گېرمانىيە فېدېراتىپ جومھۇرىيتى

   گېرمانىيە فېدېراتىپ جومھۇرىيتى.

ئەنگىلىزچە: The Federal Republic of Germany، نېمىسچە, Die Bundesrepublik Deutschland:

پايتەختى :بېرلىن.

نوپۇسى 3مىلىيۇن 387مىڭ (2012-يىلى 9-ئايدىكى سىتاتىسكا).

 نوپۇسى 81،799،299 (2012-يىل يىل ئاخىردىكى سىتاتىسكا )،%81.5 گېرمانلار ، 7%ىنى ياروپادىكى باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن كۆچمەنلەر، ئاز بىر قىسىمى سىگانلار ۋە سوربئانلار .ئۇندىن باشقا يەنە 3مىلىيۇندىن كۆپىرەك تۈركىيلىكلەرنىڭ، 7مىلىيۇن 500مىڭغا يېقىن باشقا دۆلەت كۆچمەنلىرىنىڭ ئەۋلاتلىرى بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ % 9 نى ئىگىلەيدۇ. گىرمان تىلىنى ئورتاق ئىشلىتىدۇ. ئاھالىسنىڭ %33.7 خىرستىيان دىنغا ،%33.2 رىم كاتۇلىك دىنغا ،%3.7ئىسلام دىنغا ئىتقات قىلدىغان بولۇپ،دىنسىزلار ۋە باشقا دىنغا ئىتقات قىلدىغانلار% 28.3 ئىگلەيدۇ.

 يەر مەيدانى: 357مىڭ22كۋادىرات كىلومېتىر.

يىللىق ئوتتۇرچە تىمپۇراتۇرسى 8.6سىلسىيە گىرادۇس

ئىقتىسادى: . پۇلى: ياۋرۇ ئۇنۋىرسسال مىللى ئىشلەپچقىرىش قىممىتى : $3.818تېرلىيۇن دوللار (2008-يىلى 7-ئايدىكى سىتاتىسكا ).كىشى بېشغا توغرا كىلدىغان مىللى ئىشلەپچقىرىش قىممىتى 34800دوللار ،يىللىق ئىقتسادىنىڭ ئېشىش نىسبىتى : %2.2 


بايراملىرىگېرمانىينىڭ بىرلىككە كەلتۇرۇلگەن سىمۇۋۇلى : بىراندېنبورگ دەرۋازىسى. ئورنى بېرلىن شەھەر مەركىزدىكى فىكوس دەرىخى كوچىسى بىلەن 6-ئاينىڭ 17-كۈنى كوچىسنىڭ قوشۇلغان جايدا بولۇپ ،بېرلىن شەھەر رايۇندىكى داڭلىق ساياھەت رايۇنى ۋە گېرمانىينىڭ بىرلككە كەلگەن سىمۇۋۇلى ھېساپلىندۇ.ئىككى گېرمانىيە بىرلىككە كەلگەن 10-ئاينىڭ 3-كۈنى دۆلەت بايرىمى كۈنىقىلىپ بەلگىلەنگەن. گېرمانىيىدە بېكىتىلگەن خاتىرە كۈنلەردىن يەنە ناتسېستلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچۇرغۇچىلار خاتىرە كۈنى: 1-ئاينىڭ 7-كۈنى(سابىق سوۋىت ئىتتپاقى قىزىل ئارمىيسى ناتسېستلار گېرمانىيسى بېرلىن چىگىرسى ئىچگە قۇرغان ئودۋنسىن يىغۋىلىش لاگىرنى ئازات قىلغانلىقىنى خاتىرلەش كۈنى بولۇپ،1996-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى بىكتىلگەن )، دىموكراتىيە كۈنى:5-ئاينىڭ 7-كۈنى قاتارلىقلار بار. 

قىسقىچە تارىخى: مىلادىدىن ئىلگىرى گېرمانىيە چىگىرىسى ئىچدە گېرمانلار ئولتۇراقلاشقان. مىلادى 2-3 ئەسىردە تەدىرىجى ھالدا قەبىلە بولۇپ شەكىلەنگەن.10-ئەسىرگە كەلگەندە، دەسلەپكى قەدەمدە فىئودانلىق دۆلەت شەكىلەنگەن.13-ئەسرىنىڭ ئوتتۇرلىرىدا، فېئوداللىق ئىگىلىنىشكە قاراپ يۈزلىنىشكە باشلىغان. 18-ئەسىرنىڭ دەسلىۋىدە، ئاۋىستىرىيە ۋە پىرۇسسىيە باش كۆتۈرۇپ،1815-يىلى ۋىنا يىغىنغا ئاساسەن، گېرمانىيە فىدراتسىيسى بولۇپ تەشكىللەنگەن.1848-يىلى گىرمانىينىڭ ھەر قايسى جايلىردا ئىنقلاپ پارتىلاپ، پىرۇسسىيە 1866-يىلدىكى «يەتتە ھەپتىلك ئۇرۇش»دا ئاۋستىرىينى مەغلۇپ قىلىپ،ئىككىنچى يىلى غەربىي گىرمانىيە فىدىراتسىيسىنى قۇرۇپ چىققان.1871-يىلى بىرلىككە كەلگەن گېرمانىيە ئىمپىرىيسى قۇرۇلغان.مەزكۈر ئىمىپىرىيە 1914-يىلى 1- دۇنيا ئۇرۇشىنى كەلتۈرۇپ چىقىرىپ،1918-يىلى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ، گومىران بولغانلىقىنى جاكارلىغان. 1919-يىلى 2-ئايدا،گېرمانىيدە ۋېمار جومھۈرىيتى قۇرۇلغان. 1933-يىلى گىتلىر تەختىكە چىقىپ،ئۆزنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى يولغا قويغان.گېرمانىيە 1939-يىلى 2-دۇنيا ئۇرۇشىنى قوزغاپ،1945-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ تەسلىم بولغان.ئۇرۇشتىن كىيىن،يالتا كىلشىمى ۋە پوتىستام كىلشىمگە ئاساسەن،ئامېرىكا ، ئەنگىلىيە ، فىرانسىيە، سوۋىت ئىتتپاقى قاتارلىق 4دۆلەت تەرپدىن ئىشغال قىلىنىپ، تۆت دۆلەتتىن تەشكىللەنگەن ئىتتپاقداش دۆلەتلەر باشقۇرۇش كومتىتى گېرمانىينى بىۋاستە باشقۇردىغان ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگان بولغان.بېرلىن شەھرىمۇ 4 ئىشغال رايۇنغا بۆلۈنگەن.1948-يىلى 6-ئايدا،ئامىرېكا ،ئەنگىلىيە ،فىرانسىيە قاتارلىق ئۇچ دۆلەت ئىشغال رايۇننى بىرلەشتۈرۇپ،شۇ يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى قوشۋىتلگەندىن كىينكى غەربىي قىسىم ئىشغال رايۇندا گېرمانىيە فىدراتىپ جومھورىيتىنى قۇرغان.شۇ يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى شەرقى قسىمدىكى سوۋىت ئىشغال رايۇندا گىرمانىيە دىموكراتىك جومھورىيتى قۇرۇلغان. گېرمانىيە شۇندىن كىيىن رەسمىي تۇردە ئىككى دۆلەت بولۇپ پارچىلانغان. 1990-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى ئىككى گېرمانىيە بىرلىككە كېلىپ گېرمانىيە قايتىدىن ياۋرۇپادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت سۈپىتىدە نامايەن بولغان. 

