مىللىي ئىستىقبالدا تەربىيىنىڭ قۇدرىتى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 1 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

   ‏ ‏ ‏  ‏ يۈسۈپچان ياسىن ‏ ‏ ‏ تەربىيە مائارىپقا مەنسۇپ قىلىنىدۇ. لېكىن، بۇ ئىككىسى  ئايرىم – ‏ئايرىم ئۇقۇم. تەربىيە بىلەن ‏مائارىپ ئوتتۇرىسىدا ھەم ئورتاقلىق ھەم ‏پەرقلىق تەرەپ بار. ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئورتاقلىق ھەر ‏ئىككىسى  ‏ئادەم  تەربىيىلەشنى  مەقسەت قىلىدۇ. پەرقلىق تەرىپى بولسا تەربىيە ‏مىللىيلىككە ئىگە ‏بولىدۇ. ئۇنىڭ تارىخى مىللەتنىڭ ھاياتلىق تارىخى بىلەن ‏تەڭ باشلانغان.‏‎ ‎مائارىپ ئىنسانىيەتكە ‏ئورتاق بولىدۇ. ئۇ ئىنسانلارنىڭ ‏مەدەنىيەتتىكى تەرەققىياتىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە تارىخنىڭ مەلۇم ‏بىر ‏دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن. ماھىيەت جەھەتتىن قارىغاندا، تەربىيە ‏ئىنساننىڭ  خاراكتېرىنى ‏يارىتىشنى ۋە ياشاش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈشنى، ‏يەنى ئىنسانغا ئادىمىيلىك خۇسۇسىيەت ئاتا ‏قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ‏دېمەك، ئۇ ئىنساننىڭ روھىغا چېتىلىدۇ. مائارىپ ئىنسانغا تارىختا ‏‏ياراتىلغان پەننىڭ ئۇقۇملىرىنى ۋە بىلىملىرىنى بىلدۈرۈشنى ئاساسىي ‏مەقسەت قىلىدۇ. ئۇ ئىنساننىڭ ‏مىڭىسىگە چېتىلىدۇ. يۇقىرىدا ‏دېيىلگىنىدەك، تەربىيە مائارىپ ئوقۇمى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن ‏‏بولسىمۇ،  لېكىن مائارىپنىڭ  پەنگە دائىر بىلىم  بىرىش خاراكتېرى ‏يەنىلا ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. ‏شۇڭا مائارىپ دېيىلگەندە كإپۈنچە ‏ئىنسانغا پەن بىلىملىرىنى يەتكۈزۈش كإزدە تۇتىلىدۇ.‏ ‏ مەلۇمكى، ھەر قانداق بىر مىللەت تارىخنىڭ پۈتكەن تەقدىرى ‏بويىچە يەر يۈزىدىكى بەلگىلىك بىر ‏زىمىن پارچىسىدە ھاياتلىق ماكانىغا ‏ئىرىشكەن. مىللەتنىڭ ئىرقىي ئالاھىدىلىكى ۋە  ئاشۇ ھاياتلىق ‏ماكانىدىكى ‏ماددى ۋە مەنىۋىي ئىمكانىيەتلەر، مىللەتنىڭ  تەقدىر – قىسمەتلىرى، ‏ئىرىشكەن ‏ھايات تەجرىبىسى ۋە مەۋجۇتلۇق ئېھتىياجى  مىللەتتە ‏باشقىلاردىن پەرقلىنىدىغان ھاياتلىق ‏چۈشەنچىسى،  ئېتىقاد، قىممەت ‏قاراش ۋە مىللىي زوقنى شەكىللەندۈرگەن. شۇ سەۋەپلىك، ‏مىللەتلەرنىڭ ‏ياشاشتىكى غايىسىمۇ بىرى بىرىگە ئوخشىمايدۇ. دېمەك، ھەر قانداق بىر ‏مىللەت بىر خىل ‏مىللىي مەدەنىيەت (كۈلتۈر)نى ياراتقان.

