ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

گېرمانىيەنىڭ بىرلىككە كېلىش تارىخى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

     گېرمان مىللتىنىڭ شەكىللىنشى ئۇزاق بىر جەريان. ئادەتتە گېرمانيە تارىخى مىلادى 919-يىلى باشلانغان دەپ قارىلىدۇ.بۇ يىلى ساكسون كىنەزى ھېنرى (1-)شەرقى فىرانك پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھ بولۇپ،گىرمانىيە خاندانلىقىنى قۇرغان. ھېنرى (1-)نىڭ ئوغلى ئوتتۇ(1-) تەختكە ۋارسلىق قىلغاندىن كىيىن،ئاتالمىش تەڭرى بەرگەن خانلىق ھوقۇققا ئىرىشىش ئۈچۇن ،مىلادى 968-يىلى پاپا يوھان(12-)نى  رىمدا ئۆزىگە تاج كېيگۈزۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۇپ بىرشكە قىستاپ، ئۆزىنى «رىم پادىشاھى»، گېرمانىيە پادىشالىقىنى «گېرمان مىللىتنىڭ مۇقەددەس رېم ئېمپىرىيسى »دەپ ئاتىغان بولۇپ، بۇ گېرمانىيە تارىخىدا ، «بىرىنچى ئىمپىرىيە »دەپ ئاتالغان.مۇقەددەس رىم ئمپىرىيسى باشتىن ئاخىرى ھوقۇق مەركەزگە مەركەزلەشكەن بىرلىككە كەلگەن دۆلەت بولۇپ تۇرالمىغاچقا،يەرلىك فىئودال كۈچلەرنىڭ كۈنسىرى زورىيشغا ئەگشىپ،پادىشاھنىڭ ھوقۇقى كۈنسىرى ئاجىزلاپ،نۇرغۇن كىچىك پادىشاھلىقلار شەكىللەنگەن.بۇ چاك-چېكدىن بۆسلۇپ كەتكەن ئىمپىرىيە ئاخىرى  چوڭ ئىككى پادشاھلىق :پىرۇسىيە بلەن ئاۋستىرىيە ۋە باشقا ئوتتۇز نەچچە چوڭ كىچىك كېنەزلىكلەرگە بۆلۈنۈپ كەتكەن.

   17-18-ئەسىردە گېرمانىيە ئەينى ۋاقتتىكى ياۋرۇپا چوڭ قۇرۇقلىقدا سانائەت ۋە ئىقتىسادى تەرەققىي قىلىپ، كۈچلۈك رايونلاردىن بولۇپ قالغان. 19-ئەسىرنىڭ دەسلىۋىدە ناپالىئون گېرمانىينى ئىگەللگەندىن كىيىن، گېرمانىيدىكى مۇقەدددەس رېم ئىمپىرىيسى پادىشاھى دىگەن نامنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. شۇنىڭ بىلەن ئىسىمى بار جىسمى يوق مۇقەددەس  رىم ئىمپىريسى  گومىران بولغان. 19-ئەسىرنىڭ كىينكى يېرىمىدا، پىرۇسىيە ئۇچ قېتىم خانلىق ئۇرشى ئارقىلىق،گىرمانىينى پىرۇسىينىڭ كونتۇرۇلىقغا ئېلىپ،بىرلىككە كەلتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرغان.1864-يىلى دانىيە ئۇرشىدىن كىيىن،پىرۇسىيە بىلەن ئاۋستىرىيە دانىيەنى رايۇنىنى بۆلۈپ بىرىشكە مەجبۇرلىغان.1866-يىلى پىرۇسىيە ،ئاۋستىرىيە ئۇرۇشىدا ،ئاۋستىرىيە مەغلۇپ بولۇپ،گېرمانىيە فىدراتسىيسىدىن ئايرىلىپ چىقىپ كىتىشكە مەجبۇر بولغان.گىرمانىيە فىدراتسىيسى پارچىلانغاندىن كىيىن،ئۇنىڭ ئورنىنى ئىگىلگىنى مېيىن دەرياسنىڭ شىمالىدىكى ھەر قايسى پادىشاھلىقلارنى ئۆز ئىچگە ئالغان.پىرۇسىيە يتەكچلىكدىكى شىمالى گىرمانىيە فىدراتسيسى بولغان.پىروسىيە 1870-يىلى پارتىلغان پىرۇسىيە فىرانسيە ئۇرشىدا فىرانسىينى مەغلۇپ قىلىپ،شۇ يىل 1-ئاينىڭ 18-كۈنى پىرۇسىيە پادشاھى ۋېليام (1-)فېرانسىينىڭ ۋېرسال سارىيدا پادىشاھلىق تاجى كىيىپ،گېرمانىينىڭ پادشاھى بولۇپ،«ئىككىنچى ئىمپىرىيە»نى قۇرغان.1914-يىلى پارتلغان 1-دۇنيا ئۇرشى گېرمانىيە ئىمپىريسنىڭ ھالاك بولىشى بىلەن ئاخىرلاشقان.ئۇرۇش گېرمانىيدە تۇنجى قېتىم فېدراتىپ جومھۇرىيەت قۇرۇش پۇرستىنى شەكىللەندۇرۇپ، جومھۇرىيەت قۇرلۇپ،بۇ تارىختا «ۋېمار جومھورىيتى »دەپ ئاتالغان.1933-يىلى 1-ئاينىڭ30-كۈنى گېتلىر فاشستىك مۇستەبىت  ھۆكىمرانلىقىنى ئورنتىپ،ۋېيمار جومھورىيتىنىڭ گومىران بولغانلىقىنى جاكارلىغان. گېتلىر ھۆكىمرانلىقىدىكى فاشستىك گېرمانىيە «3-ئىمپىرىيە »دەپ ئاتالغان. 1939-يىلى 3-ئايدا گېرمانيە فاشستلىرى چېخسلۋاگىيگە ھۇجۇم قوزغىغان. 1939-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى گېرمانىيە قوشۇنى پولشاغا كىرىپ، ياۋرۇپا ئۇرۇشىنى قوزغىغان. 1945-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى مەغلۇپ بولۇپ شەرتسىز تەسلىمنامىگە قول قويغان.

   ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى گېرمانيىنىڭ ئېغىر مەغلۇبىيتى بلەن ئاخىرلاشقان. پوتسىدام يىغىنىدىكى ئەنگىلىيە ، ئامىرېكا ، فىرانسىيە، سوۋىت ئىتتپاقى قاتارلىق 4دۆلەتنىڭ كېلشىمگە ئاساسەن، گېرمانىيە تۆتكە بۆلۈنۈپ ،ئۇرۇشتا غەلبە قىلغان 4 دۆلەتكە بۆلۇپ بىرىلىپ، 4دۆلەتتىن تەشكىللەنگەن ئەڭ ئالي باشقۇرۇش ئورگىنى –ئىتتپاقداشلار باشقۇرۇش كېڭشى گېرمانىينى ئىدارە قىلىش قارار قىلىندى. ئەمما ئومۇمىي نىشان جەھەتتكى پەرق تۇپەيلى ، ئۇرۇشتىن كىين ، ئامىرېكا باشچىلىقدىكى غەرىپ لاگېرى بىلەن سوۋىت ئىتتپاقى باشچىلقىدىكى كومنىزىم لاگىرى ئاستا –ئاستا يىراقلىشىپ، 1948-يىلى3-ئايدا ،ئەنگىلىيە ،ئامىرېكا ، فىرانسىيە قاتارلىق 3دۆلەت لوندۇندا يىغىن ئۆتكۈزۇپ، دەسلەپكى قەدەمدە ئۈچ دۆلەت باشقۇرۋاتقان گېرمانىيە زىمىننى بىرلەشتۇرۇپ،گېرمانىينىڭ غەربىدە بىر يېڭى كاپىتالىستىك ھاكىميەت ئورنىتىپ سوۋېت كومۇنىزىمىنىڭ غەرپكە داۋاملىق كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى قارار قىلدى. بۇنڭغا نىسبەتەن سوۋىت ئىتتپاقىمۇ قارشى تەدبىر قوللۇنۇپ، ئالدى بىلەن ئىتتپاقداشلار باشقۇرۇش كېڭىشىدىن چىكىنىپ چىقىپ، ئۆزىنىڭ سوتسىيالىستىك شەرقىي گېرمانىيە ھاكىمىيتىنى قۇرۇش پىلانىنى ئىلان قىلىدى.

   ئەمما ،گېرمانىينىڭ شەرق ،غەربگە بۆلنۇپ كىتشنى كەلتۇرۇپ چىقارغان ئوت پىلتىسى 1948-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى غەرب ئىشغال رايۇندا ئېلىپ بېرىلغان پۇلنى قايتدىن رەتكە سېلىش پىلانى سەۋەبدىن بولغان. ئەينى ۋاقتتا ئامېرىكا ،ئەنگىلىيە ،فىراسىيە قاتارلىق ئۈچ دۆلەت ئىشغال رايۇندا ئايرىم –ئايرىم تارقىتۋاتقان پۇلنى بىرلىككە كەلتۇرۇش ھەركىتى ئېلىپ بىرىپ ،سوۋىت ئىتتپاقى ئىشغال رايۇننى ئايرىپ قويۇپ، ئاتالمىش غەربىي گىرمانىيە ماركىنى تارقاتقان. سوۋىت ئىتتپاقى ئىشغال رايۇندىمۇ قسقىغىنە ئۇچ كۈن ئىچىدە ، شەرقى گېرمانىيە ماركى تارقتىلغان. بۇ  گېرمانىينىڭ شەرىق ،غەربدىن ئىبارەت ئىككى قىسمغا رەسمىي ئايرىلىپ كەتكەنلگدىن دىرەك بىرەتتى. شۇندىن كىين شەرقى گېرمانىيە 1948-يىلدىن باشلاپ،غەربى گېرمانىيە ماركى ئىشلتىلگەن غەربىي بېرلىن رايۇنىنى 11ئاي قامال قىلىپ، مۇشۇ ئارقىلىق پۇتكۇل بېرلىن رايۇننى كونتۇرۇللىقغا ئېلىش مەقسىدىگە يەتمەكچى بولغان. ئەمما غەرىب دۆلەتلرى ھاۋا قاتنىشى ئارقىلىق توشۇش ئۇسۇلىنى قوللۇنۇپ، ياردەم بىرىپ تۇرغان بولغاچقا، مەقسىدىگە يىتەلمگەن. بېرلىندىكى قامال بىكار قىلىنىپ (1949-5-12)،ئۇزاق ئۆتمەي ،يەنى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى ،غەربى گېرمانىيە فىدىراتىپ جومھورىيتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان.شەرقى گېرمانىيمۇ 10-ئاينىڭ 7-كۈنى گېرمانىيە سوتسيال بىرلىككە كەلگەن پارتىسدىن ئىبارەت بىر پارتىيە دىكتاتۇرلىقدىكى سوتسىيالستىك جومھورىيەتنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئىلان قىلغان.

