ئامېرىكىدىكى 15ئاخبارات ئورگىنى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

ئامېرىكىدىكى 15ئاخبارات ئورگىنى

     ئامېرىكا ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ماتېرىياللىرىغا ئاساسلانغاندا،ئامېرىكىدا ھازىر 15ئورگان ئاخبارات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ،خىزمەتچى خادىملىرى ئاز دىگەندىمۇ 400مىڭغا يېتىدىكەن .ئۇلارنىڭ مالىيە چىقىمى ئىزچىل ھالدا مەخپى بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ،ئەمما ئىگىلىنىشچە،بۇ ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ يىللىق چىقىمى 40مىلىيارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن.بۇ ئاخبارات ئورگانلىرى تۆۋەندىكىچە:

   مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى :ئۇنىڭ ئاساسلىق فۇنكسىيىسى چەتئەل ئاخباراتىنى يىغىش ۋە جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش.ئۇندىن باشقا يەنە ئامېرىكا پىرىزدىنتى تەستىقلىغان ئەھۋالدا،ئامېرىكا چېگىرىسى ئىچىدىمۇ مەخپى ھەركەت ئىلىپ بارالايدۇ.مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى 1947-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ،ئەينى چاغدا ، بۇ ئورگاننىڭ خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ ئەھۋالى ۋە خىراجىتىنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق خەۋەر ئاشكارىلانمىغان . ئىشەنچىلىك ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە بۇ ئورگاننىڭ 250مىڭدىن 300مىڭغچە خىزمەتچى خادىمى بولۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە،11مىڭ نەپەر خىزمەتچى خادىم چىگىرا سىرتىدا خىزمەت قىلدىكەن.

   بىرلەشمە تەكشۈرۈش ئىدارىسى :ئۇنىڭ ئاساسلىق فونكىسىيسى ئامېرىكا چىگىرسى ئىچىدە جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش.يەنى ئامېرىكىغا قارىتىلغان بارلىق جاسۇسلۇق ،توسقۇنلۇق قىلىش ۋە ئاغدۇرمىچىلىق ھەرىكەتلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە چەكلەشتىن ئىبارەت.بىرلەشمە تەكشۈرۈش ئىدارىسى 1908-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ،ئەدلىيە مىنىستىرلىكىنىڭ قارمىقىدا بولغان بولۇپ،ئاساسلىقى تېررورلۇققا،گورۇھلاشقان جىنايەت،زەھەرلىك چېكىملىك جىنايىتى ۋە باشقا جىنايى قىلمىشلارغا زەربە بەرگەن.باش شىتابى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگىتۇندا. مەزكۇر ئورگاننىڭ تەخمىنەن30مىڭ خىزمەتچى خادىمى بار.نۆۋەتتە،بىرلەشمە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى روبېرىت.مېللىر بولۇپ،ئۇ "11-سىنتەبىر"ۋەقەسى يۈز بىرىشىتىن بىر ھەپتە ئىلگىرى ۋەزىپىگە ئولتۇرغان.

   ھەربى ئىشلار ئاخبارات ئىدارىسى:ئادەتتە دۆلەت مۇداپىئە ئاخبارات ئىدارىسى دەپ ئاتىلىدۇ.ئۇنىڭ ئاساسلىق فۇنكسىيىسى ھوقۇق بېرىلگەندىن كىيىن،ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ۋە شتاب باشلىقىلىرى بىرلەشمە يىغىننىڭ رەھبەرلىكىدە، ئاخبارات ۋە ئاخباراتقا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى ئىشلەيدىغان بولۇپ، ئۇندىن باشقا يەنە بۇ تارماقلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئالاھىدە ھەركەت ئىلىپ بارىدۇ. بۇ ئورگان 1961-يىلى قۇرۇلغان.قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە،كۇبا باشقۇرۇلدىغان بومبا كىرزىسى مەزگىلىدە، ئاخباراتقا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىدە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان. نۆۋەتتە بۇ ئورگاننىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا 7000نەپەر ھەربى ۋە ئادەتتىكى خىزمەتچى خادىملىرى بولۇپ، باش شىتابى بەش بۇرجەكلىك بىنادا. ئىدارە باشلىقى دېڭىز ئارمىيە لېيتېنات گېنېرالى لاۋېر.جېكوب.

   دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى: ئۇنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئالاقىلىشىش قوراللىرىنىڭ تېخنىكىلىق مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش ۋە ئالاقە يوللىرى ئارقىلىق چەتئەل ئاخباراتىنى توپلاش (سىمسىز رادىئو ئارقىلىق ئوغرىلىقچە ئاڭلاش،ئىلكتورۇنلۇق چارلاش ۋە يوشۇرۇن خاتىرىلەش تېخنكىسى)قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇ ئورگان 1952-يىلى قۇرۇلغان.ھازىرقى باشلىقى مايكېر.خاردېن.باش شىتابى ۋاشىنگوتۇندىن ئانچە يىراق بولمغان مارىلاند شتاتىدىكى مېد قورغانىدا.ئۇ ئاساسلىقى ئاق ساراي،مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى،گوۋۇيۇەن ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىگىنى ئاخبارات بىلەن تەمىنلەيدۇ.

   دۆلەتلىك خەرىتە نەشرىياتى مەھكىمىسى: ئۇنىڭ نامى 2002-يىلى دۆلەتلىك جۇغراپىيلىك ئورۇننى بېكىتىش ماتىرىيال مەھكىمىسى دەپ ئۆزگەرتىلىدى. بۇ ئاخبارات ئورگىنى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىگىنى خەرىتە، سۈرەت ۋە جۇغراپىيلىك ئاخبارات ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ. باش شىتابى مارىلاند شتاتىدىكى بېدىرىس شەھىرىدە بولۇپ،نۆۋەتتكى مەسئۇلى لېيتېنات گېنېرال  جامۇس .كېلايبېر.

دۆلەت يەر شەكلىنى تەكشۈرۈش ئىدارىسى:غەيرى رەسىمى نامى ئالەم بوشلۇقى چارلاش ئىدارىسى.رۇسىيە دۆلەتلىك ئالەم بوشلۇقى ھەربى چارلاش ئىدارىسى دەپمۇ ئاتايدۇ.ئاساسلىقى ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى ئاخبارات ئورگانلىرىنى سۈنئى ھەمرا چارلاش ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلەشكە مەسئۇل بولىدۇ.ھازىرقى مەسئۇلى پېد.دېس.بۇ ئورگان 1960يىلى قۇرۇلغان.باش شىتابى ۋېرگىنىيە  شتاتىدا بولۇپ ،خىزمەتچى خادىمى تەخمىنەن 3000ئەتىراپىدا.

ھاۋا ئارمىيىسى ئاخبارات ئىدارىسى:ئاساسلىق ۋەزىپىسى چەتئەل ھاۋا ئارمىيىسى پائالىيەتلىرىنىڭ يۈزلىنىشىنى توپلاش،تەھلىل ۋە تەتقىق قىلىشتىن ئىبارەت.بۇ ئورگان 1972-يىلى قۇرۇلغان.خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ سانى تەخمىنەن 15مىڭغا يېتىدىغان بولۇپ ،ئاساسلىقى ھەربىيلەر.ئۇنىڭ مالىيە خامچوتى تەخمىنەن بىر مىلىيارد 500مىلىيۇن بولۇپ،ھازىرقى مەسئۇلى مايۇر گېنېرال بوۋېر.لېبورىي ،باش شىتابى تېكساس شتاتىدىكى كېررى ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا.

دېڭىز ئارمىيىسى ئاخبارات ئىدارىسى ئۇ ئاساسلىقى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيسىدىكى ھەر قايسى ھەربىي پاراخۇتلىرىنىڭ تەلىۋى بويىچە رازۋېتكا قىلىدۇ ۋە چەتئەل رازىۋتكىسغا تاقابىل تۇرىدۇ.1964-يىلى ئامېرىكا بۈگۈنكى كۈندىكى دېڭىز ئارمىيىسى ئاخبارات ئىدارىسىنى قۇرۇپ چىققان.سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىش بىلەن بۇ ئورگاننىڭ رولىمۇ ئازلاپ قالغان.نۆۋەتتە خىزمەتچى خادىمى 16مىڭ بولۇپ،مالىيە چىقىمى تەخمىنەن بىر مىلىيارد 200مىلىيۇن بولماقتا.