    مىللىي مەدەنىيەت ‏دىن، ئەخلاق، ھوقۇق، ئەقىل، ‏ئېستېتىكا، ئىقتىساد، تىل ۋە پەندىن ‏ئىبارەت  سەككىز تۈرلۈك ھاياتنىڭ بىر بىرگە ماسلاشقان ۋە چىڭ ‏ئۇيۇشقان ‏بىر پۈتۈنلىكىدىن ئىبارەت.  سىرتتىن قوبۇل قىلىنغان ھەر قانداق بىر ‏مەدەنىيەت بەلگىسى ‏مىللىي مەدەنىيەتكە ئاشۇنداق ماسلاشقان ۋە ‏ئۇيۇشقاندىلا، ئاندىن ئۇ مىللەت ئۈچۈن پايدىلىق ‏ئامىلغا ئايلىنىدۇ ۋە ‏مىللىي مەدەنىيەتنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.‏ ‏ مىللىي مەدەنىيەت ئإز نإۋىتىدە مىللەت بولۇپ تۇرۇشنىڭ ئاساسىي ‏ئېلمېنتىغا ۋە مىللەت ھالىتىدە ‏تەرەققىي قىلىشنىڭ ئاساسىي شەرتىگە ‏ئايلانغان. بۇنىڭدىن بىلىشكە بولىدۇكى، مىللەتنىڭ ۋىژدانىدا ‏مەۋجۇت ‏قىممەت ھإكۈملىرىنىڭ تامامى شۇ مىللەتنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنى ھاسىل ‏قىلىدۇ. تەربىيىنىڭ ‏ۋەزىپىسى دەل مىللەتنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنى شۇ ‏مىللەتنىڭ ھەر بىر ئەزاسىدا ئىپادىلىنىدىغان روھىي ‏ئادەت(تالانت) ‏ھالىتىگە كەلتۈرۈشتۇر. باشقىچە قىلغاندا، تەربىيە مىللەتنىڭ ياكى ‏جەمئىيەتنىڭ ئإز ‏ئەزالىرىنى ئإزىگە ئوخشاشلاشتۇرۇشىنى  ياكى ‏ئإزىنىڭ ۋەكىلىگە ئايلاندۇرىشىنى كإرسىتىدۇ. بۇ ‏جەرىيان تارىختا ‏ئائىلىۋىي تۇرمۇش ۋە جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك ھەرىكەت، مۇراسىم ۋە  ‏پائالىيەتلەردە ‏ئالدىنقى ئەۋلاتلارنى تەقلىد قىلىش ياكى ئۇلاردىن قوبۇل ‏شەكلى بىلەن ئەمەلگە ئاشقان. بۇ ئارقىلىق ‏تەربىيە ھېچقانداق بىر ‏تەشكىلىي ئورگاننىڭ كۈچىگە مۇھتاج بولمايلا، مىللەت ئەزالىرىنى ‏ئورتاق ‏تۇيغۇ، ئورتاق ۋىژدان، ئورتاق خاراكتېر، ئورتاق ئەخلاق ۋە ‏ئورتاق ئىدىئال(غايە)غا ئىرىشتۈرۈپ، ‏جەمئىيەتنى تەرتىپ بوزۇلۇش ‏ۋە مەنىۋىي بۇلغىنىشتىن خالى قىلغان. ئىنساننىڭ قىممىتىنىمۇ، بولۇپمۇ ‏‏ئۇنىڭ ياخشى(سەمىمىي--ئىنسانچىل) ياكى يامان (قەبىھ -- مۇستەبىت) ‏خۇسۇسىيىتىنى ئۇنىڭغا ‏سىڭگەن تەربىيە ئارقىلىق ئإلچەشنىڭ سەۋەبىمۇ ‏مانا شۇ.  