توردىن چۈشۈرگەن ماتېرىيالنى ھەقسىز تارقاتسا بولامدۇ؟

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

سوئال :

    مەن توردىن بىر قىسىم خېمىيە، فىزىكا ئوقۇتۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى چۈشۈرىۋالغان ئىدىم، مەن بۇ ئەسەرلەرنى تەرجىم قىلىپ ئوقۇتۇشتا ئىشلەتسەم ۋە  توردا ھەقسىز تارقاتسام بۇ ئەسەر ھوقۇقى قانۇنىغاخىىلاپمۇ؟

جاۋاپ:   

 ئەسەر ھۇقۇقى قانۇنىنىڭ 3-ماددىسىدا «بۇ قانۇندىكى ئەسەر تۆۋەندىكى شەكىلدە ئىجات قىلىنغان ئەدەبىيات،سەنئەت، تەببى پەن، ئىجتىمائي پەن ۋە قۇرلۇش تېخنىكىسى ئەسەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ»دىيىلىپ بۇنىڭ 8- تارمىغىدا«كومپيوتىر يۇمشاق ماتېرياللىرى» نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىغى بەلگىلەنگەن. دىمەك فىلەش خېمىيە ئۇقۇتۇش قورالى كومپىيوتىر يۇمشاق دېتالىغا تەۋە بولغاچقا ئۇمۇ دەل مۇشۇ قانۇندىكى ئەسەرگە كىرىدۇ.

        ئەسەر ھۇقۇقى قانۇننىنىڭ 22- ماددىسىدا «ئەسەر تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللاردا ئىشلىتىلسە ئەسەر ھۇقۇق ئىگىسىدىن رۇخسەت ئالمىسىمۇ ، ئۇنىڭغا ھەق بەرمىسىمۇ بولىدۇ. » دىيىلىپ بۇنىڭ  6-تارمىغىدا «مەكتەپلەرنىڭ دەرىسخانىلىردا ئۇقۇتۇش ياكى پەن تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ، ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىپ ياكى ئاز ساندا كۆپەيتىپ ئۇقۇتۇش خادىملىرنى ياكى پەن تەتقىقات خادىملىرنى تەمىنلىسە.  بىراق نەشىر قىلىپ تارقىتىشقا، تور بەتلەردە تارقىتىشقا بولمايدۇ» دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن. دىمەك سىزنىڭ يۇقارقى ئۇقۇتۇش دېتالىنى ئۇقۇتۇش ئىشلىرىغا  ئىشلىتىش ئۈچۈن تەرجىمە قىلىپ ، كۆپچىلىكنىڭ دەرىسخانىدا ئۇقۇتۇشقا ئىشلىتىشىگە قولايلىق يارتقان ھەركىتىڭىزدىن ئەسەر ھۇقۇقىغا دەخلى قىلىش مەسئۇلىيىتى شەكىللەنمەيدۇ. ( يەنى :دۆلەت ئەسەر ھۇقۇقى ئېگىسىنىڭ مۇشۇ خىل ئەھۋالدىكى ئەسەر ھۇقۇقىنى چەكلەيدۇ  يەنى قوغدىمايدۇ ). 

        ئۇنىڭ ئۈستىگە ساتقۇچى سىزگە قۇشۇپ بەرگەن يېشىش دېتالىنى ، ئۇقۇتۇش دېتالىنى ئەسلى نەشىر قىلغۇچى ئۇرۇن  مەھسۇلات بىلەن بىرگە قۇشۇپ تەمىنلەپ بەرگەن بولسا، بۇنى مەلۇم جەھەتتىن ئەشۇ ئەسەر ھۇقۇقىنى ئىشلىتىشكە ئىجازەت قىلىش دەپ چۈشۈنۈشكىمۇ بولىدۇ لېكىن باشقىچە چۈشەنچە بىرىش ئېھتىماللىغىمۇ مەۋجۇت. شۇڭا بۇ ئىشتىن قىسمەن پايدىلىنىشقا بولىدۇ .   

        دىمەك سىز يۇقارقى ھەركىتىڭىزنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئەنسىرەپ كەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ .

        لېكىن ئەسەر ھۇقۇقى قانۇنىنىڭ 22- ماددىسىدىكى باشقا بەلگىلمىلەرگە ئاساسلانغاندا سىز ئەسەر ھۇقۇق ئېگىسىنىڭ يۇقارقىدەك قانۇندا قوغدالمايدىغان ھۇقۇقىدىن باشقا ھۇقۇقلىرىغا كاپالەتلىك قىلىشىڭىز كېرەك . يەنى بۇ دېتالنىڭ ئەسلى ئاپتۇرى ۋە ئەسلى نامىنى ئەسكەرتىپ  قۇيۇشىڭىز لازىم. ئەسەرنى بۇرمىلاپ ئۆزگەرتىۋەتمەسلىگىڭىز، رۇخسەتسىز نەشىر قىلماسلىغىڭىز لازىم.

       سىزنىڭ  ئۇقۇتۇش ئىشلىرى ئۈچۈن كۈچ چىقارغىنىڭىزنى مەدىھيەلەشكە ئەرزىيدۇ.  قانۇننىڭ  دولەت ۋە خەلىققە پايدىلىق ئىشلارنى رىغبەتلەندۈرىدىغان  ئېغىشچانلىغىدىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ باشقىلارنىڭ ھۇقۇقىغا دەخلى قىلىندىغان بۇنداق ياخشى ئىشلار ھەر خىل قانۇنلاردا مۇئەييەن دائىرىدە رۇخسەت قىلىنغان ھەتتا قوغدالغان . شۇڭا خاتىرجەم ھالدا مۇئارىپ ئىشلىرىغا ھەسسە قۇشۇۋېرىڭ .  كۆپچىلىك قوللايمىز .

[admin تەستىقلىدى . 2010-2-15 15:37:47]
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 670 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01