   ئەنگىلىيە ،ئامىرىكا ،فىرانسىيە ئىشغال رايۇندىن تەشكىللەنگەن غەربىي گېرمانىيە ئامىرېكا باشچىلقدىكى  ش ئا ئە ت گە كىرگەندىن كىيىن، شەرقى گېرمانىيمۇ سوۋىت ئىتتپاقى باشچىلىقىدىكى سوتسيالىزىم لاگىرى – ۋارشاۋا تەشكىلاتغا كىرگەن.1989-يىلى دىمگۇراتىك گېرمانىيە ۋەزىيتدە جىددىي ئۆزگۈرۇش بولۇپ،شۇ يىلى 5-ئايدىن باشلاپ زور تۈركۈمدىكى گېراژدانلار فىدراتىپ گېرمانىيگە چىقىپ كەتكەن.10-ئاينىڭ دەسلىۋدە نۇرغۇن شەھەرلەردە ئوخشاش بولمغان كۆلەمدىكى نامايشلار بولۇپ،چەتئەلگە چىقىپ ساياھەت قىلشقا رۇخسەت قىلىشنى ھەمدە ئاخپارات ۋاستىلىرىگە قويغان چەكلىمنى بىكار قىلشنى تەلەپ قىلغان .10-ئاينىڭ 18-كۈنى ،دىمگۇراتىك گىرمانىيە زۇڭلىسى ئىستپا بەرگەنلكىنى جاكارلىغان.11-ئاينىڭ 9-كۈنى ،«بېرلىن تېمى»ئېچۋتىلگەن.11-ئاينىڭ 28-كۈنى فىدراتىپ گېرمانىيە زۇڭلىسى كار ئىككى گېرمانىينى بىرلىككە كەلتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ پىلاننى ئوتتۇرغا قويغان.1990-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈندىن 14-كۈنگىچە،دىمگۇراتىك گېرمانىيە زۇڭلىسى مودولوف تۇنجى قېتىم فىدىراتىپ گېرمانىينى زىيارەت قىلغان.3-ئاينىڭ 18-كۈنى دىمگۇراتىك خەلق پارلامنتى ئەركىن سايلامنى يولغا قويۇپ،دېمايزېر ( Demaiziere) زۇڭلىلىققا تەئىنلەنگەندىن كىيىن،ئىككى گېرمانىينىڭ بىرلككە كىلىش قەدىمى تىزلەشكەن.5-ئاينىڭ 18-كۈنى ئىككى گېرمانىيە بونىندا پۇل،ئىقتساد ۋە ئىجتمائى جەھەتلەردە ئۆز –ئارا ھەمكارلىشدىغان ئىتىپاقداش دۆلەت قۇرۇش ئەھدىنامسىگە ئىمزا قويغان .8-ئاينىڭ 31-كۈنى ئىككى تەرەپ بېرلىندا ئىككى گېرمانىينى بىرلىككە كەلتۈرۇش شەرتنامسىگە ئىمزا قويغان .9-ئاينىڭ 24-كۈنى دىموكراتىك گېرمانىينىڭ دۆلەتلىك خەلق ئارمىيسى رەسمىي ۋارشاۋا تەشكىلاتدىن چىكىنىپ چىققان.10 -ئاينىڭ 3-كۈنى دىمگۇراتىك گىرمانىيە رەسىمىي تۇردە فىدراتىپ گېرمانىيگە كىرگەن.دىموكراتىك گېرمانىينڭ ئاساسىي قانۇنى ،خەلق پارلامنتى ،ھۆكۈمىتى ئۆزلۈكىدىن ئەمەلدىن قېلىپ،ئەسلىدىكى 14رايۇن 5شىتات قىلىپ ئۆزگەرتىپ تەشكىللىنىپ، فىداراتپ گىرمانىيگە قوشۇۋتىلىپ،40نەچچە يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت پارچىلنىپ تۇرغان ئىككى گېرمانىيە ئاخىرى بىرلىككە كەلگەن. يەنى:گېرمانىيە فېدىراتىپ جومھورىيتى رەسمىي قۇرۇلۇپ،شەرقىي گېرمانىيە دىگەن دۆلەت مەڭگۈلۈككە يوقالغان.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 600 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01