ھېلىمۇ بۇزۇلغان جەمئىيەتلەردە تەربىيىنىڭ ‏بۇ جەھەتتىكى رولى ‏تېخىمۇ ئېنىق ھېس قىلىنماقتا.‏ ‏ ئەمەلىيەتتىمۇ ئىنساندىكى ئەڭ سەمىمىي ۋە ئەڭ ساپ تۇيغۇ تۇنجى ‏تەربىيە ۋاقتىدا يىتىلىشكە ‏باشلايدۇ. بالا بإشۈكتىكى چاغدا ئانىنىڭ ئەللىيى ‏ئارقىلىق ئانا تىلنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. شۇ ‏سەۋەپلىك  كىشىلەرنىڭ ‏ئەڭ سإيىدىغىنى دەل ئانا تىل بولىدۇ. ئىنساننىڭ روھىنى تەشكىل قىلغان ‏‏تۇيغۇ، ئېتىقاد، ئەخلاق، زوق، ۋىژدان ۋە گۈزەللىك قاراشلىرى دەل ئاشۇ تىل ‏ئارقىلىق شۇ ئىنسان  ‏ياشاۋاتقان  ۋە تەربىيىسنى ئالغان جەمئىيەتتىن ‏كېلىدۇ.

    شۇڭا، نۇرغۇن سوتسىيالوگلار << مىللەت >> ‏ئوقۇمىنى<< تىل، دىن، ‏ئەخلاق ۋە گۈزەللىك تۇيغۇسى جەھەتتىن ئورتاق بولغان، يەنى  ئوخشاش ‏‏تەربىيىنى ئالغان ئىنسانلاردىن شەكىللەنگەن توپ >> دەپ قارايدۇ. بۇ  ‏دەل  مىللەت ئىرق، ئېتنىڭ ‏مەنبە ۋە قانداشلىقتىن بەكرەك تۇيغۇنى ئاساس ‏قىلىدۇ، دېگەنلىكتۇر. ئەمەلىيەتتىمۇ ھەر قانداق بىر ‏ئىنسان ئإز ھاياتىدا ‏تىل، تۇيغۇ، ئېتىقاد ۋە زوق جەھەتتىن ئورتاق بولغان ئىنسانلار بىلەن ‏بىرلىكتە ‏ياشاشنى خالايدۇ. چۈنكى، ئىنساننىڭ خاراكتېرى تەندە ئەمەس، ‏روھتا بولىدۇ. شۇڭا، ئىنساننىڭ ‏جىسمانىي  ئالاھىدىلىكى ئىرققا تايانسا، ‏مەنىۋىي قىياپىتى (مەنىۋىي ماھارىتى) ئإزى تەربىيىسىنى ‏ئالغان گۇرۇھ ‏ياكى مىللەتتىن كېلىدۇ. ئالىكساندىر ماكىدونوۋىسكىي (ئىسكەندەر ‏زۇلقەرنەيىن)نىڭ ‏مۇنداق بىر سإزى بار:<< مىنىڭ ھەقىقىي دادام فىلىپ ‏ئەمەس، بەلكى ئارىستوتىل. چۈنكى ‏بىرىنجىسى مىنىڭ جىسمىمنىڭ، ‏ئىككىنجىسى مىنىڭ روھىمنىڭ بارلىققا كېلىشىگە سەۋەپ بولغان.