   ئىقتسادى: گېرمانىيە يۈكسەك دەرىجدە تەرەققىي قىلغان سانائەت دۆلىتى. ئىقتسادى ئەمەلىي كۈچى ياۋرۇپا بويچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئىقتسادىي جەھەتتە دۇنيا بويچە ئۈچىنچى چوڭ دۆلەت بولۇپ ھىساپلىندۇ. گېرمانىيە تاۋار ئىكسپورت قىلىدىغان چوڭ دۆلەت بولۇپ، سانائەت مەھسۇلاتلىرنىڭ يېرىمى دىگۈدەك چەتئەلگە ئىكسپورت قىلنىدۇ. گېرمانىينىڭ ئىكسپورت سوممسى دۇنيا بويچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. گېرمانىيىدە ئۇچتىن بىر قىسىم خىزمەتچلەر ئىكسپورت ساھەسىدە خىزمەت قىلىدۇ. ئاساسلىق ئىكسپورت مەھسۇلاتلىرىدىن :ئاپتۇمۇبىل ،ئىشلەپچقىرىش ماشنا –ئۈسكۈنلىرى،ئېلېكترىك،تىرانسپورت ئەسلىھەلىرى،خىمىيە بويۇملىرى ۋە پولات تۆمۈر قاتارلىقلار بار . ئىمپورت مەھسۇلاتلىردىن ئاساسلىقى ئىشلەپچىقىرش ماشىنا –ئۈسكۈنلىرى ،تىرانسپورت ئەسلىھەلىرى، ئاپتۇمۇبىل ، نىفىت، كىيىم –كىچەك قاتارلىقلار بار. غەربتىكى سانائەت دۆلەتلىرىنى ئاساسلىق سودا ئوبىكتى قىلىدۇ. ھۆكمەت دۆلەت مالىيسنى تەرتىپكە سېلىش،خامچوت قىزىل رەقىمىنى ئازايتىش،باج تۇزمى ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىش،خۇسىسيلارنى مەبلەغ سېلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش، غەيرى دۆلەت ئىگلىكى خاراكتىرنى يەنمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلگەن ھالدا يولغا قويۇپ،دۆلەتنىڭ بىۋاستە ئارلىشۋىلىشنى ئازايتىش ،بازار تۈزۈلمسنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، خەلق ئىگلىگىنى داۋاملىق تۇردە ئاشۇرۇپ كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقتتا، پائال تەدبىر قوللۇنۇپ،ئۇچۇر- تېخنكا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۇش ۋە ئىگلىك قۇرۇلمىسنى تەرتىپكە سېلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. تەبئى بايلىقى كەمچىل بولۇپ،كۆمۈر ۋە تۇز زاپسى مول بولغاندىن باشقا، خام ماتىرىيال ۋە ئىنرگىيە مەنبەسى جەھەتتە زور دەرىجدە ئىمپورت قىلشقا تايندىغان بولۇپ،ئۇچتىن ئىككى قىسىم دەسلەپكى ئىنىرگىيە مەنبەسىنى ئىمپورت قىلىدۇ.گېرمانىيە سانائتى ئېغىر سانائەتنى ئاساس قىلغان بولۇپ،ئاپتۇمۇبىل ،ئىشلەپچقىرش ماشىنىلىرىنى ياساش، خىمىيە سانائتى، ئېلېكترىك قاتارلىقلار بارلىق سانائەت ئىشلەپچقىرىشى ئومۇمىي قىممتىنىڭ %40دىن يۇقۇرى قىسىمىنى ئىگلەيدۇ.يىمەكلىك ،توقۇمچىلق،كىيىم –كىچەك،پۇلات –تۆمۈر پىششقلاپ ئىشلەش،كانچلىق ،نازۇك ئۈسكۈنە ،ئوپتكا ۋە ئاۋاتىسيە سانئتىمۇ ناھايتى تەرەققىي قىلغان.ئوتتۇرا كىچىك تىپتىكى كارخانلار كۆپ ،سانائەت قۇرۇلمسىنىڭ تارقىلىشى تەكشى .يېزا ئىگىلكى تەرەققىي قىلغان بولۇپ،ماشىنلىشىش دەرىجىسى ناھايتى يۇقۇرى.يېزا ئىگلىك تېرلغۇ يېرىنىڭ ئىگلىگەن كۆلمى گېرمانىيە زىمىننىڭ يېرىمىغا دىگۈدەك توغرا كىلىدۇ. مەھسۇلاتى شۇ دۆلەتنىڭ %80 ئېھتياجىنى قاندۇرالايدۇ.ساياھەتچلىك ،قاتناش- تىرانسپورت ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان.گېرمانىيە پىۋا ئىشلەپچىقىردىغان چوڭ دۆلەت بولۇپ، پىۋا مەھسۇلات مىقتارى دۇنيا بويچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردۇ.گېرمانىيە يەنە ئەڭ بۇرۇن ماگىنتلىق لايلىمە تۆمۈر يول تېخنكىسنى مۇۋاپىقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ چىققان دۆلەت. 2002-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 24دىن باشلاپ،گېرمانىيە مارك ئوبۇرتىنى رەسمىي توختۇتۇپ،ياۋرۇنى گېرمانىينىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن پۇلى قىلىپ ئىشلتىشنى باشلىغان.گېرمانىيە تۇنجى تۈركۈمدە ياۋرۇ ئىشلەتكەن 11دۆلەتنىڭ بىرى.


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 964 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 3قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-03-07