ئېلسى سارىيى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

ئېلسى سارىيى

    ناپالىيۇن دەۋرىدىن كېيىن فرانسىيىنىڭ خان ئوردىسى بولغان، 1879-يىلىدىن كېيىن ئىزچىل فرانسىيە زۇڭتۇڭلىرىنىڭ قەسىرى بولۇپ كېلىۋاتقان، 1718-يىلى سېلىنغان ئېلسى سارىيى- ئاقساراي، كىرېمىل ۋە دوۋنىڭ كوچىسى10-نومۇرغا ئوخشاشلا ئۆزى جايلاشقان دۆلەت سىياسىتىنىڭ سىمىۋولى ۋە يۈرىكى. بۇ قەدىمىي ساراي ھەر نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭلارنى ئۇزاتقان ۋە كۈتۈۋالغان چاغدا يېڭىدىن يېڭى ھېكايىلەرنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. خەت-چەكلەرنى بىر تەرەپ قىلىش، دۆلەت زىياپىتىگە تەييارلىق قىلىشتىن تارتىپ كۈتۈم ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقىچە بولغان جەرياندا،  بۇ غايەت چوڭ سارايدىكى مىڭ ئادەم بىر ئادەم ئۈچۈن پايپېتەك بولىدۇ.

   ئېلسى سارىيى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە زۇڭتۇڭنىڭ خەت-چەكلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە مەسئۇل 102ئادەم بار. 1981- يىلىدىن باشلاپ، زۇڭتۇڭ تاپشۇرۇۋالىدىغان خەت- چەك تېز سۈرئەتتە كۆپەيدى. 1982- يىلى 600 مىڭ پارچە خەت تاپشۇرۇۋالغان بولسا، 1991- يىلى 860 مىڭ پارچە خەت تاپشۇرۇۋالدى؛ 2002- يىلىدىن كېيىن، زۇڭتۇڭ شراك ھەر يىلى تاپشۇرۇۋالىدىغان خەت 1 مىليۇن پارچىدىن ئاشتى.

    چەت ئەلنىڭ دۆلەت رەھبەرلىرى فرانسىيىدە زىيارەتتە بولغاندا، زۇڭتۇڭنىڭ ئېلىسې قەسىرىدە كاتتا زىياپەت ئۆتكۈزۈش ئادەتكە ئايلانغان. گېنىرال دېگولل زۇڭتۇڭ بولغان 10 يىلدا زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە 47 قېتىم زىياپەت ئۆتكۈزۈلگەن. پېنپىتتو دەۋرىدە 22 قېتىم، دۇرستىن دەۋرىدە 48 قېتىم، مىتران دەۋرىدە 37 قېتىم، شراك دەۋرىدە 50 نەچچە قېتىم زىياپەت ئۆتكۈزۈلدى. زۇڭتۇڭنىڭ خۇسۇسىي يېمەك- ئىچمەك ئادىتى دۆلەت زىياپىتىدىكى قورۇغا تىزىملىكىگە ئازدۇرـ كۆپتۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: گېنېرال دېگوللنىڭ زىياپەتلىرى ئاددىي- ساددا بولسا، پېنپىتتونىڭ بىر قەدەر مول بولغان. فرانسىيىنىڭ داڭلىق تائامى – ئاققۇ جىگىرىنى قورۇما تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن دۇرستىن ئالاھىدە تائاملارنى ياخشى كۆرگەچكە، قورۇما تىزىملىكى دائىم ئۆزگىرىپ تۇرغان؛ مىتران تاتلىق يېمەكلىكلەرگە ئامراق، شراك چەت ئەلنىڭ تائاملىرى بىلەن زىياپەت بېرىشنى ياخشى كۆرىدۇ. زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ 600 كۋادرات مېتىرلىق ئاشخانىسىدا 20 نەچچە ئاشپەز ئىشلەيدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ ئاشخانا ھەر كۈنى 300 يۈرۈش قاچا- قۇچا تەييارلايدىكەن، ھاراق گەمىسىدىكى ھاراق 150 مىڭ بوتۇلكىدىن كەم بولمايدىكەن.

ئېلىسې سارىيى دۆلەت بايرىمى كۈنى كەڭ كۆلەملىك كەچلىك زىياپەت ئۆتكۈزىدۇ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن داڭلىق ئەربابلار بۇ زىياپەتكە ئىشتىراك قىلىدۇ. زۇڭتۇڭ شراك ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بۇلتۇر 14- ئىيۇل زىياپەت بەردى. بۇ زىياپەتكە 4000 دىن كۆپرەك مېھمان قاتناشتى. ئېيتىلىشىچە، بۇ زىياپەتكە 480 مىڭ ياۋرو خەجلىنىپتۇ.

   ئەمدى تىلغا ئېلىنىدىغان سانلىق مەلۇماتلار بىزگە ئېلىسې سارىيىنىڭ قانچىلىك چوڭ ۋە ھەشەمەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسۈتۈپ بېرىدۇ. بۇ سارايدا 378 مۇھاپىزەتچى ئەسكەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 957 خىزمەتچى بار. قۇرۇلۇش كۆلىمى 11 مىڭ كۋادرات مېتىر، بۇنىڭدىن باشقا ئىككى گېكتار كېلىدىغان گۈللۈكى بار. بۇ سارايدا ياتاق،  ئىشخانا ۋە مېھمانخانا بولۇپ 300 ئېغىز ئۆي، 6500 يۈرۈش قاچا- قۇچا، 6000 خرۇستال رومكا بار، ھەر يىلى 2000 بوتۇلكا ئالىي دەرىجىلىك ئۈزۈم ھارىقى ئىچىلىدۇ. ساراينىڭ كىلاسسىك ئۇسلۇبتىكى ھەشەمەتلىك قۇرۇلۇشىدىن باشقا ئۆزگىچە كىلاسسىك نەقىشلىرى ۋە نەچچە يۈز يىللىق ئاسارە-ئەتىقىلىرىدىن سىرت 340 ئاسما سائەت ۋە فرانسىيە پادىشاھى لوئىس XV ئىشلەتكەن خىزمەت ئۈستىلىمۇ ئېلسى سارىيىنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرغان سەۋەبلەرنىڭ بىرى.  فرانسىيىنىڭ دۇرسىتىن دىن باشقا بارلىق زۇڭتۇڭلىرى مۇشۇ ئۈستەلدىن پايدىلانغان.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 481 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01