>> ‏‏مۇستاپا كامال << جىسمىمنىڭ ئاتىسى رىزا ئالى ئەپەندى، پىكرىمنىڭ ‏ئاتىسى زىيا گإكئالپ>> ‏دېگەن. ھەقىقەتەن، ئىنسان ئۈچۈن مەنىۋىي ‏مەۋجۇتلۇق ماددىي مەۋجۇتلۇقنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. ‏شۇنىڭدەك تەربىيىنىڭ ۋە ‏ئىدىئال -- غايىنىڭ  مىللىي بولىشى شەرت قىلىنىدۇ. نورمال بىر ئىنسان ‏‏تۇيغۇسى يىتىلىۋاتقان مەزگىلدە  قايسى مىللەتنىڭ  تەربىيىسىنى ئالسا، ‏ئۇنىڭغا شۇ مىللەتنىڭ ‏تۇيغۇسى سىڭىدۇ ۋە شۇ مىللەتنىڭ ئىدىئالى-- غايىسى ‏ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدۇ. ئىدىئال – غايە ‏ئىنساننىڭ ھاياجان مەنبەسىنى ‏تەشكىل قىلىدۇ. ھالبۇكى، ھەر قانداق بىر ئىنسان ئۈچۈن تەربىيىسىنى ‏‏ئالمىغان مىللەتنىڭ ئىدىئالى-- غايىسى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ ھاياجىنىنى ‏قوزغىيالمايدۇ ھەم شۇ ئىنسان ‏ئۇنداق مىللەتنىڭ كىچىككىنە بىر  ھاجىتى ‏ئۈچۈنمۇ كۈچ چىقىرىشنى خالىمايدۇ. ئەكسىچە ‏تەربىيىسىنى ئالغان ‏مىللەتنىڭ ئىدىئالى-- غايىسى ئىنساننىڭ روھىنى ھاياجانغا سالىدۇ. شۇ ‏كىشىمۇ ‏ئاشۇ مىللەتنىڭ تەقدىرى ئۈچۈن كۈچ چىقرىدۇ، ھەتتا ھاياتىنى ‏قۇربان قىلىدۇ. بەخت قارىشىمۇ بۇ ‏ئارقىلىق قانائەت تاپىدۇ. ‏ئۇيغۇرلاردىكى << كاۋا ئىچىدە ئإسسەڭ يومىلاق بولىسەن، تەرخەمەك ‏‏ئىچىدە ئإسسەڭ ئۇزۇنچاق >>، << ئىشەككە ئەگشكەن ئاتمۇ ھاڭرايدۇ >> ‏دېگەن ماقال – ‏تەمسىللەردە  بىر كىشىنىڭ روھىي دۇنياسىنىڭ ۋە  ‏ئەتراپقا تۇتقان پوزىتسىيىسىنىڭ قانداق بولىشىنىڭ ‏دەل شۇ كىشى ‏ياشىغان جەمئىيەت ۋە ئاشۇ جەمئىيەتتىن ئالغان تەربىيە بىلەن ‏مۇناسىۋەتلىك ‏ئىكەنلىكى ناھايىتى ئوبرازلىق چۈشەندۈرۈلگەن .

    ‏ ‏ تارىخنىڭ مەلۇم بىر باسقۇچىغا كەلگەندە، مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇق ۋە ‏تەرەققىيات ئېھتىياجى ئاشۇ ‏مىللەتكە ئإزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ تارىختا ‏ئىرىشكەن ھايات، جەمئىيەت ۋە تەبىئەت ھەققىدىكى ‏چۈشەنچىلىرىنى ۋە ‏ئىجادىيەتلىرىنى مىللەتنىڭ ۋارىسلىرىغا تۇيغۇ سۈپىتىدىلا ئەمەس، ‏بەلكى يەنە  ‏پىكىر ۋە پەن سۈپىتىدە يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئۇلارنى يېڭى بىر ‏كۈچ ۋە يېڭى بىر مەنبەگە ‏ئايلاندۇرۇشنىڭ زإرۈرلىكىنى ھېس قىلدۇرغان. ‏شۇنىڭ بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ ھەر ساھەدە  ياراتقان ‏بىلىم ۋە چۈشەنچە -- ‏ئۇقۇملىرى سىسىتېمىلاشتۇرۇلۇپ، تەشكىللىك شەكىلدە بەلگىلىك بىر مىتود، ‏شەكىل ‏ۋە ئۇسۇل بويىچە يەتكۈزىلىشكە باشلىغان. مانا بۇ پەن بىلىملىرىنى ‏سىڭدۈرۈش(ئوقۇتۇش)نى ‏مەقسەت قىلغان  مەكتەپ مائارىپى. دېمەك، ‏تەربىيە ئىنسانغا مىللىيلىكنى سىڭدۈرۈش مەقسىتىدە ‏مەيدانغا كەلگەن. ئۇ ‏تۇيغۇغا تايانغان ۋە تەشكىلىي ئورگانسىز ھالدا  يۈرگۈزىلگەن. مائارىپ ‏‏ئىنسانغا پەن بىلىملىرىنى ۋە ئوقۇملىرىنى سىڭدۈرۈش  مەقسىتىدە مەيدانغا ‏كەلگەن. ئۇ پىكىر-- ‏مىتودقا تايانغان ۋە تەشكىلىي ئورگاننىڭ ۋاسىتىسى ‏ئارقىلىق يۈرگۈزىلگەن.‏ مەكتەپ بارلىققا كەلگەندىن كېيىن تەربىيە مائارىپنىڭ تەركىۋىگە ‏قوبۇل قىلىنغان ۋە تېخىمۇ ‏قاراتمىلىق ۋە سىستېمىلىق ھالدا سىڭدۇرۇلۇش ‏ئىمكانىيىتىگە ئىرىشكەن. نەتىجىدە مائارىپ  ‏ئىنساننى روھىي ۋە بىلىم ‏جەھەتتىن كامالەتكە يەتكۈزىدىغان ئاساسىي ۋاسىتە دەپ قارالغان. ‏دېمەك، ‏مائارىپ مىللىي مەدەنىيەت (‏文化‏) بىلەن مىللەتلەر ئارا مەدەنىيەت(‏文明‏)تىن ‏ئىبارەت ‏ئىككى ئامىلنىڭ بىرلەشمىسىدۇر. يۇقىرىدا دېيىلگىنىدەك، تەربىيە ‏مىللىيلىككە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن ‏ۋە ئىنساندا مىللىي سۈپەت يارىتىشنى ‏مەخسەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، مائارىپتا مىللىي تەربىيىگە ‏قانداق ‏پوزىتسىيە تۇتۇش مەسىلىسى مىللەتنىڭ كېلىچىكىنى  ۋە  شەخسنىڭ  ‏تەقدىرىنى بەلگىلەپ ‏قويىدىغان ئامىلغا ئايلانغان. ئەلبەتتە مائارىپتا ‏تەربىيە  تارىخ، ئەدەبىيات، پەلسەپە ۋە سەنئەت ‏قاتارلىق جەمئىيەت ‏پەنلىرى(ئىجتىمائىي پەنلەر) ئارقىلىق سىڭدۈرىلىدۇ. مىللىي مەدەنىيەت ‏بۇنداق ‏پەن شەكلىدە يەتكۈزۈلگەندە، ئۇنىڭ مەنبەسى، خاراكتېرى، ‏تەرەققىيات جەرىيانى ۋە ھاياتى كۈچى ‏تېخىمۇ ئېنىق گەۋدىلىنىپ، مىللەتنى ‏چۈشۈنىش چوڭقۇرلىشىدۇ، مىللەتكە بولغان ھإرمەت ۋە باغلىنىش ‏تېخىمۇ ‏كۈچىيىدۇ.