دېڭىز ئارمىيسنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قسىمى ئاخبارات ئىدارىسى.بۇئورگان  ئىككى قىسىمدىن تەركىپ تاپقان.يەنى دېڭىز ئارمىيسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قسىمى قوماندانلىق شىتابى چارلاش باشقارمىسى ۋە چارلاش كاپالەت باشقارمىسىدىن تەشكىل تاپقان.ئالدىنقىسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قلىش قىسمغا تەۋە،كىينكىسى دۆلەتلىك دېڭىز ئۇستى چارلاش مەركىزىگە تەۋە. باش شىتابى ۋېرگىنىيە شىتاتىدا. ئۇ دېڭىز ئارمىيسنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسمىنى  ھەربى ھەركەت توغرىسىدىكى ئاخبارات بىلەن تەمىنلەيدىغان بولۇپ،ئاساسلىقى ھەربى تاكتىكا جەھەتتىكى ئاخبارات بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.

قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى ئاخبارات ئىدارىسى:ئاساسلىقى ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنى ۋە ئامېرىكىنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا قوللانغان  ھەربى ھەرىكەتلىرىنى ئاخبارات ياردىمى بىلەن تەمىنلەيدۇ.ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى ئاخبارات تەرەققىياتنىڭ ئالتۇن مەزگىلى 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلى بولغان.2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ،ئۇ ئامېرىكىنىڭ ئاساسلىق ئاخبارات ئورگىنى بولۇپ قالغان.ئەمما ئۇرۇشتىن كىيىن كۆپ قىسىم ھەربىلەرنىڭ ھەربىيلىكتىن چېكىشى بىلەن بۇ ئورگان نۇرغۇن ئىختىساس ئىگىللىرىدىن ئايىرلىپ قالغان.1947-يىلى قۇرۇلغان مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى ئۇنىڭ ئورننى تېخمۇ تۆۋەنلتىۋەتكەن.ھازىر ئۇنىڭ مالىيە چىقىمى تەخمىنەن بىر مىلىيارد ئامېرىكا دوللىرى بولماقتا.خىزمەتچى خادىمى 13مىڭ .ئۇندىن باشقا  ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيسىدىكى ھەر بىر جىتۇەنجۇننىڭ بىردىن چارلاش بېرگادىسى بار.

دېڭىز قىرغىقى قوغداش ئەتىرتى:ئاساسلىقى ئامېرىكىنىڭ دېڭىز قىرغىقىغا مۇناسۋەتلىك ئاخپاراتلارنى توپلاشقا مەسئۇل.گەرچە ئۇ دۆلەت زىمىن بېخەتەرلىك مىنىستىرلكگە تەۋە بولسمۇ،بىراق دېڭزى قىرغىقى قوغداش ئەتىرتى ئىزچىل ھالدا ئامېرىكىدىكى 5چوڭ ئارمىينىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە.ئۇنىڭ ئاساسلىق فۇنكسىيىسى زەھەر ئەپكەسچىللىرىگە ،ئىكىلوگىيە جىنايەتچىلىرىگە ۋە تېرورلۇق ھەركەتلىرىگە زەربە بىرىش بولۇپ،ئۇندىن باشقا جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش ھەركىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىدۇ.ئەمما ئۇنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى يەنىلا تەكشۈرۈش بولۇپ، ئادەتتە چارلاش ئىلىپ بارمايدۇ.

