ۋاگېنېر(1813-1883)

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

ۋاگېنېر
(1813-1883)

   ۋاگنېر گېرمانىيەنىڭ داڭلىق كومپۇزىتورى، دىرىژور، كومىدىيە رېجىسسورى ۋە ئوبزورچىسى. ئاساسلىقى  مۇزىكىلىق تىياتىر ساھەسىدە نەتىجە قازانغان.

   ۋاگنېر    1813-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى لېپزىگدىكى يەھۇدىلار مەھەللىسىدە تۇغۇلغان. كىچىكىدىن باشلاپلا  بىتخوۋىن ، مۇزارت قاتارلىقلارنىڭ مۇزىكىلىرىنى ياخشى كۆرۈپ رۇيال چېلىش ۋە كومپىزىتۇرلۇقنى ئۆزلىگىدىن ئۈگەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە شىكسپىر، گىيوتى دىراممىلىرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. 15 ياش ۋاقتىدا، 5پەردىلىك شېئىرى تېراگىدىيىنى يېزىپ ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا يەنە شوپېنخائۇئېر  قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان. 1833-يىلى يازدا ۋولزىبورىگدا ئوپىرا دېرژورى بولغان. ھەمدە ئوپىرا ئىجادىيتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان.1840 -يىلى ،1841-يىلى ئۆزنىڭ تۇنجى ۋەكىلىك خاراكتىرگە ئىگە ئوپىراسى «گوللاندىيلىك سەرگەردان»نى تاماملىغان. 1843 -يلى، دېلىستون ئوردا ئوپىرا تىياتىرخانسىنىڭ دىرژورى بولغان.
     1845-يىلى گىرمانىيە رىۋايەتلىرىگە ئاساسەن ئىشلەنگەن «توۋېنسون»ناملىق دىرامما ئىجادىيتىنى پۈتتۇرگەن. 1849-يىلدىن كىيىن، چەتئەللەردە 15يىل سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن. 1876-يىلى 8-ئايدا، يېڭدىن قۇرۇلغان لېپزىگ تىياتىرخانىسدا ئشلەپ ، ناھايتى زور مۇۋەپىقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. ئۇنىڭ مەشھۇر ئەسەرلىرىدىن «گېرمانىيە مۇزىكىسى توغرىسىدا»،«سەنئەت ۋە ئىنقلاپ »،«كەلگۈسىدىكى سەنئەت ئەسەرلىرى» ۋە «ئوپىرا ۋە كومدىيە » قاتالىقلار بار.

   ۋاگنېر ھايات ۋاقتىدا گېرمانىيەنىڭ مەشھۇر پەيلاسوپى نىتچە بىلەن بىر مەزگىل يېقىن دوست بولۇپ ئۆتكەن. يەھۇدىلار مەھەللىسىدە چوڭ بولغان ۋاگنېر گېرمانىيەنىڭ يەھۇدىلارغا قارشى تۇرۇش ئىدىيىسىنى بەرپا قىلغانلارنىڭ بىرى دىسە مۇبالىغە بولمىغۇدەك دەرىجىدە يەھۇدىلارنى چەتكە قېقىش ئىدىيىسىنى تارقاتقان. ئادولىف ھېتلىر ۋاگنېر مۇزىكىلىرىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرگەنلىكتىن شۇنداقلا ۋاگنېر مۇزىكىلىرىدىن يەھۇدىلارغا قارشى تۇرۇش تەشۋىقاتى سۈپىتىدە پايدىلانغانلىقتىن، شۇنداقلا يەھۇدىلار ۋاگنېر تەرىپىدىن داۋاملىق گېرمانىيەدىكى قارشى ئېلىنمايدىغان مېھمان سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغانلىقتىن، يەھۇدىلار ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلىدىغان بىر قىسىم كىشىلەر ۋاگنېرنى فاشىستلارنىڭ نەزەرىيىچىسى دەپ قاراپ ئۇنىڭ بارلىق سەنئەت ئىجادىيەتلىرىنى يوققا چىقىرىدۇ.

   ۋاگنېر مۇزىكا ساھەسىدە ئېغىر مېتال ۋە روك مۇزىكىلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىغا ئەڭ دەسلەپكى ئاساس سالغانلارنىڭ بىرى بولۇپ، جىم ستېينمان قۇرغان گېرمانىيەدىكى  ۋاگنېر روك مۇزىكا ئەترىتى ۋە رامىستېين مۇزىكا ئەتىرىتى ۋاگنېرنى ئۆزلىرىنىڭ ئۇستازى ھىساپلىشىدۇ. 

ۋاگنېر  ئۇ 1883-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ مۇزىكا كومدىيلىك سەھنە ئەسەرلىرى ناھايتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ،ئەينى ۋاقىتتكى دۇنيا مۇزىكا تەرەققىياتىغا بەلگىلەش خاراكتىرلىق تەسىرى كۆرسەتكەن.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 429 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01