    ئەجدات بىلەن ئەۋلاد ئارىسىدا، تارىخ بىلەن كەلگۈسى ‏ئوتتۇرىسىدا ھېسيات ۋە ‏پىكىر كإۋرۈكى ياسىغىلى  بولىدۇ. مىللەتنىڭ ‏زىھنىي قۇۋىتىگە، ئۇنىڭ  ۋۇجۇدىدىكى روھقا ۋە كۈچ-- ‏قۇۋۋەتكە قارىتا ‏ئىشەنچنىڭ شەكىللىنىشىمۇ پەقەت تەربىيە ئارقىلىق مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ‏سىڭىشى ‏نەتىجىسىدە مەيدانغا كىلىدۇ. << مىللىي مائارىپ >> دېيىلگەندە ‏كإزدە تۇتىلىدىغىنىمۇ نوقۇل تىللا ‏ئەمەس، يەنە تەربىيىنىڭ ۋە جەمئىيەت ‏پەنلىرىنىڭ مىللىي خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولىشىدۇر. بۇ يەردە ‏مۇھىمى بۇ ‏پەنلەردە مىللىيلىكنىڭ بولۇش ياكى بولماسلىقىدۇر. ئەگەر مائارىپتا ‏جەمئىيەت پەنلىرى ‏مىللىيلىكتىن  خالى ھالدا ئوتتۇرىغا چىقسا ياكى ‏مائارىپ بىر ئىدىئولوگىيە تەرىپىدىن كونترول ‏قىلىنسا، روھ بىلەن ‏بىلىمنىڭ ماسلىشىشى، يەنى كىتاپ بىلەن ھاياتنىڭ مۇۋازىنىتى بوزۇلۇپ، ‏‏ئادەمنىڭ ئويلىغانلىرى تۇيغۇسىغا زادىلا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ھادىسە يۈز ‏بىرىدۇ. يەنى پىكىر ‏بىلەن تۇيغۇ داۋاملىق تىپىشىدۇ. تەربىيە مىللىي ‏مەدەنىيەتنىڭ شەخسلەرنىڭ روھىدا ئەكىس ئېتىشى ‏بولغانلىقتىن، بىر ‏ئىنساننىڭ روھى باشقا مىللەتنىڭ باشقا دەۋردىكى مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ ‏‏تەركىپلىرى(ياكى داشقاللىرى) بىلەن تولدۇرۇلسا، شۇ كىشى گەرچە ھەر كۈنى ‏ۋە ھەر سائەت ئإزىنىڭ ‏مىللىي مەدەنىيىتى ئىچىدە ياشاپ تۇرسىمۇ، لېكىن ‏ئإزىنىڭ  مىللىي مەدەنىيىتىگە يات ئادەمگە ‏ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇنىڭ ‏بىلەن ئۇنىڭ روھىدا قارارسىزلىق، غەيرەتسىزلىك ۋە خاراكتېرسىزلىك ‏‏ھادىسىسى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. شۇڭا، تۇيغۇغا ماس كەلگەن پىكىر<<تىرىك ‏پىكىر>> دېيىلسە، ‏تۇيغۇغا ماس كەلمىگەن پىكىر <<كإلەڭگە پىكىر>> ‏دېيىلىدۇ. مائارىپتا مىللىي تەربىيىدىن مۇستەسنا  ‏بولغانلار كاللىسى ‏پۈتۈنلەي كۈلەڭگە پىكىرلەر بىلەن تولۇپ كەتكەچكە، ئۇلارنىڭ غەيرەت ‏‏-- ‏شىجائىتى ئېنىق بىر شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىقالمايدۇ ھەم تەرك ئىتىلگەن ‏ۋە ھەرىكەتسىز بىر ئەھۋالغا ‏چۈشۈپ قالىدۇ. كىشىلەر بىلىم جەھەتتىن ‏قانچىكى يۇقىرى سەۋىيىدە بولىشىدىن قەتئىينەزەر، خاراكتېر ‏جەھەتتىن ‏ئۈمىتسىز، گۇمانخور، چۈشكۈن ۋە روھىي كىسەل ئادەمگە ئايلىنىپ ‏قالىدۇ ۋە مىللىيلىكتىن ‏شۇنچە يىراقلىشىپ كىتىدۇ.