چارلاش ۋە تەكشۈرۈش ئىدارىسى :ئامېرىكا گوۋۇيۇەنى قارمىقىدىكى چارلاش ۋە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئاساسلىقى سىياسى ۋە ئىقتسادى ئاخبارات خىزمىتى  ۋە دۆلەتنىڭ بىخەتەرلگى جەھەتتىكى خىزمەتلىرى  بىلەن شۇغۇللىندۇ.بۇ ئورگان ئاساسلىقى ئامىركدىكى باشقا ئاخبارات ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئاخبارات توپلايدۇ ھەمدە مەخپى ھەركەت پىلانى ۋە دۆلەتنىڭ ئاخبارات ئۇنۋىرسسال پىلاننى تۇزۇشكە قاتنىشدۇ.

ئىنىرگىيە مىنىستىرلگى ئاخبارات ئورگىنى :ئاساسلىقى چەتئەلنىڭ ئىنىرگىيگە مۇناسىۋەتلىك بولغان سىياسى ،ئىقتسادىي ۋە تېخنىكا جەھەتتىكى ئاخپاراتلىرنى توپلاش .ئامېرىكا ئىنىرگىيە مىنىستىرلگىنىڭ مىنىستىرى سىپىنىس.ئابراخام.يېقىنىقى يىللاردىن بېرى،ئامېرىكا ئىنىرگىيە مىنىستىرلگى ئاخبارات ئورگىننىڭ فۇنكسىيىسى  دۆلەتنىڭ يادىرۇ ئىنىرگىيسى بېخەتەرلىك ساھەسىگىچە كېڭەيدى.ئىنىرگىيە مىنىستىرلگى ئاخبارات ئورگىنى ئاساسلىقى چەتئەللەرنىڭ  يادىرۇ ئىنىرگىيسى ساھەسىدىكى پائالىيەتلىرى توغرىسىدىكى ئاخپاراتلارنى تەھلىل قىلىش بولۇپ،بەزى دۆلەتلەرنىڭ يادىرۇ قوراللىرنى ياساش ئىقتدارى ۋە يېڭى يادىرۇ تېخنكىس جەھەتتە تەھلىل ئىلىپ بارىدۇ.

مالىيە مىنىستىرلگى ئاخبارات ياردەم باشقارمىسى:ئاساسلىقى مالىيە مىنىستىرنى خەلقئارا پۇل مۇئامىلە ئاخپاراتى بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەت. بۇ باشقارما1977-يىلى قۇرۇلغان. ئامېرىكا مەبلىغىنىڭ خەلقئارا تېرورلۇق تەشكىلاتلىرغا ئېقىپ كىتىشنى توسۇش مەزكۇر باشقارمنىڭ مۇھىم خىزمەتلىرنىڭ بىرى.

دۆلەت زېمىن بېخەتەرلىك باشقارمىسى:ئۇنىڭ ئاساسلىق فۇنكسىيىسى تېرۇرلۇق ۋەقەلىرنىڭ يۇز بىرىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش. شۇنڭ بىلەن بىر ۋاقتتا يەنە تېرۇرلۇق ۋەقەلىرى يۇز بەرگەندىن كىيىن ، ئۇنىڭ تەسىرنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۇشۇرۇش ھەمدە مۇھىم ئورگانلارنىڭ خىزمتنى تىز سۇرئەتتە ئەسلگە كەلتۇرۇش."11-سىنتەبىر "ۋەقەسى يۇز بەرگەندىن كىيىن ،ئامېرىكا بۇ ئورگاننى قۇرغان.ئۇنىڭ رەھبىرى بوشنىڭ يېقىن دوسىتى تام.رېچ.2003-يىلى 3-ئايدا ئۇنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى 180مىڭغا يەتكەن.

ئامىركدىكى بارلىق ئاخبارات ئورگانلىرى دۆلەت بېخەتەرلىك كومتتى ۋە پىرزدىنتنىڭ كونتۇرۇللىغدىكى دۆلەت ئاخبارات كومتتىنىڭ باشقۇرشدا بولىدۇ.

قەشقەر كونشەھەر ئاۋات ئوتتۇرا مەكتەپ دىن توختھاجى يۇنۇس

[qarluq تەستىقلىدى . 2010-3-10 14:14:31]
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 362 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01