك ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بەلگىلىمە بويىچە ۋاقتىدا بېجىرىپ بېرىشى كېرەك. كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى بەلگىلەيدۇ.

 3 - باب ئىشلىتىش ۋە تەكشۈرۈش
13 - ماددا پۇقرالاردىن ئالاقىدار پائالىيەتتە سالاھىيىتىنى ئىسپاتلاشقا توغرا كەلگەنلىرى سالاھىيىتىنى كىملىكى بىلەن ئىسپاتلاشقا ھوقۇقلۇق، ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىنىڭ رەت قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
 14 - ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىدە پۇقرالار سالاھىيىتىنى كىملىكى بىلەن ئىسپاتلىشى كېرەك: (1) دائىملىق نوپۇس تىزىمىنى ئۆزگەرتىش؛ (2) ئەسكەرلىككە تىزىملىتىش؛ (3) نىكاھ تىزىملىتىش، بېقىۋېلىشنى تىزىملىتىش، (4) چېگرىدىن چىقىش رەسمىيىتى بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلىش؛ (5) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا سالاھىيىتىنى كىملىكى بىلەن ئىسپاتلاش زۆرۈرلۈكى بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار. مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە كىملىك ئالمىغان پۇقرالاردىن ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئالاقىدار پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىرى سالاھىيىتىنى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە باشقا يول بىلەن ئىسپاتلىسا بولىدۇ.
 15 - ماددا خەلق ساقچىلىرىدىن قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە يولۇققانلىرى قانۇن ئىجرا قىلىش كىنىشكىسىنى كۆرسىتىپ، كىملىك تەكشۈرسە بولىدۇ: (1) قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان جىنايەت گۇماندارىنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلاشقا توغرا كەلسە؛ (2) نەق مەيداننى قانۇن بويىچە قامال قىلغاندا ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلاشقا توغرا كەلسە؛ (3) جەمئىيەت ئامانلىقىغا ئېغىر خەۋپ يەتكۈزىدىغان تاسادىپىي ۋەقە يۈز بەرگەندە نەق مەيداندىكى ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلاشقا توغرا كەلسە؛ (4) قانۇندا سالاھىيىتىنى ئېنىقلاش زۆرۈر دەپ بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار. ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ئەھۋالنىڭ بىرى كۆرۈلۈپ، خەلق ساقچىلىرىنىڭ كىملىك تەكشۈرۈشىنى رەت قىلغانلار ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە ئەھۋالى پەرقلەندۈرۈلۈپ، تەدبىر قوللىنىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. ھەر قانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ پۇقرالارنىڭ كىملىكىنى تۇتۇپ قېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، لېكىن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى> بويىچە، تۇرار جايىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىش مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىدىغان ئەھۋال بۇنىڭ سىرتىدا.

4 - باب قانۇن جاۋابكارلىقى
 16 - ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ، قوشۇمچە 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ: (1) كىملىكنى يالغان ئىسپات ماتېرىيال بىلەن ئالداپ ئېلىۋالغانلار؛ (2) كىملىكنى ئىجارە بەرگەن، ئارىيەت بەرگەن، ئۆتۈنگەنلەر؛ (3) باشقىلارنىڭ كىملىكىنى قانۇنسىز تۇتۇپ قالغانلار.
17 - ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى 200 يۈەندىن يۇقىرى، 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ ياكى 10 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ: (1) باشقىلارنىڭ كىملىكىنى ئىشلىتىۋالغانلار ياكى ئالداپ ئېلىۋالغان كىملىكنى ئىشلەتكەنلەر؛ (2) ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىۋالغان كىملكنى سېتىۋالغان، ساتقان، ئىشلەتكەنلەر؛ ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىۋالغان كىملىك ۋە ئالداپ ئېلىۋالغان كىملكنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى يىغىۋالىدۇ.
18 - ماددا كىملىكنى ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىۋالغانلار قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. مۇشۇ قانۇننىڭ 16 -، 17 - ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ، جىنايى ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانغانلار قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
 19 - ماددا خەلق ساقچىلىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا ئەھۋالنىڭ ئېغىر - يېنىكلىكىگە قاراپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ: (1) كىملىك تەييارلاش، بېرىش، تەكشۈرۈش قۇلايلىقىدىن پايدىلىنىپ باشقىلاردىن پۇل - مال ئۈندۈرۈۋالغان ياكى باشقا نەپ ئالغانلار؛ (2) كىملىك نۇمۇرىنى قانۇنسىز ئۆزگەرتكەن ياكى كىملىككە مۇشۇ قانۇننىڭ 3 - ماددىسىنىڭ 1 - تارمىقىدا بەلگىلەنگەن تۈردىن باشقا ئۇچۇرنى كىرگۈزگەن ياكى يالغان ئۇچۇرنى قەستەن كىرگۈزگەنلەر؛ (3) كىملىكنى يوللۇق سەۋەب يوق تۇرۇپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە بەرمىگەنلەر؛ (4) كىملىكنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تەكشۈرۈپ، تۇتۇپ قېلىپ، پۇقرالارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە زىيان سالغانلار؛ (5) كىملىكنى تەييارلاش، بېرىش، تەكشۈرۈش، تۇتۇپ قېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن بىلىپ قالغان پۇقرالار شەخسىي ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاپ قويۇپ، پۇقرالارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە زىيان سالغانلار.

5 - باب قوشۇمچە پرىنسىپ
 20 - ماددا پۇقرالار كىملىكنى ئېلىش، ئالماشتۇرۇش، ۋە قايتا ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشتا، كىملىك ھەققى تاپشۇرىشى كېرەك. كىملىك ھەققى ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەننىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى بىلەن بىرلىكتە بېكىتىدۇ. شەھەرلەردىكى ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى ئالىدىغان ئاھالە، يېزىلاردىكى تۇرمۇش قىيىنچىلىقى ئېغىر ئاھالە كىملىكىنى تۇنجى قېتىم ئالغان ۋە ئالماشتۇرغاندا، كىملىك ھەققى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. تۇرمۇشتا ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقى بار باشقا ئاھالە كىملىكنى تۇنجى قېتىم ئالغان ۋە ئالماشتۇرغاندا، كىملىك ھەققى كېمەيتىپ ئېلىنسا بولىدۇ. كىملىك ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىش، كېمەيتىش كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ باھا تارمىقى بىلەن بىرلىكتە بېكىتىدۇ. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئالغان كىملىك ھەققى غەزىنىگە تولۇق تاپشۇرۇلىدۇ.
 21 - ماددا مەجبۇرىيەت ئۆتەۋاتقان خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىدىكى ھەربىيلەر، خەلق قوراللىق ساقچىلىرىنىڭ كىملىك ئېلىش ۋە بېرىش كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بىلەن مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئايرىم بەلگىلەيدۇ.
 22 - ماددا بۇ قانۇن 2004 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاھالىلەر سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى نىزامى> بىكار قىلىنىدۇ. <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاھالىلەر سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى نىزامى> غا بىنائەن ئالغان كىملىك مۇشۇ قانۇن بويىچە ئالماشتۇرۇلغۇچە كۈچكە ئىگە مۇددىتىدە داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولىدۇ. كىملىك ئالماشتۇرۇش كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

[qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-28 18:25:17][qarluq تەستىقلىدى . 2010-3-6 15:47:29]
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 674 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01