   نەتىجىدە مىللەتنىڭ بۈيۈك ‏قىممەت ئإلچەملىرى مەسخىرە  تېمىسىگە ‏ئايلىنىپ ئىنكار قىلىنىدۇ. ‏جەمئىيەتنىمۇ ئەخلاق كرېزىسى قاپلاشقا باشلايدۇ. دېمەك، بۇنداق مىللەتتە ‏‏بىلىمدە ئەڭ كامالەتكە يەتكەن كىشى  روھ ۋە ئەخلاقتا ئەڭ ناچار ئادەم ‏بولۇپ چىقىدۇ. ‏ ‏  تارىختا گېرمانلار بىلەن ئېنگلىزلار تەربىيە بىلەن بىلىم بىرىش-- ‏مائارىپنى، يەنى تۇيغۇ بىلەن ‏پىكىرنى بىر بىرىگە ماسلاشتۇرۇشتا تۇنجى ‏بولۇپ ئۇتۇق قازانغان مىللەتلەردۇر. بۇ مىللەتلەردىكىگە ‏ئوخشاش ‏غەرپ‎ ‎ۋە شەرقتىكى نۇغۇن دإلەتلەردە ۋە مىللەتلەردە  تەدبىقلىنىۋاتقان ‏باشلانغۇچتا ‏تەربىيىنى ئاساس، بىلىم بىرىشنى قوشۇمچە قىلىش، ئوتتۇرا ‏مەكتەپ باسقۇچىدا تەربىيە بىلەن بىلىم ‏بىرىشنى تەڭ ئورۇنغا قويۇش، ‏ئالىي مائارىپتا بىلىمنى سىستېمىلىق يەتكۈزۈشتەك مائارىپ سىياسىتى ‏‏ئۇلاردا بىلىم تەربىيىگە ئەگىشىدىغان ۋە پىكىر تۇيغۇنىڭ ئىزىدىن ‏ماڭىدىغان تەپەككۇر قورۇلمىسىنى ‏شەكىللەندۈرۈپ، مىللەت ئەزالىرىنى ‏خاراكتېرى ئېنىق، روھى ئازادە،  غۇرۇر ۋە شەرەپ تۇيغۇسى ‏كۈچلۈك، ‏ئەجداتقا  سادىق، مىللىي قەدىر – قىممەتنى ئەتىۋارلايدىغان، ئىلمىي ‏سالاھىيىتى ئۈستۈن ‏ۋە ھەر ئىشتا  تەشەببۇسكار كىشىلەرگە ئايلاندۇرغان ‏ۋە مىللىيلىككە شۇنچە يېقىنلاشتۇرغان. دېمەك، ‏بۇنداق مىللەتلەردە  بىلىمدە ‏ئەڭ كامالەتكە يەتكەن كىشى روھى ئەڭ پاكىز ۋە ئەخلاقتا ئەڭ ‏مۇكەممەل ‏ئادەمگە ئايلانغان.‏ بۇنىڭدىن مەلۇمكى، تەربىيە ئىنسانغا مىللىي مەدەنىيەتنى سىڭدۈرۈش ‏ئارقىلىق ئۇنىڭ روھىنى ۋە ‏ھېسياتىنى تەربىيىلەپ، مىللەت ئۈچۈن ‏دورۇست ۋە خەتەرسىز ئادەمنى يارىتىدۇ. بىلىم بىرىش-- ‏مائارىپ  ‏‏(ئوقۇتۇش)  ئىنساننىڭ مېڭىسىنى ۋە ئەقلىنى تەربىيىلەپ، مىللەت ئۈچۈن ‏كەسپ ئەھلىنى ‏يارىتىدۇ. ئىنسان پەقەت مانا شۇنداق پاكىز روھ ۋە ‏زإرۈر بىلىمگە ئىرىشكەندىلا، ئاندىن مىللەت ‏ئۈچۈن بىر خىل بايلىققا، بىر ‏خىل كۈچكە ۋە مىللىي ئىستىقبال ئۈچۈن كىرەكلىك مەنبەگە ئايلىنىدۇ. ‏

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 689 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01